• 2010-12-09

    ئاقىللار،زىيالىلار ۋە بىلەرمەنلەر - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87970213.html

    ئاقىللار،زىيالىلار ۋە بىلەرمەنلەر

    شۈ شۈنلېي

    بۇ بىلەرمەنلەرئەۋج ئالغان بىر دەۋىر. بىلەرمەنلەر جارچىسى، بىلەرمەن زاتلار شەرەپ تاختىسى، بىلەرمەنلەر يىللىق لۇغىتى، بىلەرمەنلەر كىتاپ ئوقۇش دەۋرى.....، بىلەرمەنلەر شاۋقۇنى ھەممە يەرنى قاپلىماقتا. ھەتتا بەزىلەر بىلەرمەنلەر خىتابنامىسى نى جار سالماقتا، ئۇنىڭدا: ”’بىز پەخىرلىك ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى: بىز زىيالىي ئەمەسمىز، بىلەرمەنلەرمىز، دۇنياغا شۇنداق جاكارلايمىزكى: كەلگۈسى چوقۇم بىلەرمەنلەر دۇنياسى بولىدۇ، ۋاھاكازالار. مەلۇم كەچلىك گېزىتتە تېخى بىلەرمەنلەر مەخسۇس بېتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىلەرمەنلەر ئۇقۇمى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان، ماقالىلىرىغا خاتا ئۆلتۈرۈلگەنمۇ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟ دېگەندەك تېمىلار قويۇلغان.

    ئاقىللىقتىن زىيالىلىققا، زىيالىلىقتىن بىلەرمەنگىچە بولغان تەشۋىقات _ دەۋرىمىز ئىجتىمائىي روھىي ئۆزگىرىشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسىدۇر. ئېيتىلىشىچە بىلەرمەنلەر دېگەن ئاتالغۇنى ۋاڭ سۇ ئىجاد قىلغان بولۇپ، مۇتىھەملەرتوغرىلىقلا ماقالە يازىدىغان بۇ داڭلىق يازغۇچى ئەينى ۋاقىتتا بىلىمى بار ئاڭ سەۋىيىسى يوق بىرقىسىم زاتلارنى مازاق قىلىش مەقسىدىدە بۇ ئاتالغۇنى ئوتتۇرغا قويغان ئىكەن، ئەمما ھازىرقى بىر قىسىم بىلەرمەنلەر بۇ سۆزنىڭ دەسلەپتىكى مەنىسىنى ئۇنۇتقان، ۋە ياكى پەقەتلا بىلمەيدۇ خالاس!

    مەلۇم بازارلىق بىر ژۇرنال ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يېڭىلىق يارىتىپ بىلەرمەنلەرنى يېڭى ئۇقۇم قاتارىدا داغدۇغا بىلەن ئوتتۇرغا چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنبىلەرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ بىلەرمەنلەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىپ، بەس_بەستە ژۇرنال ئەتىراپىغا ئولىشىپ، خۇشاللىق بىلەن ئۆزلىرىنى بىلەرمەنلەر قاتارىغا قويۇشۇپ، بۇ نامىدىن پەخىرلىنىشتى. تۈزۈلمە بىلەرمەنلىرى، دەرسخانا بىلەرمەنلىرى، مەسلىھەت بىلەرمەنلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىسى بىلەرمەنلىرى، بازارلىق بىلەرمەنلەر..... دېگەندەك نۇرغۇن ساھەلەردە ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوبرازىنى نامايەن قىلىشقان، گويا 21_ئەسىر بىلەرمەنلەر ئەسىرى بولغاندەك .

    بىلەرمەنلەر پەقەت باشقىلار ئاڭلاشنى خالايدىغاننىلا سۆزلەيدۇ، باشقىلار بىلمەكچى بولغاننىلا سۆزلەيدۇ. مانا بۇ بىلەرمەنلەر خىتابنامىسى بولۇپ، بۇ بىزگە شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، بىلەرمەنلەرنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك دېگەنلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، چېن يىنكې ئەپەندىنىڭمۇستەقىللىق روھى، ئەركىنلىك ئىدىيىسى بۇلارغا قىلچە تەسىر قىلمىغان ئىدى. بىلەرمەنلەرنىڭ ئاز_كۆپلىكى ھېچقانچە قورقىنىشلىق ئەمەس، بىراق، ئۇلارنىڭ بىلەرمەن ئەمما بىلىمسىزلىكى،ھەتتا قىلچە ئاقىلانە بولماسلىقى، بىلەرمەنلىكنى قەدىرلەپ، ئاقىللىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشى، بۇ دەۋىردىكى ئەڭ چوڭ بىچارىلىق، پاجىئە، نادامەت ۋە ۋەھىمىدۇر.دەسلەپكى ئاقىللىلاردىن كېيىنكى زىيالىيلار ۋە ھازىرقى بىلەرمەنلەرگىچە تارىخنىڭ بۇ سەكرەش خاراكتىرىدىكى قەدىمى بىزنىڭ كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ ئويلىنىشمىزغا ئەرزىيدۇ. چېن يىنكې ئەپەندىنىڭ ئاقىللىق روھى ۋە ئىدىيىسى بۇرۇنلا ۋاڭ گوۋېي ئەپەندىنى خاتىرلەش ئابىدىسىدە ئوتتۇرغا قويۇلغانىدى،ئۇنىڭدا:مۇستەقىللىق روھى، ئەركىنلىك ئىدىيىسى، ۋاڭ گوۋېي ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمى_ لو جېنيۈ بىلەن بولغان شاپائەت_ ئاداۋەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز، چىڭ خاندانلىقىنىڭ گۇمران بولىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئىرادىسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دېيىلگەن، ئاقىل كاللىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ۋىژدانى بىلەن ئاقىلدۇر. چەن جۇڭشۇ ئەپەندىنىڭ ئاقىللىقى_ ئۆزىنى تۇخۇم تۇغىدىغان مىكىيانغا ئوخشىتىشى بولۇپ، باشقىلارنىڭ بىلىشىپ قېلىشىنى خالىماسلىقى ئىدى، ئەگەر ئۇ ھايات بولغان بولسا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ  ھازىرقى« شەرق ماكانى» پروگراممىسىدىكىشەرق ئوغلانى سەھىپىسى تازا ئەۋجىگە چىققاندىمۇ ئۇنى تېلېۋىزور ئېكرانىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگىلى بولمايتى. ئۇ 1957_يىلىلا ئەسەر يېزىپ تۇنجى قېتىم سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئاستىدا بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرغا قويغان؛ ئەمما بۈگۈنكى نۇرغۇن بىلەرمەنلەر قوۋۇرغىسىنى مەشئەل قىلىپ،ئۇچقۇن ئوغۇرلاپ گۇلخان قالايدۇغان بۇ غېرىب، تەۋرەنمەس، جۇلالىق مۇتەپپەككۈرنىڭ كۆز قارىشىنىھېچقانداق نەزەرىيىۋى چۇڭقۇرلىقى يوق دەپ قاراشماقتا.

    قايسى چاغلاردىن باشلاندىكى، ئاقىللار بارا_بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان كەملەردە زىيالىلارخورلۇق ئوبرازى بىلەن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى، ھەتتا زىيالىلارنىڭ ئىشچىلار سىنىپىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكى تالاش تارتىش قىلىنىدىغان قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى، ئاخىرقى ھېساپتا زىيالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىنپەخىرلىنىشتى. ئاقىللىق كېرەك بولمىغان يىللاردا ئەلۋەتتە بىلىممۇ كېرەكسىز بولغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا بىلەرمەنلەرنىڭ يامراپ كېتىشى، ئوخشاشلا ئاقىللار بىلەن زىيالىلارنىڭ كەم بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

