• 2010-12-07

    مۈشۈك، چاشقان ۋە ئادەم - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/87438901.html

    مۈشۈك، چاشقان ۋە ئادەم

    ۋۇ خەيبو

    (فېليەتون)

    بۇرۇنلاردا مۈشۈكنىڭ مىياڭلىشىنى ئاڭلىغان ھامان چاشقانلار قورققىنىدىن بەدەر تىكىۋېتىشەتتى. ھازىر مۈشۈك چاشقاننى كۆرسە ئەينى چاغدا چاشقان مۈشۈكنى كۆرگەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. ھازىر مۈشۈكلەر بايلارنىڭ ئۆيىدە ئېسىل تائاملارنى يەپ سەمىرىپ تۇلۇمدەك بولۇشۇپ كەتتى، بولۇپمۇ نازكەرەشمە خېنىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى نەتىجىسىدە نازۇكلىشىپ كېتىشتى، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا ئۇزۇن-قىسقا مىياڭلىشىپ كۈيلىشىشتىن باشقىنى بىلىشمەيدۇ، بۇنى ئاڭلىغان چاشقانلارنىڭ ئىشقىۋازلىقى كۈچىيىپ كەتكەچكە ھازىر بۇ كاساپەتلەر ناھايىتى تېز ئاۋۇپ كەتتى.

    تۇلۇمدەك بولۇپ كېتىشكەن بۇ مۈشۈكلەر چاشقاننى كۆرسە بەئەينى قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمايدىغان خىيانەتكار ئەمەلدارلاردەك، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇلار بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ كېتىشتى. چاشقانلار بولسا خاتىرجەم ھالدا خالىغانلىرىنى قىلىشىپ يۈرۈشمەكتە.

    لۇشۈن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئىت، مۈشۈك، چاشقان» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىرىنچى، ئۇنىڭ(مۈشۈكنى دېمەكچى) مىجەزى باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئولجا ئالغان قۇشقاچ، چاشقان قاتارلىقلارنى بىراقلا ئۆلتۈرۈپ يېۋەتمەيدۇ،  قانغۇچە ئوينايدۇ، قويۇۋېتىدۇ، تۇتۇۋالىدۇ، يەنە قويۇۋېتىپ يەنە قايتا تۇتۇۋالىدۇ، تاكى ئۆزى ئويناپ زېرىككەندە ئاندىن ئولجىسىنى يەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ئىنسانلارنىڭ ئېشىكى ئۆلىۋاتسا قوڭى غەجەك تارتىپتۇ دېگەندەك، ئاجىزلارنى ئالدىرىماي قىيناپ جېنى ئېلىشتەك ئوسال مىجەزىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىككىنچى، ئۇ شىر، يولۋاسلار بىلەن قانداشلىقى بارغۇ؟ بىراق ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ناز كەرشمىلىكى بار. بەلكىم بۇ ئۇنىڭ تۇغما قابىلىيىتى بولسا كېرەك. مۇبادا ئۇنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ئون نەچچە ھەسسە يوغان بولغان بولسا ، ئۇ چاغدا ئۇ قانداق پوزىتسىيەدە بولاركىن تاڭ؟»

    لۇشۈننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مۈشۈك خېلى جىگەرلىك، لاياقەتلىك بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇشقاچ، چاشقانلارغا ۋەھشىلىك بىلەن ئېتىلىپ، ئويناپ تۇرۇپ خارلاشتەك ۋەھشى قىلمىش بىلەن ئىگىسى ئۈچۈن چاشقاننى يوقىتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ. مۈشۈك گەرچە تۇغۇلىشىدىنلا ناز-خۇلقلىق بولغىنى بىلەن قۇۋلۇق بىلەن ۋەھشىلىك ئۇنىڭ قېنىغا سىڭگەن بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ قۇۋ ھەم ۋەھشىلىك بىلەن يىرگىنىچلىك چاشقانغا زەربە بېرىدۇ.

    ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىككىمدە بىزنىڭ تاغ ئارىسىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىمىزدا كېچىسى ياغاچتىن ياسالغان ئۆي ئۆگزىسىنىڭ كاھىشلىرى تاراقشىپ كېتەتتى، كىشىلەر مۈشۈكنىڭ شىپىرلاپ يۈرۈشكىنىنى بىلەتتى، بۇ ئوغرى مۈشۈكلەر يېمەكلىك ئوغۇرلاشقا شۇنداق ئۇستىكى، ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەتتى، كىشىلەرنىڭ ئاشخانىلىرىغا ئېسىلغان گۆش-پۆشلەرنى قويماي قۇرۇغداپ قوياتتى.

    قارا قىشنىڭ قەھرىتان كېچىلىرى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيلەردە چاشقانلارنىڭ ئۆي جابدۇقلىرىنى غاجىلىغان، بىر-بىرىنى چىشلەشكەن، قازان قومۇشلارنى تاراڭشىتقان ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىگىلىرى ئويغىنىپ چاشقانلارنى تىللاپ كېتىشەتتىدە كىيىملىرىنى يېپىنچاقلاپ جىن چىراقلىرىنى ياكى قول چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ بىرەر چاشقاننىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويماقچى بولۇشاتتى. جىن چىراغ ياكى قول چىراغ يېنىشى بىلەنلا بۇ جىدەلخور چاشقانلار قاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇشاتتى، سوغۇقتا تىترەپ ئاران تۇرۇشقان كىشىلەر يەنە چاشقانغا تىل ياغدۇرۇشاتتى. يېرىم كېچىدە بۇ چاشقانلارنىڭ ھېچنېمىدىن ئەيمەنمەستىن قىلىشقان ھەرىكەتلىرى ئۆي ئىگىلىرىنى قاتتىق جىلى قىلىۋېتەتتى. ئۆيىدە مۈشۈك بولسىمۇ بۇ مۈشۈك دېگەننىڭمۇ ھورۇنلىقى تۇتۇپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدىكەن، بۇ ھارامزادە چاشقىنەكلەر مۈشۈكنىڭ مۇشۇ ھورۇنلۇق بىلەن ئۇيقىغا كەتكەن پۇرسىتىدە ئىشلىرىنى باشلىۋېتەتتى. مانا مۇشۇنداق چاغلاردا ئۆي ئىگىلىرى كارۋېتىدىن قوپماي تۇرۇپلا: «پىش، پىش، پىش، مۈشۈكۈم، چاشقاننى تۇتساڭچۇ، پىش، پىش، مىياۋ، مىياۋ» دەپ مۈشۈكلىرىنى ئويغىتىشاتتى، پىش،پىش دېگەننى ئاڭلىغان مۈشۈك ئويغىنىپ غەزەپ بىلەن چاشقانلارغا ئېتىلاتتىدە بىردەمدە چاشقانلارنى قىيا-چىياغا سالاتتى، تېخى شالاپشىتىپ چاشقاننى يېگەن ئاۋازمۇ ئاڭلىنىپ قالاتتىتىدە، شۇنىڭ بىلەن جىم-جىتلىق باشلىناتتى. ئۆي ئىگىلىرىمۇ خاتىرجەم ئۇيقىغا كېتىشەتتى. ئۆيىدە مۈشۈكى يوق كىشىلەرمۇ كارۋېتىدىن قوپماي تۇرۇپ مۈشۈكنى دوراپ مىياڭلاپ قويۇشسىمۇ ئۈنۈمى بولاتتى، مىياڭلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان مۈشۈكلەر دەرھال چېكىنىشكە باشلاپ قاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇشاتتى.

    ئۇ چاغلاردا مۈشۈك كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ھەم تۆھپىكار، ھەم جىنايەتكار بولۇپ، ھەم ياخشى ئىش قىلالايدۇ، يامان ئىشنىمۇ قىلىدۇ، دەپ قارىشاتتى. كىشىلەرنىڭ مۈشۈكنى يامان كۆرىشى ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىقى ۋە ئۆيدىكى گۆش –پۆشلەرنى ئوغۇرلۇقچە يېۋىلىشىدىن؛ ئۇنى ياقتۇرۇشى بولسا، يېرىم كېچىدە ئەشەددىي يىرگىنىچلىك چاشقاننىڭ تېگىشلىك جاجىسىنى بېرىشىدىن ئۈمىدلەنگەنلىكىدىن ئىدى.

    بۈگۈنكى كۈندىكى بىتون قۇرۇلمىلىق ئېگىز بىنالارنىڭ مۇستەھكەملىكىمۇ قەيسەر، چىداملىق چاشقانلارنى قورقۇتالمىدى، چاشقانلار قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا بىنا-سارايلاردا ئۆزىگە تەۋە گۈلىستانىنى بەرپا قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ چاشقانلارنى يوقىتىشتىكى چارە-تەدبىرلىرى قانچا ئاقىلانە بولغانسېرى، چاشقانلارنىڭ ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش نەيرەڭلىرىمۇ شۇنچە ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، يەنى «ئادالەت بىر گەز ئۆرلىسە، جاھالەت مىڭ گەز ئۆرلىدى»، بۇ ناكەسلەر ئىنسانلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشمايدىغان بولۇشتى، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كېتىشتى.

    چاشقاننىڭ ئاۋۇشچانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ توغرىدا غەربنىڭ كەلگۈسىشۇناسلىرى: نەچچە ئون مىڭ يىللاردىن كېيىن، چاشقانلار يەر شارىنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ چاغقا بارغاندا چاشقانلارنىڭ مېڭىسى ئادەم مېڭىسىدەك تەرەققىي تاپقان بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقان.

    ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ئەقىل-پاراسىتى بىلەن زېمىننى خانىۋەيرانلىققا ۋە ئىپلاسلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانسېرى ناچارلاشتى، بۇ دەل چاشقانلارنىڭ ئاۋۇيدىغان ياخشى مۇھىتىغا ئايلاندى. ئىنسانلار ھەر قانچە يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان، دەريا-كۆللەرنى سېسىتىپ بەد-بۇي قىلىۋەتكەن، باشقا ھايۋانلارنى قانچە قىرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ چاشقانلارنىڭ ماكانى تېنچ ئەمىن تۇرۇۋەردى، چاشقىنەكلەر بارغانسېرى بەدبۇيلىشىپ كەتكەن مۇھىتتا تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ياشاۋەردى.

    ئىنسانلارنىڭ پاك زېمىنى بارغانسېرى كىچىكلىمەكتە، چاشقانلارنىڭ ماكانى بارغانسېرى زورايماقتا.

    شىر، يولۋاسلاردەك سىياقىدىكى مۈشۈدەك ۋە مۈشۈدىخانلارچۇ؟ ئۇلار ھازىر پاشاخېنىملارنىڭ قۇچىقىدىكى ئارزۇلۇق ئەرمەكلەرگە ئايلاندى، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلاردەك بالىلارنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالدى، كالىندارلاردىكى مىياڭلىيالمايدىغان ۋە ياۋاشلىق بىلەن قاراپلا تۇرىدىغان ئوبرازغا ئايلىنىپ كەتتى. مانا مۇشۇ زەئىپ ھايۋان دەل شىر،يولۋاسلارنىڭ تەدرىجىي چېكىنىشىدىن مەۋجۇت بولۇپ قالغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى، بۇرۇن شۇنداق زوراۋان، ياۋۇز چىلبۆرىنىڭ ھازىر پەقەت ئىگىسىنى يالاپلا تۇرىدىغان پىستەككە ئايلانغاندەك ئىشتۇ، دەپ ئويلىماي قالمايمىز، بۇ نېمە دېگەن قىزىقارلىق ئىش ھە!

     

    «جۇڭگو فېليەتونلار تورى»دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • شۇڭا ئەسلىنى ئۇنۇتماسلىق ھەم يوقاتماسلىق كرەڭ ... خىلى چوڭقۇر مەنالار ئىپادىلىنىپتۇ !
    ئارغۇ回复ئىزتۈرك说:
    قەدىمىڭزگە مەرھابا1 پات-پات كېپ تۇرارسىز.
    2010-12-08 15:45:51