بالىلار مۇتەخەسسىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بالىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشى بالا تۇغۇلۇپ بىرىنچى يىلىدىن باشلىنىپ ئىككىنچى يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوزۇقلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاساسلىقى ئانا سۈتىدە بېقىش، ئانىنىڭ ساۋاتسىزلىقى، بوۋاقنىڭ ھالىدىن ئانىنىڭ خەۋەر ئېلىشى، ئىچ سۈرۈش ۋە ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئامىللار بالىنىڭ بوي ئۆسۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئانا سۈتىدە بېقىش ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاش بالىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدىكەن.
بوۋاق توغۇلۇپ 4~6 ئايلىق بولغۇچە چوقۇم ساپ ئانا سۈتىدە بېقىش بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى تولۇقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مەزگىلدە، ئەگەر ئازراق سۇ ياكى باشقا يېمەكلىك قوشقاندا، بوۋاق شۇنچىلىك مىقداردىكى سۈتنى ئاز ئەمگەن بولىدۇ-دە، بالىنىڭ ئىچ سۈرۈشنىڭ ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
1998-يىلى 10 مىڭ بوۋاققا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلمىغان بوۋاقلارنىڭ پاكار بولۇپ قېلىش خەۋپىنىڭ نىسبىتى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇش بىلەن بىرگە ئىچ سۈرۈش خەۋپى 2.7 ھەسسە يۇقىرىلايدىكەن. ساپ ئانا سۈتىدە بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان ياكى باشقا ئوزۇقلۇقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىلغان بالىلارغا قارىغاندا %25 تۆۋەن بولىدىكەن.
بوۋاق 4~6 ئايلىقتىن كېيىن بوۋاقنىڭ يېمەكلىكىگە چوقۇم قوشۇمچە ئوزۇقلۇقلارنى قوشۇشنى باشلاش كېرەك. بەزى ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ بوۋاققا بېرىدىغان ئاساسلىق قوشۇمچە يېمەكلىكى گۈرۈچ، ئۇن تاماقلىرىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار تۇخۇم، ئۇرۇق گۆش ۋە پۇرچاق تىپىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشقا سەل قارايدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنى كىچىك بولغاچقا، گۈرۈچ، ئۇن يېمەكلىكلىرى ئاسانلا بوۋاقنى تويۇنۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلسىمۇ، ئەمما ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق مىقدارى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.
تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كېرەكلىك بولغان ئىسسىقلىق ۋە ئوزۇقلۇق ماددىغا سىنك، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار ئاساسلىقى ھايۋانات گۆشى ۋە سەي-كۆكتاتلاردىن كېلىدىكەن. 18~24 ئايلىق بولغان بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ يېمەكلىكىگە قوشۇلىدىغان ھايۋانات يېمەكلىكلىرىنى قوشۇش نىسبىتىنى %10 ئاشۇرغاندا، ئۇنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشىنى %2.6 چۈشۈرگىلى بولىدىكەن. سەي-كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە تىپىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوشقاندىمۇ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىدۇكى: بوۋاقلارنىڭ ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، بوۋاقنىڭ 18 ئاي ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى ـــ ئانا سۈتى
- كېيىنكىسى : دادىلارمۇ بالىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
