• 2011-02-21

    كىملىك - [پوۋېست]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106249208.html

    كىملىك

    (پوۋېست)

    [ئامېرىكا] جويس كارلوس ئاۋتېس

     

    — كىملىكىنى دەلىلەيمىز، لىسېتتې مۇلۋېي بىلەن كۆرۈشىمىز،— دېيىشتى ئۇلار.

    ئويلىمىغان ئىش بولدى.

    قىشنىڭ قايسى ئايلىرى بولغىيتتى، قاغىش تەككۈر دۈشەنبە ئىدى. سائەت توققۇزدىن 40مىنۇت ئۆتتى، ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى. بۇ يىل يېڭىلا باشلانغان بولسىمۇ، لسېتتېنىڭ قارىشىچە بۇ يەردىكى كەيپىيات گويا ئالەم بوشلۇقى ھەققىدىكى بىر مەيدان فانتازىيەلىك كىنودەك غەلىتىلىككە تولغان ئىدى.

    ئۇ كۈنى يۇقىرى يىللىقتىكى ئوغۇللار لىسېتتېغا پىۋا ئىچكۈزۈپ قويدى، ئۇ مەس بوپ قېلىپ راسا كۈلكىگە قالدى. بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك بولغاچقا ئوغۇللارلا ئەمەس لىسېتتې ئۆزىمۇ كۈلۈەتتى. ئەمما بۇ مازاق ئەمەس ئىدى، ھېچ بولمىغاندا لىسېتتېنىڭ قارشىدا مازاق كۈلكىسى ئەمەس ئىدى، بۇ ئوغۇللارنىڭ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن دەپ بىلەتتى. «لىزاتتې» — «لىزاتتې» بۇ ئوغۇللارنىڭ ئۇنىڭغا قويغان لەقىمى بولۇپ، بۇنداق دەپ چاقىرغان ئاۋاز كالتەك توپنى ئۇرغاندىكى ئاۋازدىنمۇ كۈچلۈك ئاڭلىناتتى. ئوغۇللار قوللىرى تېزلىكتە ئۇنىڭ بىلىكى ۋە دۈمبىسىدىن سىپاپ ئۆتتى، لىسېتتېنىڭ تېرىسى گويا كۆيگەندەك بولدى.

    ئۇ كۈنى ئوغۇللار ئۇنى مەكتەپكە بارىدىغان يولدىلا ئېلىپ كېتىشكەنىدى. تولۇقسىز سىنىپلىرى بىلەن تولۇق سىنىپلىرى ناھايىتى يېقىن ئىدى. ئادەتتە لىسېتتې كېيشا ۋە تەنيا بىلەن بىرگە ماڭاتتى، بۇ ئىككى قىز قۇرداشلار ئىچىدە خېلى پىشىپ يېتىلگەن ئىدى، بولۇپمۇ كېيشا باشقا قىزلاردەك تارتىنچاق ئەمەس ئىدى. بۇ ئىككىسى ئوغۇللار بىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى بىلەتتى، ئوغۇللارمۇ بۇلار بىلەن قانداق پاراڭلىشىشنى بىلەتتى، ئادەتتە ئۇلار پەقەت پاراڭلىشىش بىلەنلا چەكلىنەتتى.

    ھازىر  .... ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈۋاتامدۇ؟ بۇ لىسېتتې ئەڭ يامان كۆرىدىغان دەرس ئىدى. ماتېماتىكىدا ئۇ ئۆزىنى دۆتتەك ھېس قىلاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەس. پەقەت بەزى چاغلاردىلا ئۇنىڭ خىياللىرى خۇددى توقۇلۇپ كەتكەن چاچتەك باش ئاخىر چىقمايتتى، توق زەڭگەر رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىۋالغان كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى سىرغىپ قالاتتى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ دوسكىغا نېمىلەرنى يېزىۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. نورۋىچ خانىم دائىم ئىشەنچلىك تەلەپپۇزدا:

    — بۇ مەسىلىنى قانداق ئىشلەيمىز؟ ئەمدى قانداق ئىشلەشنى كىم دەپ بېرەلەيدۇ؟ — دەيتتى.

    ئەلۋەتتە كۆپ ساندىكى بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى چاقىرىپ قېلىشىنى خالىمايتتى، ھەممەيلەن جايىدا مىدىر قىلماي ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن دوسكىغا قارىغاندەك قىلىپ يالغاندىن كۈلۈمسىرىشەتتى. ئوقۇتقۇچى دوسكىغا ھېساب ئىشلەشكە لىسېتتېنى ناھايىتى ئاز چىقىراتتى، بەزىدە ئۇ كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ تەپەككۇر قىلغاندەك بولۇۋالاتتى، كۆزىنى ئاچقاندا بولسا سىنىپتىكى «ئەقىللىق»لاردىن بىرەرسى دوسكىغا چىقىپ، مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى بورنى ئېلىپ ھېسابنى ئىشلەشكە باشلىغان بولاتتى. لىسېتتې داۋاملىق پۈتۈن زېھىنى بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى، چۈشىنىۋېلىشقا تىرىشاتتى، لېكىن بورنىڭ يېشىل رەڭلىك دوسكىدا چىقارغان ئاۋازى ۋە يازغان سانلىرى ئۇنىڭ باشلىرىنى قاپاقتەك، كۆزلىرىنى ئىمىر-چىمىر قىلىۋېتەتتى.

