• 2011-02-20

    تۇرمۇش - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106091784.html

    تۇرمۇش

    (ھېكايە)

    جوۋ خەيلياڭ

     

    ئەر ئاشخانىدا تەرگە چۆمگەن ھالدا ئالدىراش يېمەكلىك تەييارلاۋاتتاتى. ئۇ قوپال سامساق ئەزگۈچ بىلەن قارا كۈنجۈت ئەزدى، قارا كۈنجۈتنىڭ خۇشپۇراق ھىدى كىچىككىنە ئاشخانىنى بىر ئالدى، ئوچاقتىكى پولات قازاندىن پۇرۇقلاپ ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، تۇۋاقنى ئېچىۋىدى، قازاندىن چىققان ھور ئۇنىڭ كېلىشكەن چىرايىنى قاپلىۋالدى. ئۇ تەرىنى سۈرتىۋېتىپ ئېزىپ بولۇنغان كۈنجۈتنى قازانغا سالدى. ئۇ پەردىنى قايرىپ تۇرۇپ ھۇجرا تەرەپكە قاراپ توۋلىدى:

    — ئەخمەقىم ئويغاندىڭىزمۇ؟

    ئەر كاپكۈ بىلەن قازاندىكى پىشۇرۇلمىنى ئۆرۈگەچ ئۆز-ئۆزىگە: ئاخشام شۇنچە كەچ ياتقان تۇرسا ئويغىنالايتتىمۇ، كۈندە دېگۈدەك كۈن چىققىچە ئۇخلايسىز، بالدۇرراق تۇراي دېمەيسىز دەپ غودۇرۇپ قويدى.

    — ئازراق شېكەر سېلىۋېتەيمۇ، ئاخشام سەل لاۋزا بوپ قالدى بولغاي، — ئۇ شۇنداق دېگەچ قازاننى كۆتۈرگۈنىچە ھۇجرىغا كىردى.

    — شېكەرنى كۆپرەك سالامدىم؟

    — قازاننى بەك قىڭغايتىۋەتتىڭىز، — ئۇ يەنە ئاشخانىغا كىرىپ تام ئىشكاپىدىن شېكەر قۇتىسىىنى ئالدى.

    ھەر كۈنى ئەتىگەندە بۇ زېرىكىشلىك ئىش مۇشۇنداق تەكرارلىنىاتتى.

    ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن قىز ئەرنى چايغا تەكلىپ قىلاتتى. قىز چىرايلىق بولۇپ، ھازىرئۇنىڭ غۇنچە پەسلى ئىدى.

    ئىككەيلەن ئۈستەلدە قارمۇ قارشى ئولتۇراتتى. لەرزان، يېقىملىق مۇزىكا، قىزغۇچ نۇر چېچىپ تۇرغان شام، قېنىق پۇراقلىرى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان ئىككى ئىستاكان قەھۋە، چىرايلىق نەقىشلىك قوشۇق. قىز ئەرنىڭ يۈزىگە ئىككى مىنۇتچە تىكىلىپ ئولتۇردى.

    — سىزنى ياخشى كۆرىمەن، — دېدى قىز ئۇدۇللا.

    — مېنىڭ ئايالىم بار، — ئەر قەھۋەدىن بىر ئوتلىۋېتىپ شۇنداق دېدى.

    — بۇنى بىلىمەن، مەن نام-ئابرويغا ئېتىبار قىلىپ كەتمەيمەن، سىزگە ئاشنا بولساممۇ بولىدۇ. سىزنى بىر - ئىككى يىل، ھەتتا ئون يىللاپ ساقلاشقىمۇ رازى.

    ئەر ئوڭايسىزلاندى، ئۇ ئاپپاق، قەھۋە ئىستىكانى قويۇلغان نەپىس تەخسىگە تىكىلىپ تۇرۇپ دېدى:

    — مۇھەببەتنىڭ نېمىلكىنى چۈشىنەمسىز؟

    — ئەلۋەتتە چۈشىنىمەن، مەن سىزنى چۇڭقۇر سۆيىمەن.

    — بىراق مەن ئايالىمنى سۆيىمەن، ئۆزۈمنى قايىل قىلغۇم يوق، قايىلمۇ قىلالمايمەن. ھېسسىياتنى ئىككىگە بۆلۈشكىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئۇنداق قىلغاندا ھەر بىر ئۈلۈشى يېرىم بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا مەيلى سىزگە بولسۇن ۋە ياكى ئايالىمغا بولسۇن ئادىللىق بولمايدۇ.

    قىزنىڭ كۆز نۇرى خىرەلەشتى، ئۇزۇنغىچە سۈكۈتكە چۆمدى.

