تونۇش: بۇ، بەدەننىڭ ئوڭ ياكى سول تەرەپ ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتى يوقىلىش، بىر قىسىم ياكى كۆپلىگەن ئەزالارنىڭ سېزىمى ياكى ھەرىكىتى ئاجىزلاش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ بالىغا چىش چىقىش دەۋرىدىكى قىزىتما، چېچەك، قىزىل، ئۈچەيدە قۇرت پەيدا بولۇش، پەيلەرنىڭ ۋە ئومۇمىي بەدەننىڭ قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، قان ئازلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.
پەرۋىش: بالىنى پاكىز، ئازادە ئۆيلەردە بېقىش، بالىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىكنىڭ دەسلىپىدە بالىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بېرىش، ئىسسىقلىق دورىلارنى قاينىتىپ بالىنىڭ بەدىنىنى ھورداش، سوغۇق سۇدا يۇيۇندۇرۇشتىن، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن، ياتاق يارىسى بولۇپ قېلىشتىن، قورقىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. بالىنىڭ مۈچىلىرىنى يەڭگىل دەرىجىدە ئۇۋۇلاپ بېرىش، ياتقان ئورنىنى پاكىز تۇتۇش، بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، تاماق تەرتىپىنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش.
پەرھىز: تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بوۋاقلارغا نېمە ئۈچۈن ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ؟
- كېيىنكىسى : تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان بالىلار
بالىڭىز ئۇخلاش ئالدىدا ھېكايە ئېيتىپ بېرەمسىز؟ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىش ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلىرىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى يېقىندا نەقى
بالىنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ ئاغرىش رېماتىزمنىڭ سەۋەبىمۇ؟ بالىنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ ئاغرىغاندا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار رېماتىزمدىن گۇمانلىنىدۇ ھەم بالىسىغا ئاغرىق توختىتىش، رېماتىزم دورىلىرىنى ئىچىرىدۇ. ئۇنداقتا بالىنىڭ بوغ
بالىلار غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتىۋالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتىۋېلىش كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلار ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا بالىغا ياخشى قارىيالماي، بالا غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتىۋالىدۇ، ھەت
بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش ۋە ئېقىشقا سەل قارىماڭ بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش ۋە قۇلاق ئېقىش كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىش ياكى كىرنى ۋاقتىدا تازىلىماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيد
يانفوننى كۆپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار يانفون، ipad، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق بالىسىنى گوللايدۇ. ئەمما، كانادا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئالتە ئايلىقتىن ئىككى