    لىسېتتېنىڭ ئانىسى يۋېتتې سان-سىپىرغا ئىنتايىن سەزگۈر ئىدى. ئۇ خانلىق قىمارخانا 21 نۇقتا تاۋكاسىدا قارتا تارقاتقۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى، قارتا تارقاتقۇچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىنتايىن ئەقىللىق، ئىنكاسى تېز بولۇش، ئۆزىنىڭ ھەرۋاقىت نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.

    قارتا ھېسابلاش قىلمىشى بەلگىلىمىدە چەكلەنگەن. ئەگەر بىرەرسىنىڭ قارتا ھېسابلاۋاتقانلىقىنى بايقىغاندا چوقۇم شۇ ھامان پاش قىلىش كېرەك. يۋېتتې دائىم: ھامان بىر كۈنلىرى ئىسمىمنى ئالماشتۇرۇپ، چېچىمنى باشقا رەڭدە بوياپ، پۈتۈنلەي باشقىچە قىياپەتتە لاسۋىگاسقا بېرىپ 21 نۇقتا ئوينايمەن، رېناۋلتتەك كىچىكرەك شەھەردە بولسىمۇ مەيلى، قارتا ھېسابلاش ماھارىتىمگە تاينىپ راسا بىر ئۇتۇۋالسام، دەپ ئويلايتتى.

    لىسېتتې ئەگەر ئۇنىڭدىن:

    — ئانا، شۇ چاغدا مېنىمۇ ئېلىپ بارغىن، ماقۇلمۇ؟ — دەپ سورىسا، گويا ئۇنىڭغا ئەخمىقانە سوئالنى سورىغاندەك تۇيۇلاتتىدە، قوشۇمىلىرىنى تۇرۇپ:

    — قەدىرلىكىم، مەن چاقچاق قىلىپ قويدۇم، قىمارخانىدىكى ئەبلەخلەرنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ، — دەيتتى.

    لاسۋىگاس بىلەن رېناۋلت ھەر ئىككىلىسىلا يۋېتتېنىڭ بېرىش نىشانى ئەمەستى، بۇ تەرىپى ئۇنىڭغا ئايدىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىملىرى تېخى ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس ئىدى.

    7-يىللىقتىكى چاغلىرىدا لىسېتتې ماتېماتىكىدا ناھايىتى ياخشى ئىدى، يالغۇز ماتىماتىكىدىلا ئەمەس باشقا پەنلەردىمۇ ياخشى ئىدى، كۆپىنچە پەنلەردە ئۇ B نومۇر ئالاتتى، ئانىسى ئۇنىڭ نەتىجە قەغەزلىرىنى ئاتكىرتكىنى چاپلىغاندەك توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە قاتار چاپلىۋېتەتتى. شۇغىنىسى بۇ ئىشلار گويا ناھايىتى ئۇزاق بولغاندەك تۇيۇلىدۇ.

    لىسېتتې تىپىرلاپ ئولتۇرالمايۋاتاتتى، گويا بىر چۈمۈلە ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن كىرىپ پۈتۈن بەدىنىنى بويلاپ ئۆمۈلەپ يۈرگەندەكلا ئارامسىزلىنىۋاتاتتى، چۈمۈلە ئۇنىڭ قولتۇقىدا، يوتىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇنى توختىماي چېقىۋاتقاندەك ئىدى. بەدەنلىرى شۇنچە قىچىشىۋاتقان بولسىمۇ قاشلاشقا بولمايتتى، چۈنكى قاشلىسا بەدەنلىرى قاناپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما سىلاپ قويسا تېخىمۇ قىچىشىپ كېتەتتى.

    لىسېتتېنىڭ قاڭشىرى بۇرۇن ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ سېزىمىنى يوقاتقان، سول كۆزىدە ياش تامچىسى تامچىپ تۇراتتى.

    — لىزاتتې يىغلىدى، ھەي بالىلار لىزاتتې يىغلاپتۇ! لىزاتتې، نېمىگە يىغلايسىز؟

    يۇقىرى يىللىقتىكى ئوغۇللار ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا دائىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىشاتتى، خۇددى كىچىك ئەرمەك جانۋارنى ئەركىلەتكەندەك ئەركىلىتىپ ئوينايتتى، لىسېتتې ئۇلارنىڭ قۇد قونچىقىغا ئوخشاپ قالغانىدى.