    — مەن چىرايلىقمۇ، ئۇمۇ؟ — دېدى قىز خېلىدىن كېيىن.

    — ئەلۋەتتە سىز چىرايلىق.

    — ئۇ ياشمۇ، مەنمۇ؟

    — ئەلۋەتتە سىز ياش.

    — ياخشى، بۇنداق ئىكەن ھېسسىياتنى يېرىمدىن بۆلۈشنىڭ ھاجىتى يوققۇ،  مۇبادا بۈگۈن سىزگە بىرىمىزنى تاللاڭ دېسەم، قايسىمىزنى تاللايسىز؟

    — ئايالىمنى تاللايمەن.

    — بىر يىلدىن كېيىنچۇ؟

    — ئايالىمنى.

    — ئون يىل، يىگىرمە يىلدىن كېيىنچۇ؟

    — كەچۈرۈڭ، يەنىلا ئايالىمنى تاللايمەن.

    قىز ئالدىغا چۈشۈۋالغان بىر نەچچە تال چېچىنى سىلىغاچ دېدى:

    — نېمە ئۈچۈن؟

    — چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئايالىم. ئۇ قېرىپ قالسىمۇ، سەتلىشىپ كەتسىمۇ يەنىلا مېنىڭ ئايالىم. ئۆز ئايالىنى سۆيۈش ئەرلەر ئۈچۈن بىر مەسئۇلىيەت.

    — چۈشەندىم، سىز مېنى تەسىرلەندۈردىڭىز.

    ئەر تاللا بازىرىغا بېرىپ ياڭاق، قارا كۈنجۈت، يەر ياڭىقى سېتىۋالدى. ئۆيىگە قايتىپ مېھمانخانىسدا ئولتۇرۇپ ياڭاق ۋە يەر ياڭىقىنى چاقتى، سامساق ئەزگۈچ بىلەن كۈنجۈتنى ئەزدى، بۇلارنى قازانغا سېلىپ سۇ قۇيدى، ئوچاقنىڭ ئوتىنى سۇس قىلىپ قويۇپ ئالدىرىماي پىشۇردى.

    ئىككىنچى كۈنى سەھەر.

    ئەر قاچىنى كۆتۈرۈپ ھۇجرىغا كىردى.

    — ھورۇن قوزام ئويغاندىڭىزمۇ؟

    ئايال كارىۋاتتا ياتاتتى، ئۇ بېشىنى سىڭايان قىلىپ ئېرىگە قارىدى. ئۇ گەپ قىلمايتتى، مىدىر-سىدىر قىلمايتتى، ئەمما كۈلۈمسىرەيتتى. ئۇ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈردى.

    ئەر قاچىدىكى يېمەكلىكنى قوشۇق بىلەن ئايالىغا يېگۈزدى، ئايال ناھايىتى ئاستا، ھەم ناھايىتى ئازلا يېدى. ئاندىن ئېرىگە قاراپ كۆزىنى چىمچىقلاتتى، ئاغزىنى پۈرۈشتۈردى.

    — دوختۇر سىزنى كۆپرەك يېسۇن دېگەن، ياڭاق، يەر ياڭىقى ۋە كۈجۈتنى مەن ئۆزۈم تاللاپ سېتىۋالدىم، ئۆزۈم ئەزدىم. بەك تاتلىق بولۇپ كېتىپتىما؟ يەممىدىڭىز؟ ھە، ئارام ئالامتىڭىز، ياكى گارمۇن چېلىپ بېرەيمۇيا؟

    ئايال كۆزىنى يەنە چىمچىقلاتتى. ئەر خۇش بولۇپ كۈلدى.

    — ھۇ شەيتان، راستىنلا شەيتاندە سىز.

    ئەر ئېغىز گارمونىنى ئېلىپ چېلىشقا باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇ بىر مۇزىكىغا چالاتتى، مۇشۇنداق داۋاملاشتۇغىنى نەچچە يىللار بولدى. ئۇ ئايالى ئۈچۈنلا مۇشۇ مۇزىكىنى چېلىپ بېرەتتى، مۇزىكىنىڭ ئىسمى«تۇرمۇش» بولۇپ، ئايالى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا چايخانىدا ئاڭلىغان مۇزىكا ئىدى.

    ئەر چېلىۋېتىپ كۆزىدىن ياشلىرى سىرغىدى، ئايالىنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئالدىراپ، تېنەپ سۈرتىۋەتتى، ئەمما تولۇق سۈرتەلمىدى. ئۇنىڭ يېشى گويا قارا مەرۋايىتتەك يەڭگىلغىنا ئايالىنىڭ لېۋىگە سىرغىپ چۈشتى ...

     

    «كىچىك ھېكايىلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: