• 2010-12-16

    ... دىن قورقمايدۇ، پەقەت...دىن قورقىدۇ - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/89774500.html

    ... دىن قورقمايدۇ، پەقەت...دىن قورقىدۇ

    (فېليەتون)

    دېڭ سۇڭ

    ھازىرقى بەزى كادىرلار قانۇن-نىزامدىن قورقمايدۇ، پەقەت يۇقىرىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقىدۇ.

    ھازىرقى بەزى كادىرلار خەلق ئاممىسىن قورقمايدۇ، پەقەت قىلمىشىنىڭ توردا ئاشكارىلىنىشىدىن قورقىدۇ.

    ھازىرقى بەزى زاۋۇتلار خېىردارلارنىڭ زەھەرلىنىپ يىقىلىشىدىن قورقمايدۇ، پەقەت بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن قورقىدۇ.

    ھازىرقى بەزى يانچۇقچىلار نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقمايدۇ، پەقەت ساقچىنىڭ ئىزدەپ كېلىشىدىن قورقىدۇ.

    ھازىرقى بەزى بايلارنىڭ بالىلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ باشقىلارنى سوقۇۋېتىشتىن قورقمايدۇ، پەقەت ئۆيىدە پۇل بولماسلىقتىن قورقىدۇ.

    ھازىرقى بەزى مەجبۇرىي ئۆي چاقىدىغانلار پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىن قورقمايدۇ، پەقەت يۇقىرىنىڭ ئاچچىقلىنىشىدىن قورقىدۇ.

    ھازىرقى كىشىلەر GDP نىڭ جىددى ئۆرلەپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ، بەخت تۇيغۇسىنىڭ جىددى تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن قورقىدۇ.

     

    «جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى»دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: