ھازىر بوۋاقلارنى سۇ ئۈزگۈزۈش يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئاتا - ئانىلار بوۋاقنى سۇ ئۈزگۈزۈشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما، ھەممە بوۋاقنىڭ سۇ ئۈزۈشكە ماس كېلىشى ناتايىن. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بوۋاقنى سۇ ئۈزگۈزمەسلىك كېرەك:
1) ئاغرىپ قالغاندا. ئاغرىپ قالغان ياكى تېنى ئاجىز بوۋاقنى سۇ ئۈزگۈزمەسلىك كېرەك، بولمىسا كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
2) تېرىسى زەخىملەنگەندە. بوۋاقنىڭ تېرىسى زەخىملەنگەندە سۇ ئۈزگۈزسە، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.
3) سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان بوۋاق. سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن، نەپەس يولى يۇقۇملانغان(يۇقۇمچان) بوۋاقنى سۇ ئۈزگۈزمەسلىك كېرەك.
4) ۋاكسىنا ئۇرغاندا. ۋاكسىنا ئۇرغان بوۋاقنى 24 سائەت ئىچىدە سۇ ئۈزگۈزۈشكە بولمايدۇ.
5) بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق. ئاي، كۈنى توشماي تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ، شۇڭا سۇ ئۈزگۈزۈشكە بولمايدۇ.
6) ئەگەشمە كېسىلى بار بوۋاق. بوۋاقنىڭ ئەگەشمە كېسىلى بولسا ياكى ئالاھىدە داۋالاۋاتقان مەزگىلدە سۇ ئۈزگۈزۈشكە بولمايدۇ.
7) Apgar قىممىتى 8 دىن كىچىك بولغان بوۋاق. Apgar قىممىتى(يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە نومۇر قويۇشتىكى كۆرسەتكۈچ بولۇپ، مۇسكۇل كېرىلىش كۈچى، تومۇر سوقۇشى، قوشىمىسىنى تۈرۈش ھەرىكىتى، يەنى غىدىقلىنىشقا قارىتا ئىنكاسى، نەپەسلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 10 نومۇرغا توشقانلار نورمال ھېسابلىنىدۇ، 7 نومۇردىن تۆۋەن بالىلاردا يېنىك دەرىجىدە تۇنجۇقۇش ئېھتىمالى بولىدۇ، 4 نومۇردىن تۆۋەنلەردە ئېغىر دەرىجىدە تۇنجۇقۇش بولىدۇ. كۆپىنچە بالىلار 7 - 10 نومۇر ئارىلىقىدا بولىدۇ) 8 نومۇردىن كىچىك بولغان بوۋاقنى سۇ ئۈزگۈزۈشكە بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى تۇغۇلۇپ 1 كۈندىن كېيىن سۇ ئۈزگۈزۈش، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى 38 – 40 سىلسىيە گىرادۇستا تىزگىنلەش، مەخسۇس تەييارلانغان ئېرىتمە ئىشلىتىش لازىم.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سۇ ئۈزگۈزۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1) ۋاقىتنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش. بوۋاقنى بەك ئۇزۇن سۇ ئۈزگۈزۈشكە بولمايدۇ. بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ، ۋاقىتنى تىزگىنلەش كېرەك، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت بولسا مۇۋاپىق. ئەسكەرتىش: بوۋاق توڭۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى ئىزچىل 37 سىلسىيە گىرادۇستا ساقلاش لازىم؛ ئەگەر، بوۋاق بەدىنىدە توڭۇش، تىترەش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال سۇدىن ئېلىۋېلىش كېرەك.
2) كىندىكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بوۋاقنىڭ كىندىكى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، ئاسان يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا سۇ چوقۇم پاكىز بولۇشى كېرەك. تۇغۇلغىنىغا 10 كۈن بولغان بوۋاقنىڭ كىندىكىگە سۇ ئۆتكۈزمەس چاپلاق چاپلاپ سۇ ئۈزگۈزۈش، سۇدىن ئېلىۋالغاندىن كېيىن چاپلاقنى پاكلاش ھەمدە كىندىكنى ئاسراش بەلبېغىنى چىگىپ قويۇش لازىم.
3) ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش. سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بوۋاق بوينىغا چوقۇم يەل چەمبىرىكى كىيگۈزۈش، كەسپىي خادىملار ياكى ئاتا - ئانىسى ھەمراھ بولۇش لازىم.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىلار سۇ ئۈزگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- كېيىنكىسى : ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەشتە...
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
