• 2010-12-09

    قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا بىلدۈرۈشنى خالايدىغان ئىشلىرى - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87971822.html

    قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا بىلدۈرۈشنى خالايدىغان ئىشلىرى

     1.مەن يىغلىغاندا ، مەيلى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن ،چوقۇم مېنى بەزلىشىڭىزكېرەك. 2.مەن ھەر ۋاقت سىزنى ئويلاپ بولالمايمەن ، سىزمۇ شۇنداق . 3.كېلىشكەن يىگىتلەرنى كۆرسەم قارىغۇم كېلىدۇ ، بۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتى . 4.مېنىڭ سىزگە كوتۇلدىغىنىم ، سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمدىن ،سىزنى كۆرگەندە جىددىلەشكەنلىكىمدىن. 5.سىزنىڭ پۇلدار بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلمايمەن ، ئەمما ئۇلۇغۋار نىشانىڭىز بولىشى، كېلەچەكتە پۇللۇق ئادەم بولۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىشىڭىز كېرەك . 6. مەن بىلەن بازار ئايلانماقچىمۇ ؟ چېچىڭىزنى تاراپ ، ساقىلىڭىزنى ئېلىۋېتەرسىز . 7.مەن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق قىز ئەمەس ، ئەمما سىزنىڭ مېنى ئەڭ چىرايلىق دەپ قارىشىڭىزنى ، دائىم مېنى سىز بەك چىرايلىق ، ناخشىڭىز بەك يېقىملىق ، پىگۇرىڭىز بەك قاملاشقان ، ئىتايىن سۆيۈملۈك ، مۇلايىم دەپ ماختىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. 8.چاچ_چىرايلىرىمنى ياساتقاندا ، يېڭى ئاياق كىيگەن ۋاقتىمدا سىزنىڭ دىققەت قىلىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن. 9.ھەر خىل خاتىرە كۈنلىرىمنى ،بولۇپمۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى چوقۇم ئېسىڭىزدە ساقلىشىڭىز كېرەك . 10.مەن ھەر قانداق ئىشنى سىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى بەك خالايمەن ، مەسىلەن مېنىڭ قانداق گىرىم بۇيۇمى ئىشلىتىدىغانلىقىم دېگەندەك ، چۈشەنمىسىڭىزمۇ كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاۋاتقاندەك بولۇۋالسىڭىزمۇ كۇپايە . 11.ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىشىڭىزنى چوتكىلاشنى ئۇنۇتمىغايسىز. 12.سىزنىڭ بەك كېلىشكەن بولىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايمەن ، ئەمما پاكىز بولىشىڭىز كېرەك . 13.مېنىڭ بەزىدە ئاچچىغىم يامانراق ، مۇنداق چاغلاردا چىداملىق بىلەن يول قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. 14.مەن سىزنى ئائىلە ئېلىكتىرسايمانلىرىنى ياخشى بىلىدۇ ، رېمونت قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن . 15.مەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمايمەن ئەمەس ، ئەمما قىلغۇم كەلمىگەچ قىلالمايمەن دەپ تۇرۇۋالىمەن . 16.ھەر كۈنى مەيلى قەيەرگە بېرىڭ ، كىم بىلەن بىللە بولۇڭ بارلىق ييۈرۈش-تۇرىشڭىزدىن چوقۇم مېنى خەۋەرلەندۈرىشىڭىز كېرەك . 17.بىر يۇمۇر ياكى بىر سۆزنى ئەڭ ياخشىسى 20 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلىماڭ . 18.سىز تېلېفون قىلغاندا ئاچچىقلىنىپ كايىشىم پەقەت سىزنىڭ پات-پات ماڭا تېلېفون قىلىپ مېنى بەزلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت. 19.ئازراق قۇرساق سالسىڭىز مەيلى ، ئەمما بەك سەمىرىپ كەتمەڭ ، بىراق مەندىن بەك ئورۇقلاپ كەتسىڭىزمۇ بولمايدۇ . 20.ئەر كىشى بەك كۈچتۈنگۈر بوپ كەتسىمۇ ئادەمگە ناھىيىتى قورقۇنۇشلۇق كۆرىنىدۇ . 21.مەن سىزنىڭ كەلسە كەلمەس بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ بولىشىدىن ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىزنى يامان يولغا باشلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن . 22. دوستلىرىمنىڭ ئالدىدامېنى ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان ، ماڭا ئىنتايىن كۆيىنىدىغان ، قىلىدىغان قىلق تاپالمايدىغان قىياپەتتە كۆرۈنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. 23.مەن سىزگە تاماق ئېتىپ بەرگەندە يىيىشنىلا بىلمەي ،چوقۇم بەك ئوخشاپتۇ دېيىشىڭىز كېرەك . 24.ساز چېلىش ، رەسىم سىزىش ،شاھمات ئويناش ، ھەرخىل تەنتەربىيە ، ناخشا ئېيتىش،يېزىقچىلىق قاتارلىقلارنىڭ كەم د ېگەندە بىرىگە ماھىر بولىشىڭىز(كومپىيۇتېردا ئويۇن ئويناش ھېساپ ئەمەس) ،قالغانلىرىنى بولسا ئاز-تولا بىلىشىڭىز كېرەك . 25.مېنىڭ خىزمىتىمدىن بەھىرلىنىشنى بىلىشىڭىز كېرەك . 26.ئەرلىك غورۇر زومىگەرلىك ھېساپلانمايدۇ . 27.مۇلايىملىق مۇستەقىل قارىشى يوق ھېساپلانمايدۇ . 28.ئەركىن يۈرۈش ئۆز بېشىمچىلىق ھېساپلانمايدۇ . 29.مەن تاماق ئەتسەم سىز ئۆزلۈگىڭىزدىن قاچىلارنى يۇيىشىڭىز ، مەن ئۆي سۈپۈرسەم سىز يەر سۈرتىشىڭىز كېرەك . 30.سىزنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىڭىزنى ياقتۇرىمەن ، ئەمما ئىمكان قەدەر ۋاقت چىقىرىپ ماڭا ھەمراھ بولىشىڭىز كېرەك . 31.ھەر دائىم مەن نەگە بارساق بولار، دېسەم ، ئختىيارىڭىز ، دەپ جاۋاپ بېرىۋەرمەسلىكىڭىز كېرەك ، بۇ ماڭا يول قويغانلىقىڭىز بولماستىن بەلكى مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە رايىڭىز يوقلقىنى بىلدۈرىدۇ . 32.ئەگەر مېنىڭ قاملاشقان پىگۇرام بولسا ،ھېسسىياتچان ئېسىلزادىلەردەك ياسانسام دەيمەن . 33.مەن سىزگە ئورۇقلايمەن دېگەن چېغىمدا ، سىزنىڭ : سىز سېمىز ئەمەسقۇ ، ئورۇقلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مەن ياقتۇرغاندىكەن بولدى، دېيىشىڭىزنى خالايمەن . 34.سىزنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئايال زاتىدىن دوستىڭىز ، سىردىشىڭىز ، ھەمشىرىىلرىڭىز بولماسلىقى كېرەك . 35.مېنىڭ ئوغۇل دوستۇمنىڭ بولىشى نورمال ئەھۋال . 36.سىزنىڭ ئايال خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزدىن چوڭ خانىملار ، چىرايى يوق ئاياللار بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . 37.مەن سىزنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستىڭىز بىلەن بولغان ئىشلىرىڭىزغا بەك قىزىقىمەن ، قانچە تەپسىلى بولسا شۇنچە ياخشى . 38.مەن بەزىدە بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇمنى ، خۇپىيانە كۆيگەن يىگىتىمنى ، چوقۇنىدىغان مەبۇدلىرىمنى سېغىنىپ قالىمەن . 39. مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىمىزنىڭ قانچە ئۇزۇن بولىشىدىن قەتئىنەزەر ،سىزنىڭ دائىم ماڭا تاسادىبى خۇشالللىق ئاتا قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. 40.سىز دائىم ماڭا 《سىزنى سۆيىمەن》دېيىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن . 41.ئون ئىككى ياشتىن تۆۋەن قىزچاقلارنىڭلا ئوماققىنە ياسىنىپ يۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ ، ئۇندىن باشقا ئايالارنىڭ بولسا سۆيۈملۈك خاراكتىرگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ . 42. ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋاقىرىماسلىقىڭىز ، بىر ئىشلارغا ئۇنچىۋالا ھەيران قالماسلىقىڭىز ، ماڭا چالۋاقىماسلىقىڭىز ، مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك . 43.(ئاممىۋى سورۇنلاردا تارتىنچاقلىق قىلىش ، گەپ قىلماسلىق سىپايىلىق ھېساپلانمايدۇ )ئاممىۋى سورۇنلاردا سېسىق گەپ قىلىش ، خاراكتىرى بار ھېساپلانمايدۇ . 44.(سىز ھەددىدىن ئارتۇق ياسىنىپ مەن بىلەن سىرتقا چىقسىڭىز مەن قورقىمەن )پەقەت ياسانماي بىرگە چىقسىڭىز تېخىمۇ قورقىمەن . 45.مەن بىر ئىشنى قىلىغاندا مېنى تىللىسىڭىز ھېچقىسى يوق ، مۇھىمى شۇنىڭدىن كېيىن مېنى بەزلىشىڭىز ، سۆيۈپ قويۇشىڭىز كېرەك . 46.سىز بىلەن بىرگە بولساممۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ مېنى قوغلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن . 47.مەن ئاچچىقلىغاندا سىزگە مېنى ئىزدەپ كەلمەڭ دېگىنىم ، ئەمىلىيەتتە مېنى بەزلەڭ دېگىنىم . 48.مېنىڭ ئۆزۈمنى دائىم باشقا قىزلار بىلەن سېلىشتۇرىشىم ،سىزنىڭ مېنى ئۇلاردىن ياخشى دەپ ماختىشىڭىزنى خالىغىنىم . 49.تىلى بۇزۇق ، دىلى تۈزۈك بولۇش مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم ،بولۇپمۇ ئاچچىقلىغان چېغىمدا تىللىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى يالغان بولۇپ ، بارمايمەن دېگىنىم بارىمەن دېگىنىم ، كېرىگى يوق دېگىنىم كېرەك دېگىنىم ، ئەسكى دېگىنىم ياخشى دېگىنىم . 50.مەن ئاچچىقلىغاندا چوقۇم دەرھال بەزلىشىڭىز ، ئاچچىغى بېسىقسۇن دەپ قاراپ تۇرماسلىقىڭىز كېرەك .چۈنكى مېنىڭ ئاچچىغىمنى بېسىشقا ۋاقت كەتمەيدۇ . 51.مەن ياقتۇرىمەن دېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ماڭا سوغا قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . پەقەت ئالاھىدە خاتىرە كۈنلەردە شۇلاردىن بىرەر-ئىككىسىنى سوغا قىلىپ ، مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئېسىڭىزدە تۇتقانلىقىڭىزنى ماڭا بىلدۈرسىڭىزلا كۇپايە . 52.قىز دوستىڭىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئەڭ ياخشىسى ئېسىڭىزدە ساقلىشىڭىز كېرەك ، ئاڭلاپلا كۇپايە قىلسىڭىز بولمايدۇ . 53.دوستلىرىڭىزغا ھەمراھ بولسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما مېنى چوقۇم دوستلىرىڭىزدىن ئەلا بىلىشىڭىز كېرەك . 54.مەن بىر ناخشىنى بەك ياخشىكەن دېگەندە سىز چوقۇم ناخشىنىڭ تېكىستىگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك ، چۈنكى مەن ناخشا ئارقىلىق ئۆز مۇددىئايىمنى سىزگە بايان قىلىمەن . 55.سىز چېنىقىپ ، ھەرىكەت قىلىپ يانغاندا مېنى قۇچاقلىماڭ ، چۈنكى بەدبۇي تەر پۇراپ كېتىسىز . 56.مال سېتىۋېلىش ئاياللارنىڭ تۇغما تەبىئىتى بولۇپ ،مال سېتىۋېلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلماڭ ياكى باشىقىچە پىكىردە بولماڭ ، ئەڭ ياخشىسى پات-پات ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ تۇرۇڭ . 57.مەن سىزنىڭ بەدەنلىرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ قويسام بولىدۇ ، مەنمۇ بەزىدە چارچاپ قالىمەن شۇنداق چاغلاردا سىزنىڭمۇ مېنىڭ بەدەنلىرىمنى ئۇۋۇلاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . 58.ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا مېنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلالمايدۇ دېمەڭ .

     توردىن تەرجىمە ققىلىنغان


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: