• 2010-12-09

    داڭلىق شەخس - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87969305.html

    داڭلىق شەخس

     لېسزېك كولاكوۋسكى(پولشا)

    تاتنىڭ ئېسى يادى داڭلىق شەخس بولۇشتا ئىدى. ئادەتتىكىچىلا داڭلىق كىشى بولماستىن بەلكى مەلۇم جەھەتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخس بولۇش ئىدى. ئۇنىڭغا ئايانكى بىر ئادەم ھەممىدە ئۇلۇغ بولالمايدۇ، پەقەت مەلۇم كەسپ ياكى ماھارەتنى تاللاش كېرەك. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ياكى ئەڭ پاكار ئادەم بولالمايتتى، چۈنكى ئوتتۇرا بوي ئىدى. دەسلەپتە ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئىشتان كىيىدىغان ئادەمگە ئايلانماقچى بولدى-دە، 30 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىشتان تىككۈزدى. ئىشتاننى بىر نەچچە كۈن كىيە-كىيمەيلا ئۇنىڭ ناھايىتى پالاكەت، سۆرۈلۈپ يۈرىدىغانلىقىدىن بىزار بولۇپ ئۇنى تاشلىدى. ئۇ يەنە باشقا پۇرسەتلەرنى ئىزدەشكە باشلىدى، ئۇ گالىستۇكنى تولا ئالماشتۇرۇشنى سىناپ باقتى، بىر كۈندە 60 قېتىم گالىستۇك ئالماشتۇرۇپ، تەكرارلىقتا ھەرقانداق ئادەمنى بېسىپ چۈشتى، ئەمما بۇ ئىش ئۇنىڭغا قىلچىلىك شەرەپ ئاتا قىلالمىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا يەنە ئۆزىدىن چوڭ ھەرقانداق ئادەمدىن ياش، ئۆزىدىن كچىك ھەر قانداق ئادەمدىن چوڭ ئادەم بولۇشتەك غەيرى خىيال كەچتى، ئەمما بۇ خىيالىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلغاندا ھېچكىم ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنەلمىدى. ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق بولكا پىشۇرماقچى بولدى، ئەمما بولكىنى پىشۇرۇپ بولماستىنلا ئۇۋۇلۇپ كەتتى-دە، ئالتە ھەپتىلىك ئەمگىكى بىكارغا كەتتى. ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى قېزىشقا كىرىشتى. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ پاسكىنا شاللاق بولۇش قارارىغا كېلىپ، كىيىملىرىگە لاي-توپىلارنى سۈرتتى. يىڭنىگە ئەڭ تېز يىپ ئۆتكۈزگۈچى داڭدار بولىمەن دەپ، يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈشنى مەشق قىلدى. يەنە تۆشەك يىغىشتۇرۇشقا ئەڭ ماھىر، بوتۇلكا ئېغىزىنى ئېچىشتىكى ئەڭ ئۇستىكار مۇتەخەسىس، سەرەڭگە تېلىنى سۇندۇرۇشقا ئەڭ ئۇستا ماھىر، ئەڭ داڭدار چىش مەلھىمى سىقىش ماھىرى، ئەڭ چوڭ تەخسە چېقىش چىمپىيۇنى بولۇشقىمۇ ئۇرۇنۇپ باقتى. ھەر خىل ھۈنەرلەرنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، شان-شەرىپى يوق دېيەرلىك بولدى، پەقەت بىر نەچچە تونۇش بۇرادەرلىرىلا ئۇنىڭ ھۈنەرلىرىگە ھەيران بولۇشتى خالاس. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇ بىر قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالماقچى بولدى. ئۇنىڭ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئاستا يۈرگۈچى دېگەن ماھارىتى بولغاچقا ئىككى كېچە كۈندۈز يول يۈرۈپ ئاندىن قوشنىسىنىڭ ئۆيگە يېتىپ باردى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كېكەچ بولۇش ئارزۇسىمۇ بولغاچقا دوستىغا ناھايىتى تەستە ئېغىز ئاچتى، بىر ھەرپنى كەم دېگەندە بىرەر سائەتتە ئاندىن ئېغىزىدىن چىقىرالىدى، ھەتتا ناھايىتى قىسقا ئىسىملارنىمۇ شۇنداق ئۇزۇندا دېدى. مىڭ تەسلىكتە دوستىغا كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ تۈگەتتى، ئارقىدىن يەنە: −قانداق قىلغاندا دۇنياۋى داڭق چىقارغىلى بولىدۇ، − دەپ سورىدى. −ئەلبەتتە، ئەلبەتتە، ئەلبەتتە، − دېدى تات(ئۇ بۇ سۆزنى نەچچە ئون رەت تەكرارلىدى، چۈنكى ئۇ «ئەلبەتتە » سۆزىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تەكرارلىغۇچى ئىدى). −ئەمما نەدىن شۇنچە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟ −ھەي، بۇ دېگەن ئاسان گەپ ئەمەسمۇ، داڭ چىقىرىشىڭىز كېرەك، داڭقىڭىز چىقسىلا پۇل دېگەن ساماندەك كېلىدۇ، − دېدى ئۇنىڭ دوستى. −ئەلبەتتە، − دەپ ئېتىراپ قىلدى تات، − ئەمما قانداق قىلغاندا داڭلىق شەخسكە ئايلانغىلى بولىدۇ؟ − ئەستا بايا دېدىمۇغۇ، بۇنڭغا نۇرغۇن پۇلىڭىز بولىشى كېرەك. تات دوستىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتتى، ئەمما بۇ ئىشنى قانداق روياپقا چىقىرىشنى بىلمەيۋاتاتتى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ يەنىلا قەتئىي نىيەتكە كېلىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قېرىنداش، ئەڭ چوڭ ئىزناك(ئېغىرلىقى تۆت توننا) ياساشتەييارلىقىغا چۈشتى. ئۇ يەنە تېخى دۇنيا بويىچە بۆلدۈرگەننى ئەڭ ئاز ئىستىمال قىلغۇچى شەخسكە ئايلىنىش ئۈچۈن بۆلدۈرگەن يېمەيدىغان بولدى. ئاخىرى تات يەنە شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى، ئەڭ ئەسكى ئىش قىلىپمۇ داڭق چىقارغىلى بولىدىكەن. ئۇ دۇنيا بويىچە ۋېلىسىپىتنى ئەڭ ناچار مىنىشنى ئۆگەندى. دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار شېئىر يازدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆرۈمسىز سۇ ئۈزۈش كىيىمى تىكتى. ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن بەنت بولۇۋېتىپ شۇنداق شانلىق بىر ئىدىيىنى بايقىدى، ئەگەر بۇ ئىدىيە بالدۇرراق ئۇنىڭ كاللىسىغا كەلگەن بولسا ئىدى، ئۇنى نۇرغۇن جاپادىن ساقىت قىلغان بولار ئىدى. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ نامسىز ئادەم بولۇش قارارىغا كەلدى. ئۇ بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئۇنى ھېچكىم تونۇمايدىغان بىرشەھەرگە بېرىپ ياشىشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇ پىلانىنى روياپقا چىقاردى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تات ھەقىقەتەن غايىپ بولدى. ئۇنىڭ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشىدىكى سەۋەب: روشەنكى دۇنيا بويىچە ئەڭ نامسىز، ھېچكىشى بىلمەيدىغان شەخس دېگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى. ئو غايىپ بولغاندىن كېيىن ئۇدا نەچچە كۈنگىچە دوستلىرى ئۇنى يەنە قانداقتۇر بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ، دەپ يۈرۈشتى. نەچچە كۈنلەردىن كېيىن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، تاتمۇ مەقسىتىگە يەتتى. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ نامسىز ئادەمگە ئايلاندى. ھازىر ھېچكىم ئۇنىڭ دېرىكىنى بىلمەيدۇ.

     «فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2009-يىلى 1-سانى(ئالدىنقى ئون كۈنلۈك) دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: