ئەلداۋا ساغلاملىق تورى 14-مارت خەۋىرى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىن ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىل «رۇشىن جۇڭخۇا بالىلار يۈرەك كېسەللىكى فوندى 如新中华儿童心脏病基金 » پاراۋانلىق ياردەم تۈرى يولغا قويۇلغان.

3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى 14 ياش ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياشتىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلار، تۇرۇشلۇق جايىدىن ئالغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپاتىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا كېلىپ داۋالاش ياردىمى ئىلتىماس قىلسا، 5000 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە داۋالاش ياردەم سوممىسىغا ئېرىشەلەيدىكەن. بەزى ئالاھىدە كېسەللىك ئەھۋالىدا ياردەم سوممىسىنى كۆپەيتىشكە بولىدىكەن.
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-3849495
ئۇقۇشىمىزچە، مەزكۇر تۈر يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 291 نەپەر بالا بۇ ياردەمگە ئېرىشكەن.
ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئۇچۇرنى تېز سۈرئەتتە، كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز! دەقىقە ۋاقىت چىقىرىپ تارقاتقان پايدىلىق ئۇچۇرىمىز تۈرتكىسىدە، تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان بىر بالا بولسىمۇ داۋالىنىش ياردىمىگە ئېرىشىپ قالسا، جىگەر پارىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ چېھرىگە تەبەسسۇم يۈگۈرۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس...
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىلارنى نابۇت قىلىدىغان ناچار ئائىلە مۇھىتى
- كېيىنكىسى : بالىلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىش سەۋەبلىرى
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن ئاتا-ئانىلار سەمىگە: يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ھەققىدە سۆز ئېچىلسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار بىلەن باغلاپ، قان بېسىمى يۇقى
قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟ قىز بالىنى باقماق ئوڭايمۇ ياكى ئوغۇل بالىنىمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىچە بۇنىڭغا كېسىپلا ھۆكۈم چىقارغىلى بولما
