1. بالا سۇ ئۈزگىلى بارغاندا ئاتا - ئانىلار چوقۇم ھەمراھ بولۇشى ھەمدە بالىنىڭ يېشى، بويىنىڭ ئېگىزلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ياخشى ئويلىشىپ، بىخەتەر ئورۇندا سۇ ئۈزگۈزۈش زۆرۈر. بالىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تەرتىپ بويىچە سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، بالىغا سۇ ئۈزۈشكە بولغان قىزغىنلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
2. سۇغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى بالىغا تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەتكۈزۈش، قول، پۇتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، سوغۇق سۇ بىلەن بەدەننى سۈرتۈپ، سۇ تېمپېراتۇرىسىغا ماسلاشتۇرۇش لازىم.
3. بالىنىڭ بەدەن كۈچىنى ئاساس قىلىپ، سۇدا تۇرۇش ۋاقتىنى بەك ئۇزارتىۋەتمەسلىك، ھارغىنلىق ياكى بىئاراملىق ھېس قىلسا، قىرغاققا چىقىرىپ ئارام ئالدۇرۇش، كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
4. بالا سۇغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى بەك تويۇنۇپ غىزالانماسلىقى لازىم. مۇبادا، يېمەكلىك كېكىردەكنى بېسىۋالسا، ئاسانلا تۇنجۇقۇپ قېلىش يۈز بېرىدۇ. بالا سۇغا چۈشۈشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى مۇۋاپىق غىزالاندۇرۇش كېرەك.
5. بالا بەك تەرلەپ كەتكەندە دەرھال سۇغا چۈشمەسلىكى كېرەك، ئاۋۋال لۆڭگە بىلەن بەدەننى سۈرتۈپ، تەر تۆشۈكچىلىرى تارايغاندىن كېيىن سۇغا چۈشۈشى لازىم.
6. سۇ ئۈزۈش كىيىمى، بۆكى مۇۋاپىق بولۇشى، بۇغقۇچ بىلەن بويۇندىن ئېسىۋالىدىغان سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىنى كىيگۈزمەسلىك كېرەك. يەنە بالىغا بىر جۈپ قۇلاق پۇرۇپكىسى تەييارلاپ، قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىش سەۋەبلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
7. سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن كۆزنى يۇيۇش ياكى مەخسۇس كۆزگە ئىشلىتىدىغان دورىنى ئىشلىتىپ، كۆزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
8. سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، بەدەننى پاكىز چايقاش، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى خىمىيەلىك دورا قالدۇقلىرىنىڭ تېرىدە قېپقىلىپ، تېرىگە رېئاكسىيە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دەرھال چىشنى چوتكىلاش ياكى ئېغىزنى چايقاش كېرەك.
9. بالا زۇكامداپ ساقايغاندىن كېيىنكى 1 - 2 ھەپتە ئىچىدە سۇ ئۈزگۈزمەسلىك كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : سۇ ئۈزۈشنىڭ بالىلارغا بولغان پايدىسى
- كېيىنكىسى : قانداق ئەھۋالدا بوۋاقلارنى سۇ ئۈزگۈزسە بولمايدۇ؟
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
