• 2010-12-17

    2009-يىللىق سەييارە يۇلتۇز ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ۋە ئۇنىڭ يېڭى ئەسىرى «سولماس گۈل» - [چەئەل ئەدىبلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90140022.html

    2009-يىللىق سەييارە يۇلتۇز ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ۋە ئۇنىڭ يېڭى ئەسىرى «سولماس گۈل»

    گۈي يى

    2009-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىسپانىيە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بىرى سەييارە يۇلتۇز مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى، ئايال يازغۇچى ئانگېلېس كاسو(Angeles Caso) نىڭ «سولماس گۈل» دېگەن ئەسىرى بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولدى. ئانگېلېس كاسونىڭ تەرجىمىھالىغا قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتنى تەساددىپىي قولغا كەلتۈرمىگەنلىكىنى بايقايمىز. 1994-يىلى «كۆلەڭگۈنىڭ كۈچى»(El peso de las sombras) دېگەن ئەسىرى شۇ يىلقى سەييارە مۇكاپاتىدا ئىكككىنچى بولغان؛ 2000-يىلى «ئۇزاق سۈكۈت» (Un largo silencio) دېگەن ئەسىرى «فېرناندو رالا مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

    ئانگېلېس 1959-يىلى ئىسپانىيىنىڭ ئاستۇرىياس ئۆلكىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئىسپانىيە ئورۋېلدو ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، ئەدەبىيات پروفېسسورى ئىدى. ئانگېلېس ياش ۋاقىتلىرىدا ئېنگىلىز، فرانسوز، ئىتالىيان، پورتۇگال تىللىرىنى ئۆگەنگەن، ئۇ 1985-يىلىدىن 1986-يىلغىچە ئىسپانىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ TVE «كۈندۈلۈك خەۋەرلەر» پروگراممىسى ۋە  زىيارەت-سۆھبەت خاراكتىرىدىكى «چۈشتىن كېيىن» دېگەن پروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان، ئۇ يەنە دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە مۇخبىرى بولغان، ھەمدە كۆپلىگەن تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ 35 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئايال كىشىنىڭ نەزەرى بىلەن دەۋر قىياپىتىنى نامايەن قىلغان.

    ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى بىزگە ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغان سىسىي مەلىكىنىڭ ئەسلى قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن «ئېلزابىت»(1993-يىل) بولۇپ، ئەسەردىكى ئاۋسترىيە - ھونگىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ خانىشى بىزگە تونۇشلۇق كىنودىكى سىسىي مەلىكىنىڭ ئوبرازىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. ئەسەردە تارىختىكى داڭلىق ئاۋسترالىيە-ھونگىرىيە ئىمپىرىسىنىڭ خانىشى ئېلزابىتنىڭ كەچۈرمىشى ۋە روھىي دۇنياسى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ چۇڭقۇر ھالدا كىتابخانلارغا ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەسىرى «كۆلەڭگۈنىڭ كۈچى» بولۇپ، ئۇنىڭدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن فىرانسىيەلىك بىر ئايال ئاقسۆڭەكنىڭ يالغۇزلۇق روھىيىتى تەسۋىرلەنگەن. ئانگېلېسنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «ئۇزاق سۈكۈت» بولۇپ، بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ ئائىلە كىشىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ «ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى» ئەسلىمىسىگە ئاساسەن يېزىلغان، ئۇنىڭدا جەمەتتىكى ئانا، قىز ۋە نەۋرە قىزدىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋلاد ئايال كىشىنىڭ كەچمىشى تەسۋىرلىنىدۇ. شۇندىن كېيىن ئانگېلېس ئۇدا توققۇز يىلغىچە رومان ئىجادىيىتىدىن توختىغان، ئاخىر ئۇنىڭ نەزەرى بىر توپ ئافرىقىلىق كۆچمەن ئايالغا چۈشىدۇ-دە، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئىسپانيىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان «سولماس گۈل» دېگەن ئەسەرنى ئىجاد قىلغان. ئەسەردە سانت ئىسىملىك بىر ئافرىقىلىق كۆچمەن ئايالنىڭ ياۋروپادىكى كەچۈرمىشى تەسۋىرلەنگەن. سانت كىچىكىدىنلا نامرات ئائىلىدە چوڭ بولىدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ياۋروپاغا كۆچمەن بولۇپ بېرىش ئۇنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى بولىدۇ. ئۇ دەسلەپ پورتۇگالىيىگە بارىدۇ، كېيىن ئىسپانىيىگە كېلىدۇ. سانتنىڭ كەچۈرمىشى ئەگرى-توقايلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا تولغان بولۇپ، ھامان كېلىشمەسلىككە ئۇچراپلا تۇراتتى: كىچىكىدە ھاراقكەش دادىسىنىڭ تاشلىۋېتىشىگە دۇچار بولىدۇ، چوڭ بولغاندا يەنە خوجايىننىڭ ئېكىپالاتاتسىيىسىگە ۋە ئوغۇل دوستىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئاياللىق سۈپىتى بىلەن كۆرگەنلىرى، ئافرىلىق كۆچمەن سۈپىتى بىلەن ئۇ ياۋروپا جەمئىيىتىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى ۋە كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش كۆچمەن ھەمشىرىلىرى ۋە ياۋروپادا تونۇشقان ئايال دوستلىرى ئارىسىدىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپالايدۇ. روماندىكى باش قەھرىمان تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي كىشىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇن ئاپتورنىڭ ئۆيىدە ئائىلە خىزمەتچىسى بولغان سانت ئىدى. ئاپتور: روماندىكى ۋەقەلىك تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ۋەقەلىك ۋە چىن شەخسلەردىن ئېلىنغان بولۇپ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا يەنە بىرمۇنچە ۋەقەلىك توقۇپ چىقىرىلغان، چۈنكى «تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن ئەدەبىياتتىكى قائىدىلەر ئوخشىمايدۇ»، دەپ قارىغان. ئانەېلېس باش قەھرىماننىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرىنىڭ تىرىشىپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن. رېئال تۇرمۇشتىكى سانت بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھەيران بولغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «ئاپتور مېنىڭ ئۇنىڭغا ئاشكارىلىمىغان ئەمما كۆڭلۈمدە ھەقىقىي پەيدا بولغان سادالىرمنى قانداق قىلىپ مۇشۇنداق مۇۋەپپىقىيەتلىك تەسۋىرلەپ چىققاندۇ؟»