    جممىي چاڭنى ھەممەيلەن JC دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇ ئالتىنچى يىللىقتا لىسېتتېلارنىڭ سىنىپىغا ئالمىشىپ كىرگەن. لىسېتتې JC نى تۇنجى كۆرگەندە كېيشانى تۈرتۈپ: «پاھ، پاھ، پاھ» دەپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ئاۋازى گويا ناخشا مۇزىكىلىق سىن فىلىملىرىدىكى «ھېسسىيات»لىق ئاۋازلارغا ئوخشاش چىققانىدى، شۇغىنىسى لىسېتتې بۇ خىل ئاۋازنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئانىسى رېتىمى ئاستا، كونىچە تولغىما، سەھرا دېسكوسى ۋە مېكسىكا پەدىسىدىكى دېسكو مۇزىكا فىلىملىرىغا ئامراق ئىدى. لىسېتتې دائىم ئانىسىنىڭ يۇيۇنغاندا يىغلىغاندەك ئۆكسۈپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىنى ئاڭلايتتى، ئانىسىنىڭ نەپرەتتىن ياكى خۇشالىقتىن ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيتتى.

    ھەي، ئۇ ماتېماتىكا دەرسىگە ئۆچ! بۇ جايغا ئۆچ! ئۇ دەرىزە تەرەپتىكى رەتتە ئولتۇراتتى، ئورنى ئالدىدىراق بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى سىنىپنىڭ چېتىدە ئولتۇرغاندەك، بۇ سىنىپنىڭ ئەزاسى ئەمەستەك ھېس قىلاتتى. نورۋىچ خانىم مۇنداق دېگەنىدى:

    — مۇشۇنداق ئالدىدىراق ئولتۇرسىڭىز زېھنىڭىزنى يىغالايسىز.

    ئۇ لىسېتتېنى دەرسنى قېتىرقىنىپ ئاڭلىسۇن، زېھنى چېچىلىپ كەتمىسۇن دەپ شۇنداق قىلغان. ئەمما، بۇ ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بەردى، كۆپ چاغلاردا لىسېتتېنىڭ خىيالى دەرسخانىدا بولمىدى.

    لىسېتتې «قىزل چۈمۈلە»لەرنىڭ چېقىشىنى ئاز-تولا پەسەيتىش كويىدا كۆزىنى ئۇۋۇلىدى، كاسىسىنى مىدىرلىتىپ قويدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سېمىز گەۋدىسىنى كەينىگە بۇرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، شۇنداق قىلسا ئۇ قولىدىكى قەغەزنى يېنىدىكى رەتتىكى كېيشاغا بېرەلەيتتى، ئاندىن كېيشا ئۇنى يەنە بىر رەتتىكى JCغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى. بۇ ئەمەلىيەتتە قەغەز ياغلىق بولۇپ، ئۈستىگە لىسېتتېنىڭ كالپۇكىنىڭ ئىزى، ئادەمنى ۋەسەۋەسىگە سالىدىغان لەۋ ئىزى، لىسېتتېنىڭ JC غا يوللىغان سۆيگۈسى بار ئىدى.

    لەۋ ئىزىنى بۇ قەغەز ياغلىققا بېسىش لىسېتتېغا نىسبەتەن ناھايىتى رومانتىك تۇيۇلغانتى. ئۇ لەۋسۇرۇخىنى يېڭىلا سېتىۋالغان بولۇپ، قېنىق سۆسۈن رەڭلىك ئىدى، ئانىسى لىسېتتېدا لەۋسۇرۇخنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى، چۈنكى ئۇ دوستلىرىنى دوراپ ئۆيىگە يېقىن قالغاندا لېۋىدىكى لەۋسۇرۇخنى سۈرتىۋېتەتتى. لەۋ سۇرۇخ بۇ قىزلارنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ناھايىتى گۈزەل، شۇنداق پىشقان، لاتاپەتلىك قىلىۋېتەتتى.

    لىسېتتېنىڭ نەزەرى JC دىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدى، JC ئۇزۇن پۇتلىرىنى ئۆتۈشۈش يولىغا ئۇزىتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىپەكتەك يۇمشاق چاچلىرى پىشانىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى. JC غا چاقچاق قىلغىلى بولمايتتى، يالغۇز JC غىلا ئەمەس ئۇنىڭ «شېرىك»لىرىگىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇنى لىسېتتې باشقىلاردىن ئاڭلىغان، ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئوغۇللار قىزلاردىن بىر-ئىككى ياش چوڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇرۇن قالدۇق بولۇپ بۇ سىنىپقا چۈشكەن، يەنە بەزىلىرى بولسا مەكتەپكە كېيىنرەك كىرگەنلەر ئىدى.

    (داۋامى بار)


    历史上的今天:

    كىملىك-2 2011-02-21

    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: