1. ئەقىللىق قىلىدۇ. ئالما تەركىبىدە سىنك مول. سىنك ئادەم تېنىدىكى نۇرغۇن مۇھىم ئېنزىملارنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئەستە تۇتۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يادرو كىسلاتاسى ۋە ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنت. دائىم ئالما يېسە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
2. راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئالمىنىڭ تەركىبىدە مىنېرال ماددا ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار مول. بوۋاققا دائىم ئالما يېگۈزسە، راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. قان تولۇقلايدۇ. كىچىك بالىلاردا بەزىدە تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ. تۆمۈر ماددىسى كىسلاتالىق شارائىتتا ۋە ۋىتامىن C بولغان ئەھۋالدا ئاندىن بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ. شۇڭا، بوۋاققا دائىم ئالما يېگۈزسە، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
4. ئىچ سۈرۈشنى يېنىكلىتىدۇ. ئالما ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچ سۈرۈشنى يېنىكلىتىدۇ.
5. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئالما بىلەن سەۋزىنى سۇغا سېلىپ بىللە قاينىتىپ، پىشقاندىن كېيىن سۈيى بىلەن بىللە يېگۈزسە، بالىنىڭ چوڭ تەرىتى بوشاپ، راۋانلىشىدۇ.
6. تېرىنى ئاسرايدۇ. ئالما تەركىبىدە ماگنىي مول بولۇپ، ماگنىي تېرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىپ، ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرىدۇ.
7. ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر، بىر ئالمىنى 15 مىنۇتتا يەپ بولسا، ئالما تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ۋە مېۋە كىسلاتاسى ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپ، چىشنى ئاسراپ، قۇرت يېيىش ۋە چىش ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
8. يۈرەكنى ئاسرايدۇ. ئالمىدىكى تالالار، پېكتىن(مېۋە يېلىمى)، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا قاتارلىقلار بەدەندىكى ناچار خولېستېرىننى ئازايتىدۇ ۋە ياخشى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى 1 - 2 تال ئالما يېسە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئالما تەركىبىدە يەنە بور بولۇپ، بور سۆڭەك زىچلىقىنى ساقلاش ۋە يۈرەكنى ئاسراش، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