    2004 _يىلدىكى زىيالىلار ساھەسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر شەخسلەر ژۇرنىلى 50 كىشىنى جامائەت زىيالىلىرى دەپ باھالاپ چىققان بولسىمۇ، بىراق ناھىيىتى ئادەتتىكىچە بولغان. بۇ ژۇرنالدا جامائەت زىيالىلىرىڭ ئالاھىدىلكى مۇنداق يىغىنچاقلانغان: ئۇلار ئىلمىي ئارقا كۆرۈنىشگە ۋە كەسپىي ساپاغا ئىگە بولغان زىيالىلار بولۇپ، جەمئىيەتكە پىكىر قاتناشتۇرغان جەمىئىيەتكە قاتناشقانلاردۇر؛ ئۇلار تەنقىد روھىغائىگە،ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى زىممىسىگە ئالغان غايىچىلاردۇر. مېنىڭچە يىراق تارىختىن جۇڭگونىڭ 2004_يىلىغا نەزەر سالغاندا، پەقەت ئىككى ئادەم _ بىرى ياش شائىر ماخۇا، يەنە بىرى ئىقتىسادشۇناس لاڭ شەنپىڭ زىيالىلارنىڭ يۈز ئابرويىنى ساقلاپ قالدى بولغاي.

    لاڭ شەنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ قىلغان چاقىرىقى بىر ئاممىۋى ھادىسىنى پەيدا قىلدى، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇنىڭدىن دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا ئىسلاھاتىدا شۇنچە ئېغىر ھەققانىيەتسىزلىكنىڭ مەۋجۇدلىقىنى بىلىۋالدى، بەزى بىلەرمەنلەرمۇ ئاچچىقىدا لېۋىنى چىشلىشىپ: مۇنداق ئۇسۇلدا داڭق چىقارسىمۇ بولىدىكەن، دەپ قېلىشتى. لاڭ شەنپىڭ لاڭ نازارەتچى دېگەن لەقەمگە نائىل بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ئەڭ ئالقىشلىق ئىقتىسادشۇناس دەپ تەرىپلەنگەندە بولسا، ئۆزىنى شىركەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۈزەشكە ئۆزىنى بېغىشلىغان مالىيە مۇتەخەسىسى دەپ تونۇدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە جۇڭگو زىيالىلىرىنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قالغان لاڭ شەنپىڭ ئەسلى شاڭگاڭ جۇڭگو تىلى ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى ئىدى.

    ياش پىداكار بولۇش سۈپىتى بىلەن چەت تاغلىق زاڭزۇلار كەنتىگە بېرىپ خالىس ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ماخۇا يۈننەندىكى بىر قاتناش ۋەقەسىدە ياش ھاياتىنى شاۋقۇنلۇق لەنساڭجاڭ دەرياسىغا تەقدىم قىلدى.ئۇنىڭبىلىمى مول بولمىسىمۇ ئەمەلىيەت جەريانىدا نۇرغۇن بىلىم ئالدى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتتى ماخۇانىڭ ئىش ھەرىكىتى بىلەرمەنلىكىگە قانائەت قىلىدىغان، قۇرۇق گەپ ساتىدىغان، ئەمەلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان،كۈندىن كۈنگە قورقۇنچاق، پەسكەش بولغان ھەرخىل ئادەملەرنى خىجىل قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر چىڭ خاندانلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتىشىنى مەدەنىيەتنىڭ  قەغەز يۈزىدىكى مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ قېلىشى دىن دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي روھنىڭ يوقىلىشىنى مەدەنىيەت بىلەرمەنلىرى تېلېۋىزور ئىكرانىدا گەپ ساتىدىغان مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ قالدى دېيىشكە بولىدۇ.

    كىتاپقا چۆكۈپ كەتكەن زىيالىلار بىلەن تېلېۋىزور ئىكرانىدا ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان بىلەرمەنلەر تارىخنىڭ بىر نۇقتىسى بولغان2004_يىلدا، بەزى ئەمەلدار زىيالىلار ئالدىدا خىجىل بولىشى كېرەك ئىدى. مانا قاراڭ، دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەن يۆ ئەپەندى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېشىل PDG نى يولغا قويۇش تەرەپدارى بولۇپ، ئۇ مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا دەپ چاقىرىق قىلغان؛ يەنە قاراڭ، دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى لى جىنخۇا ئەپەندى سابىق گېرمانىيە  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى ساۋېلبورگنىڭ:مۇپەتتىشلىك خۇددى ئىشىك باقار ئىتقا ئوخشايدۇ دېگەن سۆزىنى ئىشلەتكەن، ئۇ 2004_يىلى «جەنۇب ئازنىلىق گېزىتى» نىڭ يىللىق داڭدار شەخسلەر مۇكاپاتى ۋە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد يىللىق مەشھۇر شەخسلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

    بىلىشتىن بىلىمگە، ئاندىن ئاقىلغا ئايلىنىش _ ئادەمنىڭ بىرخىل يېتىلىشىدۇر؛ بىلەرمەندىن زىيالىغا، ئاندىن ئاقىلغا ئايلنىش جەمىئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاقىلدىن زىيالىغا، ئاندىن بىلەرمەنگە ئايلىنىش بۇ بىر چېكىنىش، ۋەھىمىلىك چۈشكۈن چېكىنىش بولۇپ، يەككە ئادەمگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق، بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق.

    شەخسلەردە بەزى چېكىنىش ناھىيىتى روشەن بولىدۇ. يۈ چيۇ يۈ ئەپەندى ئەنە شۇ چېكىنگۈچىلەرنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئۇنىڭ« مەدنىيەتنىڭ مۈشكۈل سەپىرى»(نەسىرلەر توپلىمى_ت ) ناملىق كىتابىدا نامايەن قىلغان ئاقىللىقى ھەممىگە ئايان ئىدى؛ كېيىن ئۇ زىيالى بولدى، 1994_يىلى فۇدەن ئۇنىۋېرىستېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۇ ھەرىكەتتىكى زىيالى بولۇشنى ئوتتۇرغا قويدى، ئەمما بىر نەچچە قېتىملىق مۇنازىرىدىن خاتىرجەم بولالمىدى. ھەرىكەتتىكى زىيالى ئەلۋەتتە ھەقىقىي زىيالىي دۇر، ئەمما مەسىلە قانداق ھەرىكەت قىلىش، نېمە ھەرىكەتنى قىلىش كېرەكلىدە. نەتىجىدە يۈ چيۇيۈ ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنى بولسا:تېلېۋىزور ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت تارقىتىش، جەمئىيەتكە تەسىر قىلىش، دەۋرنىڭ ئالغا بېسىشىغا قاتنىشىش دېدى، دېمەك ئۇ تېلېۋىزور ئېكرانىدا ھەرىكەت باشلىدى. تېلېۋىزوردا يۈچيۇيۈ ئەپەندىنىڭ ئوبرازى بەك ياخشى بولۇپ ئوبراز يارتىشىتىكى ئەڭ ياخشى ئەپەندى دېيىشكە بولاتتى؛ ئۇنىڭ سۆز قابىلىيىتى ياخشى بولۇپ ئەڭ سۆزمەن ئەپەندى دېيىشكە بولاتتى. تېلېۋىزور ئىكرانىدا پات_پات ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرغان يۈچيۇيۈ ئەپەندى ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بىلەرمەنلەر قاتارىغا ئۆتتى.

    بىلەرمەن بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلىمى قانچىلىك ئۆستى،ئەقلى چۇ؟ بۇنى يۈچيۇيۈ ئەپەندىنىڭ »جەنۇب ئازنىلىق گېزىتى« مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدىن بىلىۋېلىش مۈمكىن، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاز_تولا مەدەنىيەت ئومۇملاشتۇرۇش پائاليەتلىرگە قاتناشتىم، مەسىلەن: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ناخشىچىلار مۇسابىقىسى قاتارلىق، ناخشىچىلار مۇسابىقىسىغا قىزىقمايمەن، ئەمما مۇسابىقە ئارىسىدا بەزى مەدەنىيەت_تارىخ بىلىمى چۈشەنچىلىرى بېرىلدى، مېنىڭچە بۇ پروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى شۇنچە يۇقۇرى بولغاندىن كېيىن مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىچىلىك بولالمىغان نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مانا مۇشۇنداق تېلېۋىزوردىن ئىبارەت مۇنبەردىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدىم، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھىيىتى ياخشى بولدى. 

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




نەقىل مەنزىلى: