پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئىككى قېتىملىق «جاھىللىق مەزگىلى» نى بېسىپ ئۆتىدىكەن. بۇنىڭ بىرى 3 ياشتىن 5 ياشقىچە، يەنە بىرى 12 ياشتىن 15 ياشقىچە. ئۇنداقتا ئاتا - ئانىلار بۇ مەزگىلدە بالىلارغا قانداق ياردەم بېرىش كېرەك؟

1. بالىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىش لازىم. ئاتا - ئانا بالىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندا تەنقىد، تەربىيە قىلىش لازىم. بولمىسا، ھېسسىيات داۋالغۇپ تۇرغاندا قىلىنغان بارلىق تەربىيە ئەكس تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
2. دەسلەپكى باسقۇچىدىلا يوقىتىش لازىم. بالىنىڭ ئاتا - ئانا بىلەن تەڭ تۇرۇپ جىدەللىشىشىگە ئوخشاش يامان ئادەتلىرىنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش لازىم. بولمىسا، ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
3. بالىنىڭ زومىگەر بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ئاتا - ئانا بالىسىنىڭ باشقىلارنى بوزەك قىلىدىغان ناچار ئادەتلىرىگە ھەرگىز يول قويماسلىق لازىم.
4. ئىمكانىيەت قالدۇرۇش لازىم. ئاتا - ئانا ھەربىر ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردا بالىغا بۇيرۇق قىلماستىن، ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇپ، قۇيۇش لازىم. بىرەر ئىشتا تەلەپ قويغاندا، بەلگىلىك ئىمكانىيەت قالدۇرۇش كېرەك.
5. مۇئەييەنلەشتۈرۈش سۆزلىرىنى ئىشلىتىش لازىم. بالىغا ئىلھام بېرىدىغان، مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىش، ئىنكار سۆزلىرىنى ئازراق قوللىنىش لازىم. مەسىلەن، «ئۆينى قالايمىقان قىلىۋەتمەڭ» دېگەنگە قارىغاندا «ئۆينى پاكىز يىغىشتۇرۇپ قويۇڭ» دېسە، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولىدۇ.
6. قائىدىگە ئەمەل قىلىش لازىم. ئائىلىدە بەلگىلىك ئادەت ۋە تەرتىپلەرنى تۈزۈپ، ئەڭ ئاۋۋال ئاتا - ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، تۈزگەن بەلگىلىمە ۋە تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇۋاپىق پۇرسەتنى تاللاپ، بالا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمدە بالىنىڭ كۆڭۈل سۆزى ۋە پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش لازىم.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : 7 ئۈلۈشتىن ئارتۇق بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرسىز
- كېيىنكىسى : يارامسىز بالا تەربىلەشنىڭ 12 خىل ئۇسۇلى
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
