-
2010-12-09
تارىختىكى 11چوڭ تاسادىبىلىق - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/87972403.html
تارىختىكى 11چوڭ تاسادىبىلىق
1.تاسادىبى قايتىپ كەلگەن ئاچقۇچ
ئامېرىكىلىق تۇل ئايال ۋېليام تېر بىر قېتىم سىرتقا چىققاندا ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ ،قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرەلمەي تۇرغاندا ، پوچتالىيون بىر پارچە خەت ئەكلىپتۇ ،بۇ خەت ئۇنىڭ ئاكىسىدىن كەلگەن بولۇپ خەتنىڭ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى چىقىپتۇ ! خەتتە ئاكىسى ئۆتكەندە يوقلاپ كەلگەندە ۋېليام تېرنىڭ بىر ئوشۇق ئاچقۇچنى بەرگەنلىكىنى ، لېكىن ۋاشىنگتونغا قايتىدىغان چاغدا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۇنتۈپ قالغانلىقتىن ھازىر پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى يېزىلغانىكەن.
2.ئىككى لاۋرا
2001-يىلى 6-ئايدا ، ئەنگىلىيىنىڭ سىتاسفۇرت شەھرىدىكى 10 ياشلىق قىزچاق لاۋرا بوكىستون ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى يېزىلغان باغاقچىنى بىر ھېدروگېن گازى قاچىلانغان شارغا چىگىپ شارنى ئۇچۇرىۋېتىپتۇ .بۇ شار 140 ئېنگىلىز مىلى ئۇچۇپ بىر ەيلەننىڭ ئۆيىگە چۈشۈپتۇ ، ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى بۇ ئائىلىدىمۇ لاۋرا بوكىستون ئىسىملىك 10ياشلىق بىر قىز بار ئىكەن .
3.ئېغىر خاتالىق
ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتىدىكى دورىس ، شېرا ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قارشى تەرەپنى ھەيران قالدۇرماقچى بولۇپتۇ(ئۆزئارا بىلىشمەيدىكەن ) .ھەر ئىككىلىسى ئۆيىدىكىلىرى بىلەن خوشلىشىپ، ئۆز ئۆيلىرىدىن چىقىپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ25-نومۇرلۇق تاش يولنى بويلاپ بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ .ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى ئۇلارنىڭ ماشىنىسى يولنىڭ مەلۇم بۆلۈكىدە ئۆزئارا سوقۇشۇپ ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن قازاقىپتۇ .
4.قاغىش تەككۈر ماشىنا
ئامېرىكا كىنو چولپىنى جامىس دېئىن 1955-يىلى ئۆزىنىڭ مۇسابىقە ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلىدۇ . ئۇنىڭ بۇ مىجىلىپ كەتكەن ماشىنىسى مەلۇم بىر رېمۇنتخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ چۇۋۇش جەريانىدا دامكىرات بىلەن تىرەپ قويۇلغان ماشىنا توساتتىن چۈشۈپ كېتىپ بىر رېمۇنتچىنىڭ پۇتىنى ئۈزۈۋەتكەن . بۇ ماشىنىنىڭ ماتورى كېيىن بىر دوختۇرغا سېتىپ بېرىلىدۇ ، دوختۇر ماتورنى ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا قويدۇرۇپ ، بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلىدۇ . دېئىننىڭ ماشىنىڭسنىڭ رول ئوقىنى سېتىۋېلىپ ماشىنىسىغا ئورناتقان يەنە بىر ماشىنا مۇسابىقە ماھىرىمۇ ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلىدۇ .دېئىننىڭ ماشىنىسىنىڭ سىرتقى قېپى باشقىلار تەرىپىدىن كۆرگەزمىگە قويۇلغان ، بۇ كۆرگەزمەخانىغا تۇتيۇقسىز ئوت كەتكەن .يەنە بىر قېتىم بۇ ماشىنا قېپى كۆرگەزمە سۇپىسىدىن غۇلاپ كېتىپ كۆرگەزمە كۆرۈۋاتقان بىرسىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرىۋەتكەن .
5.ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش
چېخ پايتەختى پراگالىق ئائىلە ئايالى ۋېيرا جېماك ئېرىنىڭ سىرتقا قاراپ ، ئۆزىگە سادىق بولمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولۇپ ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن سەكرەيدۇ ، دەل شۇ چاغدا بۇ بىنادىن چىقىۋاتقان بىرئەرنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ ، سوقۇلۇش زەربىسىدىن ئۇ ئەر ئۆلىدۇ ، ئۆزى بولسا يېنىك يارىلىنىدۇ . ھەيران قالارلىق يېرى ، بۇ ئەر دەل ئۇنىڭ ئېرى ئىكەن .
6.《ئەزرائىل》 مۇ ئارام ئالىدىكەن
1946-يىلى ، ئامېرىكا نيۇ-يورك 《ئالتون كەچلىك خەۋەرلەر گېزىتى》نىڭ مۇسىبەت ئېلان تەھرىرى ۋېستېر دەم ئالغان بىر ھەپتە ئىچىدە 《ئالتون كەچلىك خەۋەرلەر گېزىتى》گە بىر پارچىمۇ مۇسىبەت ئېلانى بېرىلمىگەن . ئادەتتە بۇ گېزىتتە ھەر ھەپتىسى 10 دىن ئارتۇق مۇسىبەت ئېلانى بېسىلىپ تۇرىدىكەن .
7.ھالاكەت كۆۋرۈكى
1957-يىلى ، ئامېرىكا كالفورنىيىلىك بېسىنگىر ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى كۆۋۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بىر ماشىنا بېىسىۋېتىپ قازا قىلىدۇ
历史上的今天:
بەش ئەزانىڭ ئۆزگىرىشى 2010-12-09ئاقىللار،زىيالىلار ۋە بىلەرمەنلەر 2010-12-09داڭلىق شەخس 2010-12-09
收藏到:Del.icio.us