پەرەنىتلەر ئاتا – ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى ، دۇنيادا قايسى ئاتا –ئانا پەرزەنىتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولىشىنى ئۈمىت قىلمايدۇ ؟ ئۆز باللىرىنىڭ كەلگۈسىدە بىكار تەلەپ ، لايغەزەل بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا – ئانا بارمۇ ؟ لىكىن قانداق قىلغاندا بالىلارنى جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىلىگىلى بولىدۇ ئامرىكلىنىڭ بىر مەخسۇس سىتون يازغۇچىسى ‹‹ قانداق قىلغاندا يارامسىز بالا تەربىلەپ چىققىلى بولىدۇ ›› ناملىق ماقالە يازغان بولۇپ يارامسىز بالا تەربىلەشنىڭ 12 تۈرلۈك ئۇسۇلىنى مىسالغا ئالغان ، ئاتا – ئانىلار يارامسىز بالا تەربىلەۋاتامدۇ – يوق ، سىلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ .
1 . بالىڭىز بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا نىمە تەلەپ قىلسا شۇنى ئىلىپ بىرىڭ .
2 . ئۇ سەت گەپ قىلغاندا توسىماڭ ، بۇنىڭدا ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتى تىز ئاشىدۇ –دە ئىككى ئىغىزگەپ بىلەن جىنىڭىزنى ئىلپ يىنىڭىزدا قويىدۇ .
3 . بالىڭىزغا روھى جەھەتتىن ئازار بەرمەي دىسىڭىز ، خاتالىق ئۆتكۈگەندە بىلمەسلىككە سىلىڭ . شۇندىلا ئۇ كەلگۈسىدە ئوغرىلىق قىلىپ ياكى باشقا سەۋەپلەردىن قولغا ئىلىنغاندا ،ھەممە ئادەم ئۆزى بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقاندەك ، ئۆزىنى بولسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قالغاندەك ئويلايدۇ .
4 . بالىڭىزغا مەڭگۈ ئەخلاق تەربىسى ئىلىپ بارماڭ ، ئۇ ئۆز مەيلىچە چوڭ بولسۇن ، ئىشلارنى ئۆزى بىلگىنىچە بەلگىلىسۇن .
5 . ئۇ قالايمىقان تاشلىغان نەرسە - كىرەكلەرنى كەينىدىن تىرىشىپ يۈرۈڭ ، بۇ ئۇنىڭدا بارلىق مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ چىقىدۇ .
6 .ئۇ قانداق كىتاپنى كۆرسە ئارلاشماڭ ، بالىڭىزنىڭ كاللىسى قانچىلىك ئەخلەتكە تولۇپ كەتسىمۇ كارىڭىز بولمىسۇن .
7 . ئە – خوتۇنلار گەپ تالىشىپ قالغاندا سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىڭلار ، بالاڭلارنىڭ يىنىڭلاردا بار – يوقلۇقى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن .
8 . بالىڭىز پارچە پۇل سورىسا كۆڭلىنى قايتۇرماڭ ، ئۇ ئۆزى ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپمىسۇن ، پۇل ئىقتىساتمۇ قىلمىسۇن . بالىلار ئاتا – ئانىدەك جاپا تارىتسا بولمايدۇ – دە !
9 . بالىڭىزنىڭ يىمەك – ئىچمىكى ئىنتايىن موھىم ، شۇڭا نىمە يەيمەن دىسە نىمە ئىچىمەن دىسە ئىلىپ بىرىڭ ، ئۇ خاپا بولۇپ قالسا ئىش چاتاق بولىدۇ .
10 . بالىڭىز قوشنە – قۇلۇملار ، ئوقۇغۇچىلار ياكى ساقچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا ، ئىككىلەنمەستىن بالىڭىز تەرەپتە تۇرۇڭ ، بالىڭىز ئاتا – ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئادالەتسىزلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالمىسۇن .
11 . بالىڭىز سىرىتتا چاتاق تىرىپ قويغاندا ئۇنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ : مەن بالىغا ئەزەلدىن ئامال قىلالمايتىم ، مۇشۇ گىپىمنىڭ ئۆزىنى كەچۈرىم سورىغانلىق دەپ بىلسەڭلار قانداق ، دەڭ .
12 . بالىڭىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆڭۈل بۆلۈشكە ، ئەندىشە قىلىشقا ، قايغۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ چۈنكى سىز يارامسىز ۋە پىچاق ئاتىدىغان بالىدىن بىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىلەپ چىقتىڭىز .
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
بالىلاردىكى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ئەلداۋادىن ئاتا-ئانىلار سەمىگە: يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى ھەققىدە سۆز ئېچىلسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار بىلەن باغلاپ، قان بېسىمى يۇقى
قىز بالىنى باقماق ئوڭاي، ئوغۇل بالىنى باقماق تەسمۇ؟ قىز بالىنى باقماق ئوڭايمۇ ياكى ئوغۇل بالىنىمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىچە بۇنىڭغا كېسىپلا ھۆكۈم چىقارغىلى بولما
