سۇ ئۈزۈش ساغلاملىققا ناھايىتى پايدىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى، شۇنداقلا بالىنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بەدەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى بولۇپ، بالىنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە پايدىسى كۆپ.
1. بالىغا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ياش چېكى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، 4 ياشتىن 8 ياشقىچە بولغان مەزگىلى سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھېسابلىندىكەن. سۇ ئۈزۈشنى يېڭى ئۆگىنىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 سىلسىيە گىرادۇس بولسا ئەڭ مۇۋاپىق. بالا ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا نەپەس ئالماي تۇرۇش ئىقتىدارى بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىقتىدار چېكىنىدۇ، ئۇنتۇلىدۇ. 4 ياشتىن 8 ياشقىچە بولغان بالىلاردا مەيلى بەدەن ئەھۋالى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئۆگىنىشكە بولغان ھەۋەس جەھەتلەردە بولسۇن، نىسبەتەن زور ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ. نەپەس ئالماي تۇرۇش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ، بۇ مەزگىلدە سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەتسە، ئاسان ئۆگىنىۋالىدۇ.
2. سۇ ئۈزۈشنىڭ بالىغا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى
1) سۇ ئۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ ھەرىكەت چوڭ مېڭىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تاماملىنىدۇ. سۇ ئۈزۈش جەريانىدا چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئاشىدۇ، بۇ سىرتقى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسى تېزلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
2) يۈرەك مۇسكۇلى تەرەققىي قىلىدۇ، ماددا ئالمىشىش راۋانلىشىدۇ، يۈرەك سوقۇشى ئوخشاش ياشتىكى باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئاستىلايدۇ ۋە كۈچلۈك سوقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ساپاسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
3) نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، ئۆپكىسىنىڭ نەپەس سىغىمچانلىقى ئېشىپ، نەپىسىنى قىسىپ تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ.
4) بەدەندىكى ئارتۇقچە ياغ ئازىيىدۇ، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى مۇسكۇللار ھەرىكەتلىنىپ، بەدەن شەكلى گۈزەللىشىدۇ.
5) سوغۇققا چىدامچانلىقى ۋە كېسەلگە تاقابىلچانلىقى ئاشىدۇ.
3. پەرھىزلەر
1) بەدىندە يارا، تېرە كېسىلى، كۆز كېسىلى قاتارلىقلار كۆرۈلگەندە، زۇكامدىغاندا، ئاغرىپ قالغاندا، بىئاراملىق ھېس قىلغاندا ياكى بەدىنى ئاجىز مەزگىلدە سۇ ئۈزمەسلىكى كېرەك.
2) سۇ ئۈزۈش جەريانىدا باشقا بالىلار بىلەن ئازارلىشىپ قالماسلىقى، بەك ئېگىز جايدىن سەكرەپ ئوينىماسلىقى كېرەك.
3) سىرتتا سۇ ئۈزۈشتە، چۈش ۋاقتى ھاۋا تازا ئىسسىغاندا سۇغا چۈشمەسلىكى لازىم. يەنە بەدىنىگە كۈن قالقىنى سۈرۈپ، تېرىسىنىڭ ئاپتاپتىن زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4) سۇ ئۈزۈشتىن بۇرۇن بەك تويۇنۇپ غىزالانماسلىقى ياكى ئاچ ھالەتتە سۇغا چۈشمەسلىكى، ئەڭ ياخشىسى غىزالىنىپ بولۇپ بىر سائەتتىن كېيىن سۇغا چۈشۈشى كېرەك، بولمىسا پېيى ئاسان تارتىشىپ قالىدۇ.
5) ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، سۇ بەك سوغۇق بولسا، بالىغا ماس كەلمەيدۇ. شارائىت بولسا، ئۆي ئىچى سۇ ئۈزۈش كۆللىرىگە بېرىپ سۇ ئۈزسە بولىدۇ، ئادەتتە بۇنداق جايلاردىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 26 – 29 سىلسىيە گىرادۇس بولسا بولىدۇ.
6) بالىنىڭ ھەر قېتىملىق سۇ ئۈزۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر، بالىدا چىراي تاتىرىش، تىترەش ياكى ئالىقان، تاپانلىرىدا قورۇق بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، سۇ ئۈزۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا دەرھال ئارام ئېلىش كېرەك. بالىلارنىڭ سۇ ئۈزۈش ۋاقتى يېرىم سائەت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش زۆرۈر ئىقتىدارلار
- كېيىنكىسى : بالىلار سۇ ئۈزگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
