ئاتىلاردىن «ئوغۇل بالىنى سېرىقتال بېقىش كېرەك» دېگەن ھېكمەت قالغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم «زەر ئوتتا ئايرىلىدۇ، مۇشەققەت ئوغۇل بالىنى تاۋلايدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك. دېمىسىمۇ ئوغۇل بالىنى تاۋلاپ ھەقىقىي «ئەر» گە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇشەققەتنىڭ پىچىدا تاۋلاپ ئىرادىسىنى بېسى يانماس مىسرانغا ئايلاندۇرۇش؛ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. گەپنى يىغقاندا، ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەشتە ئىشنى مۇنداق نۇقتىلاردىن باشلاش ئاقىلانىلىك:
قىيىنچىلىقنىڭ تەمىنى تېتىش. ئەۋزەل ماددىي تۇرمۇش ئوغۇللارنىڭ ئەركەكلىك خۇرۇچىنى يوقىتىدىغان بىرىنچى ئامىل، چۈنكى بۇنداق تۇرمۇش بالىلارنى تەييارتاپ، ئىش – ئەمگەكتىن قاچىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ خىراجىتىنى تىزگىنلىشى زۆرۈر بولسىمۇ، بىراق ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئۆگىنىش سېلىنمىسىنى قىسىشى نادانلىق، شۇنداقلا بالىلارنىڭ تەلىپىنى سىنىپتا قانچىنچى بولۇش ياكى قانچە نومۇر ئېلىشقا باغلاپ قاندۇرۇش بىمەنىلىك.
مەغلۇبىيەتنى تېتىش: قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە، ئاتا – ئانا پىرىنسىپ جەھەتتە ئوغۇل بالىنى ئۆزى ھەل قىلىشقا بۇيرۇپ، داۋاملىق مەغلۇپ بولسىمۇ ئىچ ئاغرىتمىغىنى، بولۇپمۇ ئۇلارغا ۋاكالىتەن قىلىپ بەرمىگىنى ياخشى، ئەمما بالىغا كۆرسەتمە بېرىپ ئۇلارغا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى ھېس قىلدۇرمىسا بولمايدۇ.
مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىتىش. بەزى ئىستۇدېنتلار كىر كىيىملىرىنى پوسۇلكا قىلىپ ئۆيىگە ئەۋەتىدۇ، بۇنداق خەۋەرلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىراق مۇنداق ئىش ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئوغۇل بالا دېگەن جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق خىرىسىغا يۈزلىنىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە بالىلاردا ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزى مۇستەقىل قىلىشنى ئۆگىتىش زۆرۈر.
ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ باقمىسىمۇ بولمايدۇ. رېئاللىقتا ئادىل بولمايدىغان ئىشلار نۇرغۇن، شۇڭا ئوغۇل بالىنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇۋالچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش. ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بارلىقى ئېنىق، شۇڭا ئوغۇل بالا باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىسا، ئالدى بىلەن بالىدىن ئۇنىڭ ئاۋۋال باشقىلارغا چېقىلغان ياكى چېقىلمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئۆگىتىش كېرەك.
قىلغان ئىشنىڭ بېشىمۇ، ئاخىرىمۇ بولۇشى كېرەك. بالا ھەرقانداق ئىشقا باشتا ئوتتەك قىزىيدۇ، ئىشنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە زېرىكىشكە باشلايدۇ. بۇنداق چاغدا ئاتا – ئانا ئۇلارنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قېلىشىغا يول قويماسلىقى، بەلكى ئۇلارنى ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىشقا يېتەكلىشى كېرەك؛ ناۋادا بالىنىڭ ۋاز كېچىشىگە يول قويۇلسا، ئۇنداقتا بالىدا ئىشنى كەينىگە تارتىدىغان، كۆڭۈل قويمايدىغان، قىيىنچىلىق بولسىلا ۋاز كېچىدىغان بولۇپ قالىدۇ
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : قانداق ئەھۋالدا بوۋاقلارنى سۇ ئۈزگۈزسە بولمايدۇ؟
- كېيىنكىسى : بالىنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
