ھەر بىر قورامىغا يەتكۈچى ئۆزىنىڭ كېيىنكى بوغۇملىرى يەنى ئىنى-سىڭىل، پەرزەنت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىزدىن كېيىنكى جەمئىيەت ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى شۇنىڭ بىلەن بىرگە نورمال مۇئامىلە ۋە مۇھەببەت بىلەن بالىنىڭ پسىخىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى زەنجىرلىك رولىنى كېيىنكىلەرگە گۈزەل ھالەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
بالىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان مەزگىلى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىدۇ. غورۇر، ئىشەنچ، ھۆرمەت ئېھتىياجى، ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىياجى، سىرداش دوست تۇتۇش ئېھتىياجى، سىر ساقلاش ئېھتىياجى، يات جىنسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئېھتىياجى كۈچلىنىدۇ. بولۇپمۇ غورۇر، ئىشەنچ، ھۆرمەت ئېھتىياجى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئاتا ئانىلار ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىدە مۇشۇ خىل ئېھتىياجىغا دەخلى تەرز قىلىدىغان مەزمۇن بولۇپ قالسا، بالىلاردا قەلب زەخمىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشىنى، غورۇرىغا تەگمەسلىكىنى، پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشىنى، ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقىنى خالايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى بالىنىڭ شۇ خىل ئېھتىياجىغا سەل قارىسا، ياكى دەخلى-تەرۇز قىلسا ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسىدىن بىزار بولۇپ، ئۇلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئائىلىدە ئۆزىنى ئۆيگە سولىۋېلىش، تورخانىلارغا كىرىش، تاماكا، ھاراققا ئۆگۈنىۋېلىش، مۇھەببەتكە بېرىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالىدۇ. ھەتتا يامان يوللارغا مېڭىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ، كېسەللىك دەرىجىسىگە تەرەققى قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ھالەت ئەڭ يېنىك بولغاندىمۇ بۇ بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۈچۈنمۇ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


نۆۋەتتە، تۆۋەندىكى ھېكايىلەرگە دىققەت قىلىپ باقايلى:
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار
ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ
ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى
ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ
ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل