• 2011-02-20

    نەس باسقان قاچقۇن - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/106029063.html

    نەس باسقان قاچقۇن

    (ھېكايە)

    دۇڭ خەي

    تام تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ گىرىمچىكى بولۇپ، ئۇ ماھارەتتە تولغان بولۇپ، گىرمنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلاتتى. ئۇ ھۈنىرىنى ئىشلەتسە ئەر كىشىنى ئايال كىشىگە ئوخشىتىۋېتەتتى، كۆرۈمسىزنى گۈزەلگە ئايالاندۇرۇۋېتەتتى، قېرىنى ياش، ئورۇقنى سېمىز قىلالايتتى. كىمىگە ئوخشىتىمەن دېسە شۇنىڭغا ئوخشىتالايتتى، گىرىم قىلسا خۇددى لاي قونچاق ياسىغاندەك قوللىرى شۇنداق ئەپچىل، پىششىق، ئازادە قىلاتتى، ھەممەيلەن ئۇنىڭ ھۈنىرىگە قايىل ئىدى. شۇنداق بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى «سېھرىگەر» دەپ ئاتىشاتتى.

    ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ داڭقى ھەر تەرەپكە تاراپ كەتتى. بىر كۈنى گۇگۇم ۋاقتى ئىدى، سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، تام ئىشتىن چۈشۈپ ئىجارە ئالغان بويتاقلار بىناسىغا قايتىپ ئىشىكتىن ئەمدىلا كىرىشىگە بىرى ئۇنىڭ كەينىدىن قاتتىق بىر نەرسىنى تىرەپ بوغۇق ئاۋازدا:

    — ئۈنۈڭنى چىقارما، بولمىسا ئۆلتۈرۈۋېتىمەن! — دېدى.

    تام چۆچۈپ كەتتى-دە بۇلاڭچى ئىكەنلىكىنى پەملىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئۆيگە كىرىدى. ئۇ ئادەم ئىشىكنى گۈم قىلىپ يېپىۋېتىپ دېرىزە پەردىسىنى چۈشۈرىۋەتتى-دە مۇزدەك تاپانچىسىنىڭ سىتىۋولىنى تامنىڭ كۆرىكىگە تەڭلەپ تۇرۇپ دېدى:

    — سېھرىگەر، مەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل، بايىلا تۈرمىدىن قېچىپ چىقتىم، ئەگەر گەپ ئاڭلىمىساڭ كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن.

    قارا نىيەت قارا ساقاللىق تەمبەل ئادەم بولۇپ، چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن پولتىيىپ چىققان كۆزلىرىگە قان تولغان، قارىماققىلا ياۋۇز ئەبلەخنىڭ ئۆزى ئىدى.

    تام ئۇ پۇلنى دەپ كەلگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئاچچىق كۈلدىدە:

    — بۇرادەر، راستىمنى ئېيتسام داڭلىق گىرىمچىك بولغىنىم بىلەن پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلۋەتكەنمەن، قالغىنى پەقەت تۇرمۇش خىراجىتىمگە يەتكۈدەكلا بىر نەرسە، پۇلنى دەپ كەلگەن بولساڭ خاتالىشىپسەن، — دېدى.

    قاچقۇن بېشىنى چايقاپ دېدى:

    — سېنى پۇل ئۈچۈن ئىزدەپ كەلمىدىم، ماڭا ياردىمىڭ كېرەك.

    — قانداق ياردەم؟

    — ماڭا گىرىم قىلىپ باشقا بىرىگە ئايلاندۇرۇشۇڭ كېرەك، گەپ ئاڭلىساڭ تىرىك قالىسەن. ئەگەر گەپ ئاڭلىمايدىكەنسەن ھىم ...، — شۇنداق دېگەچ ئۇ قولىدىكى تاپانچىسىنى پۇلاڭلاتتى.

    تام ئىلاجىسىز:

    — ماقۇل، سىزنى كىمگە ئوخشىتىمەن؟ — دېدى.

    — مېنى مۇشۇ كىشىگە ئوخشىتىپ گىرىم قىلىسەن، — ئۇ شۇنداق دېگەچ پۈرلىشىپ كەتكەن بىر پارچە گېزىتنى چىقىرىپ ئۇنىڭدىكى بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتتى.

    تام بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ ئىختىيارسىز شۈركۈنۈپ كەتتى، قاچقۇن ئۆزىنى ئوخشاتماقچى بولغان كىشى ئادەتتىكى ئادەم بولماستىن بەلكى شەھەر باشلىقى كۇك ئەپەندى ئىكەن. كۇك ئەپەندى دۇرۇس، خالىس، سىپايە، تىرىشچان، خەلقپەرۋەر كىشى بولۇپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. قاچقۇننىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭ سىياقىدا گىرىم قىلدۇرىشىدا نېمە غەرىزى باردۇر؟

    قاچقۇن تامنىڭ خىيالىدىكىنى بىلىۋالدى بولغاي، قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە مۇنداق دېدى:

    — ساڭا راستىمنى ئېيتاي، سىرتتا نۇرغۇن ساقچى مېنى قوغلاۋاتىدۇ، مەن گىرىم قىلىپ شەھەر باشلىقى سىياقىغا كىرىۋالسام، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش توساقلىرىدىن بىمالال ئۆتۈپلا قالماي يەنە شەھەر باشلىقىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى پۇلدار ئاغىنىسىدىن خېلى كۆپ پۇلنى ئۇنىڭ نامىدا ئارىيەتكە ئالالايمەن، ئۇ ئالۋەتتە مەردلىك بىلەن بېرىدۇ، ھاھاھا، ئۇچاغدا نۇرغۇن پۇلنى ئېلىپ يىراقلارغا قېچىپ كېتەلەيمەندە ....

    ئەسلىدە مۇنداقكەندە!

    تام قانداق تەدبىر قوللىنىشنى تېخى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەستىنلا قاچقۇن زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇردى، ۋەھشىيانە قىياپەتتە:

    — تېزرەك بول، ئەگەر ئوخشىتالمىساڭ جېنىڭنى ئالىمەن، — دېدى.

    تام ئامالسىز بىر ئۇھسىندى-دە، گىرىم قۇتىسىنى ئاچتى. «سېھرىگەر» دېگەن نامى بىكار قويۇلمىغاندە ، ئۇ يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا گىرمنى قىلىپ بولدى. قاچقۇن تاقەتسىزلىك بىلەن ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ خۇشلىقىدىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى. چۈنكى، ئەينەكتىكى ئادەم يۈزى كەڭ، ئاغزى چاسا، قاڭشارلىق، قېلىن كالپۇك كەلگەن شەھەر باشلىقى كۇك ئەپەندىنىڭ ئۆزىلا ئىدى.

    قاچقۇن خۇشلىقتا ئۆزى-ئۆزىگە سۆزلىمەكتە ئىدى:

    — ئاناڭنى، مانا ئەمدى چوڭ ئىشىم ۋۇجۇتقا چىقىدىغان بولدى.

    ئۇ تاپانچىسى بىلەن تامنى ئۇرۇپ ھۇشىدن كەتكۈزىۋەتتى، ئۇنىڭ پاكىز كاستيۇم بۇرۇلكىلىرىنى كەيدى ۋە سېگارتتىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ، تامنى ئارغامچا بىلەن ئورۇندۇققا باغلاپ، ئاغزىغا لاتا قاپلاپ قويدى-دە، كۆرەڭلىگىنىچە چىقىپ كەتتى.

    بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن تام ھۇشىغا كەلدى. ئۇ تېلېفون تەرەپكە سىلجىماقچى بولدى، ئەمما ئورۇندۇق دېرىزىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىغا مەھكەم چىگىۋېتىلگەچكە مىدىر قىلالمىدى، ئاغزىغا لاتا قاپلاپ قويغاچقا يا ۋارقىرىيالمىدى. ئامالسىز بېشىنى ساڭگىلىتىپ بىرەرسىنىڭ كىرىپ قۇتقۇزىشىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇردى.

    ئارىدىن بىرەر سائەتچە ئۆتكەندە ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، بىر نەچچە ساقچى شەھەر باشلىقىنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالغان قاچقۇننى يالاپ ئېلىپ كىرىدى. تام يېشىۋېتىلگەندىن كېيىن ساقچىلاردىن بۇ قاچقۇننى قانداق تۇتقانلىقىنى سورىدى.

    بىر ساقچى مۇنداق دېدى:

    — بۇ ئەبلەخنى نەس بېسىپتۇ، كۆرۈنۈشتە پاك دىيانەتلىك شەھەر باشلىقى كۇك خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك بىلەن تۈنۈگۈن قولغا ئېلىندى، شۇڭا بۇ ئەبلەخ كۇكنىڭ بايۋەتچە ئاغىنىسىدىن پۇل سورىغاندا، بايۋەتچە كۇك قېچىپ چىققان ئوخشايدۇ، دەپ قېلىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ، تۇيدۇرماي بىزگە خەۋەر قىپتۇ.

    قاچقۇن جىنايەتچى قاتتىق پۇشايماندا ئۆكۈنۈپ مۇنداق دېدى:

    — مېنى ھەجەب پالاكەت باستى، گىرىم قىلىپ شەھەر باشلىقىنىڭ سىياقىغا كىرىۋالسام بىخەتەر بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئەبلەختىنمۇ چاتاق چىقىپتۇ ئەمەسمۇ، بولمىسا بۇ چاغقا بايۋەتچىلەردەك ياشىمامتىم؟!

     

    «كىچىك ھېكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلى 2001-يىللىق 3-سانىدن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى


    历史上的今天:

    تۇرمۇش 2011-02-20

    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: