ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىللىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تۆۋەندىكىدەك مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ:
1. بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. ساغلام بولغان سۈت چىشى يېمەكلىكنى چايناپ يۇمشىتىپ، مېخانىك پىششىقلاپ ئىشلەش ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. سۈت چىشى بىلەن ئوزۇقلۇقنى چايناش ئارقىلىق باش، سۆڭەك ۋە يۈز قىسمىنىڭ مۇسكۇل سۆڭەكلىرىنى غىدىقلاپ، بالىلارنىڭ باش، ئېڭەك، يۈز قىسمىنىڭ نورمال ئۆسۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
2. تۇراقلىق چىشنىڭ ئۆسۈشى ۋە تۇراقلىق چىش تەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق. سۈت چىشىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۆسۈپ چىقىدىغان تۇراقلىق چىشنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ئالدىن بوشلۇق ھازىرلايدۇ. ئەگەر سۈت چىشى بەك بۇرۇن چۈشۈپ كەتسە، ياندىكى چىشلار يۆتكىلىپ، چىش چۈشۈپ كەتكەن بوشلۇققا قاراپ يانتۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇراقلىق چىش ئۆسۈپ چىقىدىغان بوشلۇق تارىيىپ، چىش ئورنى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، سۈت چىشىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، ئۇنىڭ ئۆسۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئادەتتە بىرىنچى ئېزىق چىش چىققاندا، ئىككىنچى ئېزىق سۈت چىش بىرىنچى ئېزىق چىشنىڭ تۈز چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
3. بالىلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىشى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق. سۈت چىشى چىقىشقا باشلىغان ۋە سۈت چىشى چىقىۋاتقان مەزگىل بالىلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىشقا باشلىغان ۋە گەپ قىلىشنى ئۆگىنىدىغان مۇھىم مەزگىلى. نورمال بولغان سۈت چىشى بالىلارنىڭ توغرا تاۋۇش چىقىرىشىغا پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈت چىشىنىڭ زەخىملىنىشى، بولۇپمۇ يۇقىرى ئۇدۇل چىشنىڭ چىرىپ كېتىشى، بەك بۇرۇن چۈشۈپ كېتىشى، ئادەتتە بالىلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا تەسىر قىلىدۇ.
شۇڭا، سۈت چىشىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ئاسراش ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭدا بولۇپمۇ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، سۈت چىشى بولسا ۋاقىتلىق چىش، دەپ ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ناچار ئۇقۇملارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى
- كېيىنكىسى : تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن ئاتا-ئانىلار سەمىگە: يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ھەققىدە سۆز ئېچىلسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار بىلەن باغلاپ، قان بېسىمى يۇقى
قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟ قىز بالىنى باقماق ئوڭايمۇ ياكى ئوغۇل بالىنىمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىچە بۇنىڭغا كېسىپلا ھۆكۈم چىقارغىلى بولما
ئون ياشتىن كىچىك بالىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان ئىشلار ئون ياشتىن كىچىك بالىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان ئىشلار ھازىرقى ئون ياش ئەتراپىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى نەچچە سائەتلەپ تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى كومپيۇتې
