ئون ياشتىن كىچىك بالىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان ئىشلار
ھازىرقى ئون ياش ئەتراپىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى نەچچە سائەتلەپ تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى كومپيۇتېر ئويناش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئەمما، ئۇلار تاملارغا ۋە دەرەخلەرگە يامىشىدىغان، قۇمدىن قەلئە ياسايدىغان، چىملىقلاردا دومىلايدىغان... قىزىقارلىق ئويۇنلارنى بىلەمدۇ؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئون ياشتىن كىچىك بالىلار قىلىشقا تېگىشلىك نەچچە تۈرلۈك ئىشنى تىزىپ چىقتى، ئەلۋەتتە كومپيۇتېر ئويۇنى بۇ تىزىملىكتە يوق. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا: 1. چىملىقلاردا دومىلاش؛ 2. لاي ئويناش؛ 3. خېمىر ئويناش؛ 4. قۇمچاق ئىزدەش؛ 5. گۈل بەرگىدىن ئەتىر ياساش؛ 6. قەغەز نىقاب ياساش؛ 7. قۇم قەلئە ياساش؛ 8. دەرەخكە يامىشىش؛ 9. قۇملۇقتا كىچىك ئۆڭكۈر كولاش؛ 10. پۇت ۋە قول بىلەن رەسىم سىزىش؛ 11. مېھماندارچىلىق ئويناش؛ .12 دېڭىز بويى ياكى ئېرىق بويىدىكى قۇملارغا پۇت - قوللىرىنى كۆمۈپ ئويناش؛ 13. قار بوۋاي ياساش؛ 14. لاي ھەيكەل ياساش؛ 15. ئەخلەت تېرىش؛ 16. ئاددىي تاماقلارنى ئېتىش؛ 17. كىچىك ھايۋانلارنى بېقىش؛ 18. بۆلجۈرگەن تېرىش؛ 19. بەش خىل قۇشنى پەرقلەندۈرۈش؛ 20. بەزى قۇرتلارنى تونۇش؛ 21. پاتقاقلىقلاردا ۋېلىسىپىت مىنىش؛ 22. لەگلەك ئۇچۇرۇش؛ 23. كۆچەت تىكىش؛ 24. ئوت - چۆپ ۋە دەرەخ شاخلىرى بىلەن قۇش چاڭگىسى ياساش؛ 25. باغچە ئىچىدىن 10 تال ئوخشاش بولمىغان دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى تېپىش؛ 26. كۆكتات تېرىش؛ 27. ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ ناشتىلىق تەييارلاش؛ 28. باغچىدا قوغلاشماق ئويۇنى ئويناش قاتارلىقلار.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى
مەسئۇل تەھرىر: سادىق مىجىت
تەھرىر: سەمەت ئېلى
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
- كېيىنكىسى : قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