    بىرنچى

    ئانگېلېس بۇ ئەسىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: « بۇ ئاياللار قوش قاتلاملىق يوشۇرۇن ھالەتتىكى ئاياللاردۇر، ئۇارل مەيلى ئاييالىق سۈپىتىدە بولسۇن، ۋە ياكى كۆچمەنلەر سۈپىتىدە بولسۇن بەرىبىر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز رومان ئىجادىيىتى بىلەن بۇ ئاياللارنى خاتىرلىشىمىز كېرەك. » ئۇ مۇنداق قارايدۇ: ئاياللار جەمئىيەتتە يان ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار «يوشۇرۇن ئادەم»لەر ھېسابلىنىدۇ. تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن بۇ كۆچمەن ئاياللار «ئايال» كىشى ۋە «كۆچمەن»دىن ئىبارەت قوش سالاھىيەتىكە ئىگە بولغاچقا تېخىمۇ جەمئىيەتنىڭ چەت گىرۋەكلىرىدە  ئادەتتىكى كىىشلەر ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمى پىسەنت قىلمايدىغان كۈلپەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.

    ئاپتور رومانى ئارقىلىق ئەرلەر ھاكىممۇتلەقلىقىنى سۆكىدۇ، ئاياللار ئۈچۈن جار سالىدۇ، ئۇ ئاياللارنىڭ «يوشۇرۇن ئادەم»لىك ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. بۇرۇن ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېگەن: «مەدەنىيەت ئەزەلدىن ئەرلەر ھاكىمۇتلەقلىق تۈسىنى ئېلىپ كەلدى ۋە ئەرلەر بېكىتكەن ئەخلاق مىزانى ۋە گۈزەللىك ئۆلچىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلدى ». ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن نېيترال ئەدەبىياتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن.»  ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر بولسا ئەرلىك نۇقتىئىي نەزەرىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، ياكى ئاياللارنىڭ نەزەر دائىرىسى بويىچە يېزىلىدۇ. ئانگېلېس كۆپچىلىكنى ئاياللار ئەدەبىياتىغا دىققەت قىلىشنىقا چاقىرىدۇ: «گەرچە ئايال يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسى بويىچە يېزىقچىلىق قىلسىمۇ، بۇنىڭغا ئاياللارنىڭلا دىققەت قىلىشىنى خالىمايمەن، بۇ خىل يېزىقچىلىقنىڭ ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» «بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ئەر كىتابخانلارنىڭ ئاياللارنىڭ روھىيىتىدىكى باشقىلارغا ئايان بولمىغان مەخپىيەتلىكلەرنى بايقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» بۇ نۇقتئىينەزەرلەردىن ئاپتورنىڭ جەمىيەتنىڭ چەت ياقىلىرىدا تۇرىۋاتقان ئاياللارنىڭ پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

    روماندىكى ئىرقىي كەمسىتىش توغرىسىدىكى مۇھاكىمىمۇ ئادەمنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: «مەملىكىتىمىزدە كىشىلەر ئۆزلىرىنى ھامان ئىرقچى ئەمەس دېيىشىدۇ  ، ئەمەلىيەتتە بىزدىكى ئىرقىي كەمسىتىش ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ئېغىر». «ئېلىمىز بەلكىم دۇنيادىكى ئىرقىي كەمسىتىش ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىرقىي كەمسىتىش ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.» بۇ توغرىدا ئۇ گۇمانىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «نېمە ئۈچۈن كىشىلەر پەرزەنتلىرىمىزنى بېقىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ كەچمىشلىرىنى چۈشىنىشنى خالىمايدۇ؟» ئۇ جەمئىيەتتىكى مۇشۇ بىر توپ «يوشۇرۇن كىشىلەر» ئۈچۈن ۋەز ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈرمەكچى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرىنى چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ.

    ئاپتور يەنە تۇرمۇشتىكى بۇ «يوشۇرۇن» ئاياللارنىڭ باشقىلارنىڭ قەلىمى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزلىرى «ھېكايە-رومان يېزىپ قەلب ساداسىنى ئىزھار قىلىش»ىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«كىتاب جەمئىيەتتىكى ھەر قانداق ئادەمنى باراۋەر شەكىلدە بايان قىلىدۇ. ئادەملەر باراۋەر بولىشى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرق بولماسلىقى كېرەك.» ئاپتور ھازىر بۇ ئاياللارنىڭ بۇ نۇقتىنى ئورۇندىيالمىغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ئورۇندىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

    ھەجۋىلىككە ئىگە يېرى شۇكى، ئانگېلېس بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئۇزۇن بولماي، ئىسپانىيەنىڭ بۇ مۇكاپاتنى خەۋەر قىلغان مۇھىم بىر تور بېكىتىدە بەزىلەر ئانگېلېسنى «ياۋايى، تەشكىلسىز» سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئاساسىي قەھرىمان قىلىپ يازغانلىقىنى ئەيىپلەپ، بۇ كۆچمەنلەر ئىسپانىيە جەمئىيىتىنىڭ داۋالغۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئاپتورنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش توغرىسىدىكى مۇراجىتى ئىنتايىن زۆرۈر بولغان.

    ھازىرقى جەمئىيەتتە ئەرلەر ھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ تېخىچە مەۋجۇت بولىشىنى مۇنازىرىسىز ئەمەلىيەت دېيىلسە، ئۇنداقتا ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە دوستلۇق تېخىمۇ مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولىدۇ. روماندا مۇشۇ ئاساسىي تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈشكىمۇ زور ئەجىر قىلىنغان. روماندىكى ئاساسىي پۇرسۇناژ سانتتىن باشقا يەنە بىر ياۋروپالىق ئايالمۇ بار. سانت بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتى، سانتنىڭ ئۆزى بىلەن تەقدىرداش ئاشۇ بىر توپ ئاياللار بىلەن بولغان دوستلىقى ۋە ئۆزئارا غەمخورلىقى ئەسەردە كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدىغان بۆلەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان.

    ئاساسىي قەھرىمان سانت دادىسى، خوجايىنى ۋە بۇرۇنقى يىگىتى ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن بەختسىزلىكتىن كېيىن، ئۇنىڭ قىز دوستلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ. بۇ كۆچمەن ئاياللارنىڭ كەچمىشى بىلەن ياۋروپالىق ئايالنىڭ كەچمىشى پاراللىل بولۇپ، كۆچمەنلەر كۆچمەن بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن جەۋر-جاپالارنى تارتقان بولسا ياۋروپالىق ئايال گەرچە تۇرمۇشى باياشات بولسىمۇ، پىسخىك دوختۇرىمۇ دىئاگنوز قويالمىغان روھىي كېسەللىكنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ. ئاپتور سانتقا ئوخشاش ئايال كۆچمەنلەرنىڭ كەچۈرمىشىنى ياۋروپالىق بولغان ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سېلىشتۇرىدۇ. «نامرات دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاشۇ ئاياللار ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى شەرت، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىملىرى ئۇلارنى قەيسەر قىلغان، ھەمدە ئۇلارغا ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى ئاتا قىلغان، ئەكسىچە ئۆز يۇرتىمىزدا ياشاۋاتقان ياۋروپالىق ئاياللار تايىنى يوق ئىشلار ئۈچۈن پەرىشان بولۇپ يۈرشىمىز.» مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر پاراللېل سىزىقتا تۇرۇۋاتقان ئىككى خىل ئايالنىڭ تۇرمۇشتىكى تەساددىپىيلىق بىلەن ئۆزئارا ئۇچىرىشىپ، ھېسسىيات كەچمىشىدە گىرەلىشىش يۈز بېرىدۇ.

