• 2010-12-09

    ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىقى بىلەن دۇنياۋىيلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى - [مۇھاكىمە-ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87968163.html

    ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىقى بىلەن دۇنياۋىيلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى

     شۈي يوۋيوۋ

     ئەدەبىياتنىڭ مىللىلىقى بولسا – ئەدەبىياتنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گورۇھلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى سوقۇلۇپ بىرىكىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىياتنىڭ مىللىي ئورتاقلىقىدۇر. ئۇنىڭ پەيدا بولىشىدىن ئېيتقاندا ئۇ – ئىنسانىيەت ئەدەبىيات پائالىيىتىنىڭ ئەركىنسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. يەنى ماددى شارائىت بولغان – قانتاش، ئالاقە يەتكۈزۈش، ساقلاش، ئۇچۇر قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇچىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك، ئەدەبىياتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى – ئۆزگىچە مىللىي خاراكتىر، ئۆزگىچە ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئۆزگىچە تەبىئىي مۇھىت، ئۆزگىچە ژانېر، ئۆزگىچە ئىپادىلەشئۇسلۇبلىرىدا ئىپادە تاپىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىقى بولسا ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئەركىنسىزلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئەمما ئەدەبىياتنىڭ دۇنياۋىلىقى بولسا ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى ئىچكى ماھايىتىنىڭ تەلىپىدۇر. ئۇ ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت مەقسىتىنىڭ تەلىپىدۇر. ئەدەبىياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا بىرمۇنچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى كۆرسىتەلەيمىز، ئەمما تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولسا ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى ھەمدە گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئارزۇ-ئىستەك بارغانسېرى كۈچىيىپ بارىدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ئىنسانلارنى چۈشىنىشتىكى بىر خىل ھاياجېنىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئەدەبىياتنى دۇنياۋىلىق دەرىجىسىگە چىقىرىدۇ. ئۈچىنچىدىن ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا- گۈزەللىكنى ئىپادىلىگەندە گۈزەل، ئىستېتىك بولىدۇ. بۇ ئەدەبىياتنى كىشىنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ، باشقا-باشقا مىللەت كىشىلىرى پەقەت گۈزەللىك بولغانلىقى ئۈچۈنلار ئۆزئارا قەلبىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىقى بىلەن دۇنياۋىلىقى گويا بىر تەڭگىنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر ئىككى تەرىپى بولۇپ، شۇنداقلا بۇ خىل خاسلىق بىردەك بولىدۇ، يەنى قانچە مىللىيلىققا ئىگە بولسا شۇنچە دۇنياۋىيلىققا ئىگە بولىدۇ، ھانچە دۇنياۋىيلىققا ئىگە بولسا شۇنچە مىللىيلىققا ئىگە بولىدۇ. ئالدى بىلەن مىللىي خاسلىقىنى يوقاتقان ئەسەر، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كۆڭلىگە پۈكمىگەن ئەسەر ئىنسانىيەتكە ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلەلمەيدۇ. مىللىي خاسلىقى يېتەرسىز بولسا ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىياتنىڭ مىللىي خاسلىقىنىڭ تەرەققىياتى قانچە روشەن، مول، تەلتۆكۈس بولسا، شۇنچە دۇنياۋىيلىققا ئىگە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن ئەدەبىيات پەقەت دۇنياۋىي ئەدەبىيات ئالماشتۇرۇشىغا كىرەلىگەندىلا ئاندىن تەرەققىي قىلالايدۇ، گۈللىنەلەيدۇ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ئاندىن ساقلاپ قالغىلى ۋە راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى، بېيىشى، ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىش ئارقىلىق دۇنياۋىي ئەھمىيەت ۋە دۇنياۋىي ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ. ھەر مىللەت ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر قىلىش ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ۋە چەتئەل ئەدەبىيات تەرەققىيات تارىخىدىكى ئوبيېكتىپ رېئاللىق، شۇنداقلا ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى. دۇنيا مىقياسىدىكى ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش - ئەدەبىياتنى يەرشارىلاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەرت. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى شەكىللىنىشى بىلەنلا يالغۇز ئۆز مىللىتىنىڭڭلا بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق رتوھىي بايلىقى بولۇپ، ھامان دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ. ماركس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”بۇرژۇئازىيە دۇنيا بازىرىنى ئېچىپ، دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىستىمالىنى دۇنياۋىلىققا ئىگە قىلدى..... ماددىي ئىشلەپچىقىرىش شۇنداق بولغانىكەن، مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشمۇ شۇنداق بولىدۇ. ھەر مىللەتنىڭ مەنىۋى مۈلكى ئورتاق جامئەت مۈلكىگە ئايلىنىدۇ. مىللەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى ۋە چەكلىمىلىكى بارغانسېرى يوقىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ۋە نۇرغۇن جايلارنىڭ ئەدەبىياتى بىر خىل دۇنيا ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.“ ئېسىل بولغان مىللىي ئەدەبىيات كۆپ ھاللاردا دەۋر، مىللەت، سىنىپنىڭ چەكلىمىسىنى بۆسۈپ تاشلاپ، دۇنيا دائىرىسدىكى كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر خخل ئومۇمىي ئىدىيە، ھېسسىياتىنى، باشقا-باشقا دەۋر، باشقا-باشقا مىللەت، باشقا-باشقا سىنىپتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ”ئورتاق گۈزەللىك“ىنى ئىپادىلەيدۇ. باشقا-باشقا دەۋر، باشقا-باشقا مىللەت، باشقا-باشقا سىنىپتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ، ھەممىسى قوبۇل قىلالايدۇ، ھەممىسى ھوزۇرلىنالايدۇ، ھەممىسى دېگۈدەك مەلۇم بىر خىل ئىلھام ۋە تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ. خۇددى لۇشۈن ئېيتقاندەك: ”ھازىرقى ئەدەبىياتمۇ ئوخشاش بولۇپ، يەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك بولغانسېرى دۇنياۋىلىققا ئىگە بولىدۇ، يەنى باشقا دۆلەتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.“ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىقىنى يوقىتىش بەدىلىگە دۇنياۋىيلىقىنى قوغلاشماسلىق، مىللىيلىقىنى كۈچەيتىشمۇ تار مىللەتچىلىك بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ئاداققى غەمخورلىقىنى قەتلى قىلماسلىق كېرەك. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كىچىككىنە يەرلىك دائىرە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، تېخىمۇ كەڭ بولغان دائىرە ۋە قاتلامدا تۇرۇپ ئىجاد قىلىش كېرەك. ئەدەبىياتنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئىگىلىگەن ئىجادىيەت، ھەم مىللەتنىڭ خاس ئىجادچانلىقنى ساقلىغان ھەم دۇنياۋىي ئەھمىيەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ. دېمەك، ئەدەبىياتنىڭ يەر شارىلىشىشى بىلەن مىللىيلىقى بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بولمايدۇ، قانچە خاسلىققا ئىگە بولغانسېرى، شۇنچە ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ؛ قانچە مىللىيلىققا ئىگە بولسا، شۇنچە دۇنياۋىيلىققا ئىگە بولىدۇ.

     ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى مەنبە: «بۇلبۇل» تورى(百灵网).


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: