• 2010-12-09

    بەش ئەزانىڭ ئۆزگىرىشى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87970424.html

    بەش ئەزانىڭ ئۆزگىرىشى

     لى يېچېڭ

     بىر ھېكايەتتە ئېيتىلىشىچە، لىنكولىن پىرېزدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن بىر دوستى ئۇنىڭغا بىر كىشىنى“مۇلازىم”لىققا تەۋسىيە قىپتۇ. لىنكولىن ئۇ كىشىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ چىرايىنى ياقتۇرماي قايتۇرۇۋېتىپتۇ. لىنكولىننىڭ دوستى ئادەمنىڭ چىرايى تۇغۇلىشىدىنلا شۇنداق يارالغان تۇرسا، ئۇ كىشىدىن يامانلىغلى بولمايدۇ-دە، دەپتۇ. ئەمما لىنكولىن مۇنداق دەپتۇ: ئادەم 40 ياشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بۇ چىرايى ئۈچۈن مەسئۇل بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما 40 ياشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ چىرايىغا چوقۇم ئىگە بولىشى كېرەك. ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنىڭ ھەممىسى چىرايىدىن نامايەن بولىدۇ دەپ قاراش لىنكولىننىڭ مۇنداق دېيىشتىكى ئاساسى ئىدى. ئادەمنىڭ بەش ئەزاسى كېچىككەندىمۇ 30 ياشتىن ئىلگىرى تۇراقلىشىدۇ، تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئۆزگەرمەيدۇ، بۇ ئېرسىيەتتىن بولىدۇ، ئۆزگىرىدۇ دېگەندىمۇ پەقەت ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئۆزگىرىدۇ. مۇھىت ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ، ئادەمنىڭ بەش ئەزاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، ھەمدە مەلۇم بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن. ئالدى بىلەن ئېغىز ئۆزگىرىدۇ. چىراينى ئوپېراتسىيە قىلغاننى، قوش قاپاق كەستۈرگەننى ئاڭلىغان، ئەمما ئېغىزنى كەستۈرگەننى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن، ئېغىزنىڭ ئۆزگىرىشى پۈتۈنلەي سالاھىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق. سالاھىيەت ئاشسا ئېغىزمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا شۇ زامان يوغىنايدۇ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغان، ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان، نېمە دېسە قاملىشىۋېرىدىغان بولىدۇ20 نەچچە ياش ۋاقتىدىكى قورۇنۇشتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، ئاغزىدىن گەپ بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقىدىغان بولىدۇ. بۇ ئېغىزدىن چىققان سۆزنىڭ ھەممىسى يوليورۇق، ھەر بىر جۈملىسى ھەقىقەت، بىر يۈرۈش “كېرەك، لازىم” بىلەن تولغان بولىدۇ. يىغىن، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ... ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى مانا شۇ ئېغىزدىن چىقىدۇ. ئاندىن قۇلاق ئۆزگىرىدۇ. قۇلاق ئادەمنىڭ يۈز قىسمىدا ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ھۆرمىتى ئاشسا قۇلاقمۇ يوغىنايدۇ، بەزى قۇلاققا ياقمايدىغان سۆزلەر كىرمەيدۇ، يېرىم پالەچ بولىۋالىدۇ، ياخشى گەپنىلا ئاڭلايدۇ، يامان گەپنى ھەرگىز تىڭشىمايدۇ. ھەممە ئادەم يېقىملىق گەپ قىلسا قۇلاق يوغىنايدۇ-دە، ئۇنىڭ فۇنكىتسىيىسى خۇددى يەلپۈگۈچتەك ھەممىسىنى مۇلايىملىق بىلەن يەلپۈپ كىرگۈزىدۇ. رولىنى يوقاتقاندا بولسا گويا ئەنجان تامدەك پاڭ بولىۋالىدۇ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمايدۇ-دە گاس-گاچىغا ئايلىنىدۇ. كۆز كۆڭۈلنىڭ كۆزنىكى دېگەن سۆزنى قايسى تالانت ئىگىسى ئېيتقان بولغىيتتى. ئادەمنىڭ كۆزىمۇ ئۆزگىرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۆزگىرىدۇ. ئادەم ئوخشىمىغان ياشتا ئۇنىڭ كۆزىمۇ ھەر خىل ئۆزگىرىدۇ، بالىلىق چاغدا كۆز بىغۇبار سۈزۈك بولىدۇ، ھېچقانداق غەيرى ماددا بولمايدۇ. ياشلارنىڭ كۆزى كۆك ئاسماننى باغاشلىغان سۈزۈك كۆلگە ئوخشاش بولۇپ، پاك بولىدۇ. كۆزنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ تېز بولۇپ، ئوخىشمىغان ياش، ئوخشىمنىغان پۇرسەت، ئوخشىمىغان كەچمىش، ئوخشىمىغان كەسپلەردە ھەر خىل ئۆزگىرشى مۇمكىن. يۇقىرىغا قارىغاندا كۆز ئالمىسى يوغىنايدۇ، مەستانە ، ناھايىتى ھېسسىياتچان، گۈزەل كۆرىنىدۇ. تۆۋەنگە قارىغاندا كۆز ئالمىسىنىڭ يېرىمىلا كۆرىنىدۇ، ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىز، كۆزگە ئىلمىغان ھالدا بولىدۇ. پۇلغا قارىغاندا كۆز قارچۇقى يوغىناپ قانغا تولىدۇ؛ ئاشنىسىغا، ئايال كاتىپىغا قارىغاندا بولسا يۇمۇلۇپلا قالىدۇ... بۇرۇننىڭ پۇراشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق بولۇپ، باشقا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن “قەلبنىڭ كۆزنىكى”دەك ئالامەتلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇرۇن ھەممىدىن سەزگۈر بولۇپ، ئادەمنىڭ ئورنى شۇنداق ئۆزگىرىشى بىلەنلا گويا سالاھىيەت ۋە نوپۇزنىڭ سىمۋولىدەكلا بۇرۇنمۇ دىڭگىيىۋالىدۇ. ئاخىرىدا بەدەننى ئېلىپ ئېيتايلى، بەدەن گەرچە بەش ئەزانىڭ قاتارىدا بولمىسىمۇ، ئۇمۇ ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىگە كىرىدۇ. ئوخشاش مۇھىت ۋە تۇرمۇش شارائىتىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. ئادەم مەلۇم ياشقا كەلگەندە بەدەن سەمىرىيدۇ، يوغىنايدۇ. ئەمما بەزى ئادەملەرنىڭ قولى ئۇزىرايدۇ، مەن ئۆمرۈمدە تەيۋەن شائىرى يۈ گۇاڭجۇڭنىڭ مۇنۇ مىسراسىغا قايىل: “قولىنى سوزسا گەر سەددىچىندىنمۇ ئۇزۇن ھەي-ھاي!” بۇ خەن سەركەردىسى لى گاڭنىڭ ھۇنلارغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قوغداش جەھەتتىكى ئوقيانى تارتقاندىكى قولىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ھازىرقى شەخسىيەتچى، ھەممىگە قولىنى سوزۇۋېرىدىغان قولنىڭ سىمۋولى ئەمەس ئىدى. «فېليەتونلاردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-(ئالدىنقى) سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: