• 2011-01-15

    پادىشاھ كالتە ئىشتانمۇ كىيمىگەن بولسا... - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/99535769.html

    پادىشاھ كالتە ئىشتانمۇ كىيمىگەن بولسا...

    ئاخىرى ھەقىقەت ئاشكارىلاندى. جېجاڭنىڭ يىۋۇدىن چىققان بىر پارچە رەسىم شەنشىدىن چىققان ھېلىقى داڭقى پۇر كەتكەن ”جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى “نىڭ تېرىسىنى سويۇۋالدى، ئەزەلدىن گۇمانىي سوئاللارغا مەھكەم ئېسىلىۋالىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى غەيرىتى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ «جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»غا ئەجەللىك زەربە بولدى.

    شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرەپ ئىلىگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئىلمىي تەكشۈرۈش تەشكىللىگەن ، شەنشى ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق نازارىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى جېنپىڭ بازىرىدا جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى باردېگەن خۇلاسىنى چىقىرىپ، «جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، دوكلاتتىكى جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى مەۋجۇت دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشتىكى ئاساسلىق پاكىت: يولۋاسنىڭ ئاياق ئىزى، كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىسى، يولۋاسنىڭ ھۆركىرىشىدىن ئىبارەت. ھازىر بۇ ئۈچىنىڭ ئىسپات بولالمايدىغانلىقى بىر-بىرلەپ دەلىللەندى، ھەتتا يولۋاسنىئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى“ گۋاھچىمۇ يولۋاسنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى(11-ئينىڭ 20-كۈنىدىكى «چېڭدۇ سودا گېزىتى»).شۇنىڭ بىلەن بۇ «جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ”ساختا تەكشۈرۈش دوكلاتى“غا ئايلىنىپ قالدى.

    شۇ جايلىق دېھقان جۇجېنلۇڭ روياپقا چىقارغان يولۋاسنىڭ سۈرىتى كەڭ كۆلەملىك گۇمانىي سوئاللارغا نائىل بولغاندا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ ”جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى سۈرەتنىڭ ساختا-چىنلىقىدىن مۇھىم “ دېگەن مۇقامغا توۋلىدى؛ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇنداق بۇراش كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر ئۇسۇل بولسا كېرەك. ئەمما بۇ مۇقام : بۇ جايدا چوقۇم جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى بار، دېگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، «جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلاندى، ھەتتا ”جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى ھەقىقەتەن مەۋجۇت “ دېگەن نەرسىمۇ قىپقىزىل يالغان”مازاق قىلىش ئوبيېكتى “غا ئايلاندى. بۇ تېخىمۇ ئەجەللىك زەربە بولۇپ، جۇجېنلۇڭنىڭ يالغانچىلىقى پەقەتلا بىر دېھقاننىڭ يالغانچىلىقىدىن ئىبارەت ، بۇ گويا پادىشاھنىڭ ”يېڭى كىيىم“ كىيمىگەنلىكىنى ئېچىپ تاشلىغاندەكلا ئىش؛ «جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» نىڭ ساختىلىقىنى ئېچىپ تاشلاش بولسا شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىغان” بىر دۆۋە ئەرزىمەس نەرسە“ يەنى پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىم كىيمەيلا قالماستىن ھەتتا كالتە ئىشتانمۇ كىيمىگەنلىكىنى ئېچىپ تاشلىغانلىق!

    كىچىكىمدە «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دېگەن چۆچەكنى ئوقۇغانىدم، ئۇنىڭدىكى قىستۇرما رەسىمدە پادىشاھ يالىڭاچ ھالدا غادايغىنىچە كوچىدا كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى بار ئىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئەۋرىتىنى ياپقۇدەك كالتە ئىشتىنى بار ئىدى. بۈگۈنكى ”يولۋاس ۋەقەسى “ دىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئەگەر ئاشۇ كىچىككىنە كالتە ئىشتىنىمۇ ساختا بولسا، بۇ نېمە دېگەن سەتچىلىك ھە؟!

    ”يولۋاس بار، يولۋاس بار، ئەلۋەتتە يولۋاس بار “ دېگەن كۈچلۈك ئۆزلۈك پىسخولوگىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىرقى سىياسىي نەتىجىسى ۋە كەلگۈسىدىكى مەپىئەتنىڭ قىزىقتۇرىشى ئاستىدا بەزى ھوقۇق بېشىدىكى ئەمەلدارلار ھوقۇق تۇتقانسېرى دۆتلىشىپ، بىر قەغەز يولۋاسنىڭ بۇرنىدىن يېتىلىشى بىلەن ”يالىڭاچ يۈگۈرۈشمەكتە “. بۇ ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن ئادىمىيلىكىدىكى پەسكەشتلىكنى تۈگىتىش بىر دېھقانغا قارىغاندىمۇ قىيىنغا چۈشكەن. ئۇلار پەقەت”جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى بىزنىڭ ئالتۇن كارتىمىز “ دېگەننىلا ئويلىغان، بۇ” ئىسىم كارتا“ نىڭ ”ئالدام كارتىسى “ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. بىلىش كېرەككى ھازىرقى دەۋر ئەمەلدار نېمە دېسە پۇقرالار يۇۋاشلىق بىلەن قۇلاق سالىدىغان، ئەمەلدارنىڭ دېگىنىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىدىغان زامانلار ئەمەس، ئەگەر پادىشاھ كالتە ئىشتان كىيمىسە ھامان ئېچىپ تاشلىنىپ مازاققا قالىدۇ.

    قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن بۇ يەردە كىتابخۇمارلىق مىجەزىم بىلەن بىر كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن، يەنى دۆلىتىمىزنىڭ بىر ئالىي رەھبىرى زېرىكمەي قايتا-قايتا ئوقۇغان، قەدىمقى رىملىق پادىشاھ پەيلاسوپ ماركوس ئاۋرېليۇسنىڭ  «تەپەككۈر خاتىرىسى» دېگەن كىتاب. مەنپىئەتنى دەپ ئەقلىدىن ئازغان ئاشۇ ئەمەلدار ۋە مۇتەخەسىسلەرگە بۇ كىتابنىڭ ئاز-تولا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئاۋرېليۇسنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئېيتقاندا ئىنسانىيەتتە مەڭگۈ چىن نەرسە پەقەت ئالەمنىڭ ئىدراكى. ئاۋرېليۇس مۇنداق دەيدۇ: ”قەلبنى ھوزۇرلىنىشقا تېگىشلىك ئەركىنلىكتىن بەھرىمان قىلىش كېرەككى، تەساددىپى پۇرسەتكە تاينىدىغان قىلىپ قويماسلىق كېرەك؛ ئىدراك قوللىمىغان ھەرقانداق نەرسە، گەرچە ئۇ كىچىككىنە ئەرزىمەس نەرسە بولسىمۇ كۆڭلىدە تەلىيىم كېلىپ قالارمىكى دەپ قارىماسلىق كېرەك. “ بىزدىكى سىياسىي دەسمايە غالتىگە چىقىۋالغان ئاشۇ ئەمەلدارلاردا باشتىن ئاخىر كۈچلۈك تەلىيىنى سىناش پىسخىكىسى مەۋجۇت بولغاچقا، ” ئالەم ئىدراكى “ دېگەنلەر خىيالىغا كېلەتتىمۇ؟! ئاۋرېليۇس يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”مۇھىم ئىشلا بولىدىكەن، مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ ئارقىغا سۆرىمەسلىك، شۇنداقلا كېلىشمەسلىكلەرنى باشقلاردىنلا كۆرمەسلىك، چوقۇم ئىشنىڭ باش ئايىقى مەلۇم بولاي دېگەندىلا دەرھال بىر تەرەپ قىلىش. ھەر قانداق ئىشتا، پىكىر تەكلىپ بەرگەندىمۇ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، چوقۇم ياخشى نىيەتتە بولۇش. “ ئەمما بىزنىڭ ”يولۋاسنى سۈرەتكە تارتقان باتۇر “ ىمىز ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدكى ئەمەلدارلار گۇمانىي سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەي كەينىگە سۆرىگىنى سۆرىگەن، ئۇلارنىڭ ” ياخشى نىيىتى“ نى ئاللىبۇرۇن يولۋاس يېۋەتكەن چېغى، نەدىمۇ پىكىر قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىسۇن؟!

    «تەپەككۈر خاتىرىسى» دە ”يولۋاس ۋەقەسى “ دىكى ئەمەلدارلارنىڭ قۇلىقىغىلا قۇيۇپ قويغۇدەك يەنە بىر ئابزاس سۆز بار : ”ئەگەر مەنپىئەت لەۋزىڭدىن يېنىشقا قىستىسا، كەمتەرلىكنى تاشلاتقۇزسا، ئەگەر ئۇ سېنى باشقىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا، باشقىلاردىن گۇمانلىنىشقا ياكى باشقىلارنى قارغاشقا قىستىسا، ۋە ياكى شەرمەندە ئىشنى قىلىشقا قىستىسا، ياكى بولمىسا ئۇ سېنى دۇنيا بىلەن قارمۇ-قارشى قىلىپ قويماقچى بولسا ئۇنداقتا بۇنداق پايدا-مەنپىئەتنى ھەرگىز ئويلاشما.“ دەل مانا پايدا-مەنپىئەت بەزىلەرنى دۇنيا بىلەن ئۆلگۈچە قارشىلاشتۇرۇۋاتمامدۇ؟ ”يولۋاس ۋەقەسى “ دىكى ئەمەلدارلار مانا شەرمەندە ئىشنى قىلىۋاتمامدۇ؟ ئۇلارنى قەدىمقى رىمنىڭ بۇ پەيلاسوپىغا سېلىشتۇرغىلى بولارمۇ؟ يىراقتىكىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ھەتتا يېقىنقى زاماندىكى ” خۇمېندا ئەپيۈن كۆيدۈرگەن“ فېئودالىزم جەمئىيىتىدىكى ئادىل ئەمەلدارلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ.

    ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە شۇ جادىكى ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كىرزىسقا تاقابىل تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى چارە – تېزلىكتە پاكىتنى ئېتىراپ قىلىش، سەمىمىيلىك بىلەن ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش، تەجىرىبە ساۋاقلارنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلىپ، ھەقىقى تۈردە پۇقرالارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • راسىت گەپ قىلماسلىق ، راسىت گەپ قىلالماسلىق ، راسىت گەپ قىلىشا جۇرئەت قىلالماسلىق ئورتاق كىسەلگە ئايلىنىپ قالدى .
    ئارغۇ回复radiofan说:
    فېليەتونلىرىمنى ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
    2011-01-19 04:59:27