    ئىككىنچى

    ئانگېلېس كىشلەرنىڭ سانتتەك «يوشۇرۇن»كىشىلەرگە بولغان دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئىجادىيەت شەكلى ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ئېھتىياتچان بولغان. ئانگېلېس بۇرۇن سىسىي مەلىكە قاتارلىق نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى نەسىر شەكلىدە ئىجاد قىلغان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ سانتنىڭ ھېكايىسىنى رومان شەكلىدە يېزىشى «نەسىرنى ئوقۇيدىغانلار كۆپ ئەمەس، شۇنداقلا نەسىرنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى روماندەك كۈچلۈك ئەمەس»لىكى سەۋەبىدىن بولغان. رومان شەكلى «تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرگە باش قەھرىماننىڭ كەچۈرمىشىنى، كۆچمەنلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۈشكۈلاتلارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى، مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچار بولغانلىقىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇرمەنلەرنى كۆچمەن ئاياللارنىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاسارىتىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.»

    ئۇنىڭدىن باشقا ئانگېلېسنىڭ دادىسى ئەدەبىيات پروفېسسورى بولغاچقا كچىكىدە دائىم ئۇنىڭغا قەدىمكى يونان ئەدەبىيات تارىخىنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئانگېلېس ئۆزىمۇ ئەزەلدىن قەدىمكى ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى «ھومېر داستانى»قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچىرىغان. ئانگېلېس مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «سولماس گۈل»دە يارىتىلغىنى 21-ئەسىردىكى ئايال قەھرىماننىڭ ئوبرازى، بۇ ئوبراز 19-ئەسىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە يارىتىلغان ئايال قەھرىماننىڭ ئوبرازىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ زامانلاردىكى ئايال قەھرىمانلار «ئارزۇ-ئارماننىڭ ئوبيېكتى»، «ئاياللار ئۆزىنىڭ نادانلىقىنىڭ قۇربانى» ئىدى. مەن ياراتقان ئايال قەھرىمان ئوبرازى بولسا قەدىمقى يونان ئەپسانىلىرىدىكى ئايال قەھرىمانلارغا ئوخشايدۇ، بۇ ئاياللار«تەڭرى ئۇلارغا كۆرسەتكەن ئاسارەت ۋە قارغىشلاردىن تىرىشىپ قۇتۇلماقچى بولىشىدۇ.»

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ئاپتور «سولماس گۈل»نى نەشر قىلىشتا «ۋىرگىنىيە ئېۋورا» دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان، بۇنىڭدىن مەقسەت ئەنگىلىيىلىك داڭلىق ئايال يازغۇچى ۋىرگىينىيە ۋولف بىلەن ئافرىقىلىق داڭلىق ناخشىچى شېسېرېيە ئېۋورانى خاتىرلەش ئىدى. ۋىرگىيە ۋولف دۇنيا ئاياللار ھەرىكىتى(فېمىنىزىم)نىڭ ئاۋانگارتى ئىدى، ئانگېلېس كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قايىللىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ شېسېرېيە ئېۋوراغا دىققەت قىلىشى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈشى ئۇنىڭ ئافرىقىلىق ئىكەنلىكى ۋە ئايال ناخشىچىلارنىڭ داڭلىق ۋەكىلى بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا «سولماس گۈل» ئاياللىق پۇرىقىغا تويۇنغان ئەسەر بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويغان ئىجتىمائىي تېما ئاياللار مەسىلىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، مەسىلەن كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىدۇر. ئاپتور ئاياللاردىكى ئۆزگىچە نەزەر بىلەن «قوش قاتلاملىق يوشۇرۇن ئادەم»دىن ئىبارەت سىرلىق دۇنيانى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنى بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەر بىلەن چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

     

    (گۈي يى نەنجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى جىنلىڭ ئىنىستىتۇتى چەتئەل تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئىسپانىيە تىلى لېكتورى، ئىسپانىيە گېرانادا ئۇنىۋېرىستېتى پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى)

     

    «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 5-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: