يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈندۈزى مەكتەپتە تىل ھاقارىتىگە ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ياش-ئۆسمۈر بالىلاردىكى بۇنداق ئالامەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
ئەنگلىيەدىكى مەلۇم بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، كۈندۈزى مەكتەپتە تىل ھاقارىتىگە ئۇچرىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كېچىسى چۈشىدە چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئېھتىماللىقى %65 بولۇپ، بۇنداق بالىلار ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
ئەنگلىيە پاراۋانلىق ئاپپاراتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى فوندى جەمئىيىتى مۇنداق دېدى: چۈشىدە داۋاملىق چىشىنى غۇچۇرلاتسا، چىشى زەخىملىنىپ، ھەتتا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.مەزكۇر فوندى جەمئىيىتىنىڭ لىدىرى نىگېل كات مۇنداق دېدى: مەيلى بالىلار ياكى چوڭلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بېسىمغا ئۇچرىسا،ئۇلاردا چىشىنى غۇچۇرلىتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەمما مەكتەپتە بوزەك بولۇش بىر مۇھىم بېسىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بالىلار دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىچىدە چىشىنى غۇچۇرلىتىش جىددىي ئەھۋال بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇ بالىنىڭ ئىدىيە ھالىتىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم ئۇسۇلدۇر، يەنى، بۇنىڭ بىلەن، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بوزەك بولغان ئەھۋالىنى بالدۇرراق ئىگەللەپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشىغا پايدىلىق.
كات يەنە مۇنۇلارنى دېدى: ئويغانغاندا، بېشى داۋاملىق تېلىپ ئاغرىسا ياكى ئېڭىكى ئاغرىسا، ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، بالىلار بۇ خىل ئەھۋالنى ئاتا - ئانىسىغا ئىنكاس قىلسا، ئاتاـ ئانىلار ئۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىشى ھەمدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىڭىز ئۇخلاش ئالدىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرەمسىز؟
- كېيىنكىسى : بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش زۆرۈر ئىقتىدارلار
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
