قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

قىز بالىنى باقماق ئوڭايمۇ ياكى ئوغۇل بالىنىمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىچە بۇنىڭغا كېسىپلا ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدىكەن، ئەمەلىيەتتە تەربىيە ئەڭ مۇھىم.

يېقىندا بالا بېقىش ھەققىدە ماقالە دوستلار چەمبىرىكىنى كەڭ تارقالدى، يازما ئىگىسى بولغان بىر ئانا مۇنداق يازغان:« بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا دوستۇمنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارغان ئىدىم، ئۆزى يالغۇز 5 قىز بالىنى بىر چۈشتىن كېيىن شۇنداق ياخشى ئويناتتى، ئەركىن-ئازادە، خوشال-خۇرام، مەن ئۇنى تۇغما تالانتلىق ‹بالا بېقىش ماھىرى› ئىكەن دەپ ئويلىدىم. كېيىن يەنە بىر دوستۇم مۇنداق دېدى:‹ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ھەممىسى قىز بالا بولغاچقا شۇڭا ئاسان باققان›. كېيىنكى قېتىم يەنە شۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۆيىدە 5 ئوغۇلبالا يېغىلىپ قاپتۇ، بۇ قېتىم دوستۇممۇ خېلى كۈچەپ قالدى، مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، قىز بالا تۇغۇلۇشىدىنلا ئوماق بىر پەرىشتىگە ئوخشاش بولىدىكەن، شۇڭا مەن قىزىم بولغانلىقىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم.»

نۇرغۇن ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىلىكلەر ھەممىسى بالىلىرىنىڭ كەپسىزلىكىدىن قاقشايدۇ، بىرەيلەن مۇنداق يازىدۇ:«ئوغلۇمنى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ كەتتى، ھەممىسى ماڭا ئايدا 15000 دوللار بەرسىمۇ بۇنداق بالىنى باقمايمەن، دەيدۇ، يولدىشىمنىڭ دېيىشىچە، ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن كېيىن مەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئاۋازىم ئىنتايىن يۇقىرلاپ كېتىپتۇ.»

قىز بالىنى باقماق ئوڭايمۇ ياكى ئوغۇل بالىنىمۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىگە پىداگوكلار مەسىلە بالىدا ئەمەس بەلكى تەربىيە بەرگەن ئائىلىدە دەپ قارايدۇ.

كەپسىز ئوغۇل بالىلار ئانىلارنى ھەقىقەتەنمۇ قاقشىتىدۇ.

«ئوغۇل بالىنى بېقىش ئوڭايمۇ ياكى قىز بالىنىمۇ؟» مۇخبىرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، ئاتا-ئانىلار قاتتىق بەس-مۇنازىرە قىلىشقان.

خوڭ خانىم ھەسرەتلىنىپ مۇنداق دېگەن:«ئوغلۇم يەسلىگە كىرگەندىن تارتىپ كەپسىز بالا ئىدى. كەچ ئۇخلاپ يەنە سەھەر تۇرۇش بالامنىڭ ئادىتى. ھەر كۈنى سائەت 11 بولمىغۇچە ئۇخلىمايدۇ، ئەتىگەن قاق سەھەردىلا تۇرۇپ، غەلۋە قىلىشقا باشلايدۇ. خىزمەتتىن باشقا ھەممە ۋاقتىم ئۇنى بېقىش بىلەن ئۆتىدۇ، ئويۇنچۇقلىرىنى قالايمىقان تاشلايدۇ، تاماق يېگەندىمۇ مىختەك ئولتۇرمىسام يېمەيدۇ، بازارغا چىقسام قالايمىقان يۈگرەپ يۈرىدۇ... بەزىدە خىزمەتتىن چارچاپ كېلىپ، كەيپىياتىم تۆۋەن تۇرغاندا ئۇنىڭغا ۋارقىراپ-جارقىرايمەن...»

ئوغۇللارنىڭ كەپسىز، شوخلۇقىغا قارىغاندا خوڭ خانىم قىزلارنىڭ ئېغىر-بېسىق، مۇلايىملىقىنى ياقتۇرىدىكەن:«قوشنا ئولتۇراق رايونىدىكى ۋېيۋېي ئوغلۇم بىلەن بىللە يەسلىدە ئوقۇيدۇ، شۇنچىلىك غەرەز ئۇقىدۇ.» خوڭ خانىمنىڭ ئوغلى ئۆيدىلا ئەمەس يەسلىدىمۇ شۇنچىلىك كەپسىز بولۇپ، يەسلى مۇئەللىملىرى نەچچە قېتىم خوڭ خانىمغا ئىنكاس قىلغان، چۈشتە باشقا كىچىك بالىلار ھەممىسى جىمجىت تاماق يەپ، ئۇخلىغىلى ماڭسا، ئوغلى ھەممىنىڭ كەينىدە تاماق يەپ، ئۇخلىغىلى ئۇنىماي قەغىشلىك قىلىدىكەن.

لېكىن قىز بالىنىڭمۇ مۇتىھەملىرى بولىدۇ، يىغلاڭغۇ، ئويۇنخۇمار، گەپ ئاڭلىمايدىغان دېگەندەك.

«قىزلارنىڭمۇ چوقۇم يۇۋاش بولۇشى ناتايىن، مېنىڭ قىزىم پەقەت غەرەز ئۇقمايدۇ، مەن تېخى ئۇنىڭغا قارىغاندا ئوغۇللارنى گەپ ئاڭلايدىغاندەك ئويلايمەن». ۋۇ خانىمنىڭ قىزى يېيې بۇ يىل 5 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ماشىنا، ئايروپىلان ئويناشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىكەن. جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتابمۇ ئوقۇمايدىكەن، ۋۇ خانىم ئۆزىنى ئوغۇل بالا تۇغقاندىمەنمۇ دەپ قالىدىكەن.

ئويۇنپەزلىكتىن باشقا يېيې يەنە بەك يىغلاڭغۇ ئىكەن، ۋۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بەرمىسە، يىغلاپ ئۆيىنى بېشىغا كىيىدىكەن. ئويۇنچۇقىنى ئوينىغىلى قويمىسا، كۆكتات يېگىن دېسە يىغىنى باشلىسا بىر سائەتكىچە توختىمايدىكەن.

ۋۇ خانىم قىزىغا پەقەت ئامال قىلالمىغان بولۇپ، بىر قېتىم ئۇ قوشنىسىنىڭ بالىسىنىڭ قولىدىكى بىر ئويۇنچۇققا كۆزى چۈشۈپ قاپتىكەن، گەپ-سۆزسىزلا بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىن تالىشىپ ئېلىۋاپتۇ، قوشنىسىنىڭ بالىسى تېخى ئاغزىنى ئۆمەللىمەستە قىزى تېلىقىپ يىغلاپ:«ئا بالا قولۇمنى ئاغرىتىۋەتتى» دەپتۇ.

«بەزىدە مەن يولدىشىمغا قىزىم نېمىشقا بۇنداق يىغلاڭغۇدۇ؟ دەپ قاقشاپ بېرىمەن. يولدىشىم كۈلۈپ قويۇپ:ئۆزۈڭنىڭ بالىسى بولغاندىكى كۆپرەك بەزلەپ قويمامسەن، چوڭ بولغاندا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، دەيدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر ئائىلە تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكلىپ بېرىدۇ.

«قىزلارنى بېقىش ئوڭاي، ئوغۇللار بېقىش تەس» دېگەن گەپ قېلىپلىشىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا چىيۈەن يەسلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ لۇشىننىڭ قارىشىچە«قىزلارنى بېقىش ئوڭاي، ئوغۇللارنى بېقىش تەس» دېگەن ئۇقۇم بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئائىلە مۇھىتى، مەكتەپ تەربىيىسى، جەمئىيەت قاتارلىق ئامىللار ھەممىسى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە مىجەزىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

شۈ لۇشىننىڭ ئېيتىشىچە، مائارىپ تەجرىبىسى جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن كەپسىز قىزلارغا، يىغلاڭغۇ ئوغۇللارغا ئۇچراپ باققان. شۇڭا قىز بالا بېقىش ئوڭاي دەپ بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدىكەن.

يەسلى مەزگىلىدە، بالىنىڭ يېشى چوڭلىغانچە جىنىس پەرقىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ئەمدى يەسلىگە كىرگەندە بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدىغان بولغاچقا، يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەيدىكەن، ھەر خىل كىچىك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدىكەن. لېكىن ھەر بىر بالىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغاچقا بەزىلىرى يىغلاشقا ئامراق ئىكەن، بەزىلىرى يەسلىنى ياقتۇرمايدىكەن، لېكىن بەزى بالىلار يەنىلا ئوڭلۇق، تۇرمۇش ئىقتىدار كۈچلۈك ئىكەن، بۇنداق پەرقنىڭ بولۇشى بالىنىڭ يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئوتتۇرا سىنىپقا چىققاندا ئاستا-ئاستا باشقىلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىلىۋالىدىكەن، ھەر بىر بالىنىڭ مۇناسىۋەت ئىقتىدارىدا پەرق بار ئىكەن، بەزى بالىلار ناھايىتى ئاكتىپ ئىكەن، بەزىلىرى مەسىلىگە يولۇققاندا توختىماي ياردەم سورايدىكەن. چوڭ سىنىپنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە بالىنىڭ جىنسى پەرقى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن، پەرق شەكىللەندۈرىدىغان سەۋەبلەرمۇ نۇرغۇن بولىدىكەن، مەسىلەن: جەمئىيەت بېكىتىپ بەرگەن«ئۆلچەم»گە ئاساسەن، ئاتا-ئانىلار قىزلارنىڭ سىپايە، يۇۋاش بولۇشىنى، ئوغۇللارنىڭ شوخ، جانلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بالىغىمۇ بۇ قاراش ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: مائارىپ جەريانغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، قارىماققا كىچىككىنە كۆرۈنىدىغان ياخشى ياكى يامان قىلىقلارنىڭ تەسىرى غايەت چوڭ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا قانداق قىلساق ئەڭ مۇۋاپىق، ئۇ ئاتا-ئانىلارغا بىر قانچە تەكلىپ بېرىدۇ:

1.  بالىغا ھەمراھ بولۇش ئەڭ مۇھىم. نۇرغۇن ئاتا-ئانا خىزمىتى ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك بالىنىڭ بوۋا-مومىسىغا تاپشۇرىدۇ، لېكىن چوڭلار بالىنى ئاسانلا ئەركە قىلىپ قويىدۇ. «قىلساڭ بولىدۇ» نىڭ دەرىجىسىنى ئۇلارغا چەكلىمىسىز كېڭەيتىپ بېرىدۇ.

2.  بالىنىڭ «خاتالىق سادىر قىلىش» ىغا يول قويۇش. «خاتالىق سادىر قىلىش» بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم دەرىسى، بالا تۇرمۇشتىن نۇرغۇن تەجىرىبە-ساۋاقلارنى ئالىدۇ، ئۆزى بىۋاستە ھېس قىلغىنى سىزنىڭ يۈز قېتىملاپ قۇلىقىغا قۇيغىنىڭىزدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ.

3.  بالىدا مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىش. بالىدا دائىم ئاكتىپچانلىق ۋە مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولغاندا بالىدا ياخشى ئادەت شەكىللىنىدۇ.

4.  ئائىلە تەربىيسىدىكى بىردەكلىكنى ساقلاش. ئاتا-ئانىلار ھەر قانداق سورۇندا قائىدىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، بالىغا نېمە قىلسا بولىدىغانلىقى، نېمە قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىش كېرەك. بولۇپمۇ چوڭلاردىن ئۆزىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش، تەربىيە بىردەكلىكىنى ساقلاش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر