ئانا سۈتى تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاسانلا ھەزىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ساغلام ئانا سۈتىنى ئېمىش بوۋاقلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق مەنبىيىدۇر.
ئانا سۈتى تەركىبىدىكى α لاكتالبۇمىن (α乳白蛋白) لاكتوزىنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، تەركىبىدىكى يەنە ئاز مىقداردىكى لاكتوفېررىن (乳铁蛋白) بوۋاققا كېرەكلىك بولغان تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلىغاندىن سىرت يەنە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى (大肠杆菌)نى چەكلەش رولىغا ئىگە. شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلاردا ئاسانلىقچە ئىچ سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى نۇكلېئوتىد (核苷酸) بوۋاق تېنىدىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئانا سۈتىدىكى ماي ئاساسلىقى ئەركىن ماي كىسلاتاسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدە يەنە بىر قەدەر يۇقىرى مىقداردا لىنولېنىك كىسلاتا (亚麻油酸) بار. ئانا سۈتىدىكى كالتسىينىڭ سۇ مىقدارى گەرچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئاسانلا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئانا سۈتىدىكى لاكتوزا (乳糖) بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدە ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، تۇغۇلغاندىن باشلاپ 6~7 ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئەگەر ئانا سۈتى بىلەن بېقىلسا، ئاساسەن ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
كىچىكىدىن باشلاپ ئانا سۈتىدە چوڭ بولغان بوۋاقلار ئەگەر مۇۋاپىق بېقىلسا، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئەھۋاللىرىمۇ ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاسانلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇقى ئانا سۈتى بولۇپ، ئانا سۈتىدە كۆپ خىل يۇقۇملىنىشقا قارىشى تۇرغۇچى ئىممونىتېت تەركىبى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن (免疫球蛋白)، لىمفا ھۈجەيرىسى (淋巴细胞)، چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە (巨噬细胞)، دانچىلىك ھۈجەيرىلەر (粒细胞)، لاكتوفېررىن (乳铁蛋白)، قوش ئاچىلىق گېن (双歧因) ۋە لىزوزىما (溶菌酶) قاتارلىقلار.
يۇقىرىقى ئىممونىتېت تەركىپلەرنىڭ ئاساسلىق رولى قانداق بولىدۇ؟
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : پەرزەنتلەرنى تور خۇمارلىقىدىن تارتىپ چىقىرايلى
- كېيىنكىسى : بالىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشى نېمىگە مۇناسىۋەتلىك
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
