بالىنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
بالىنىڭ تاماق تاللىشى نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان يېڭى يېمەكلىكلەرنى يېمەي، ياغ، قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇش ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بالىنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدۇ:
1. يېمەكلىككە ئادىل باھا بېرىش
ئاتا -ئانىلار يېمەكلىككە توغرا مۇئامىلىدە بولۇپ، مەلۇم خىل يېمەكلىكنى ئالىي، ياخشى يېمەكلىك، مەلۇم خىل يېمەكلىكنى ياخشى ئەمەس، دېگەندەك باھالارنى بەرمەسلىكى كېرەك. ئەگەر، قورۇما يېيىشلىك بولمىسا، پەقەت قورۇش، پىشۇرۇشتىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
2. يېمەكلىك بىلەن ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش
بالىنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ساغلام يېتىلىدۇ. تاماق بىلەن بالىنىڭ مەلۇم نىشانغا يېتىشىنى بىرلەشتۈرىۋالماسلىق كېرەك، مەسىلەن، بوي ئۆستۈرىدۇ، كۈچلۈك قىلىدۇ، چىرايلىق بولىدۇ، دېگەندەك. تاماق تاللاشنىڭ زىيىنىنى مۇۋاپىق مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش كېرەك.
3. بالىنى يېمەكلىك تەييارلاشقا قاتناشتۇرۇش
بالا يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك چۈشەنسە، پىسخىكا جەھەتتىن تونۇشىغا ياردىمى بولىدۇ. مەسىلەن، بالىنى كۆكتاتلىققا ئاپىرىپ، كۆكتاتنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش؛ چوڭلارغا ياردەملىشىپ كۆكتات يۇيۇش، چوڭراق بالىلارغا سوغۇق يېمەكنى ئۆزىگە تەييارلاتقۇزۇش. بۇ ئۇسۇللاردا بالا بەلكىم ئۆزى تەييارلىغان يېمەكلىكنى ياقتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4. باشقىلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئەگەر، بالىنىڭ يېنىدىكى باشقا بالىلار ياكى چوڭلار تاماق تاللىسا، بۇ ئادەتنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ مۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. باشقىلارنىڭ بالىسى ئەخلەت يېمەكلىككە ئامراق بولغان بولسا، بۇ ئىشقا قارىتا ئەيىبلەش پوزىتسىيەدە بولۇش، يەنى بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، يېگەندىن كېيىن ساغلاملىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش كېرەك. بالىنىڭ ئالدىدا ئۆيدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆپرەك قىلىش، ئۆزگىچە قورۇما تەييارلاپ بېرىش، پارچە يېمەكلىكلەرنى ئۆيدە تەييارلاپ بېرىش كېرەك.
5. بالىنىڭ تاماق تاللاش مەسىلىسىگە ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش
ئەگەر، بالا تاماق تاللىسا، بەك ئەيىبلەپ، تەنقىدلەپ كەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا بالىدا قارشىلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ. ئەمما، بەك يول قويىۋەتمەسلىك، بالىدىن بۇ خىل قورۇمىنىڭ نېمىشقا تېتىمىغانلىقىنى سوراش، كېلەر قېتىم تېخىمۇ ياخشى قورۇپ بېرىشكە ۋەدە بېرىش كېرەك. باشقىلارغا ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ تاماقنى ياخشى يېمەيدىغانلىقىنى ياكى مەلۇم خىل يېمەكلىكنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دېمەسلىك كېرەك.
6. تەييارلاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش
يېمەكلىكنىڭ تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنۈشى ئۈچۈن، چىرايلىق قاچىغا ئۇسۇپ بېرىش؛ بالىغا كىچىكرەك توغراپ، يېيىشىگە مۇۋاپىق قىلىپ تەييارلاش كېرەك. پەقەت پۇرىقى يېقىشلىق، شەكلى ياخشى بولسا، بالا ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ.
7. بالىغا ئېلاندىكى يېمەكلىكلەرنى چۈشەندۈرۈش
بالا ئېلانغا بەك ھەيرانلىق بىلەن قارايدۇ ۋە ئاسان تەسىر قىلىدۇ. ئاتا -ئانىلار بالىغا تەييار يېمەكلىكنى كۆپ يېسە ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى خۇرۇچلارنىڭ بەدەندە كۆپ يىغىلغاندا كېسەل پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
8. ئازراق ئىلگىرىلىسىلا رىغبەتلەندۈرۈش
ئەگەر، بالا ئىلگىرى يېمەيدىغان نەرسىنى يېسە ياكى مەلۇم خىل بەك ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكنى يېيىشنى ئازلاتسا، بالىنى ماختاپ رىغبەتلەندۈرۈش ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.
ناۋادا، بالا بەزى يېمەكلىكلەرنى پەقەت يېگىلى ئۇنىمىسا، مۇنداق ئۇسۇلنى سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ: قىيما تەييارلاپ، باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئوراپ بېرىش؛ باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بېرىش؛ ئوزۇقلۇقى ئوخشاش باشقا يېمەكلىكلەرنى بېرىش.
مەسئۇل تەھرىر: سادىق مىجىت
تەھرىر: سەمەت ئېلى
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەشتە...
- كېيىنكىسى : ئون ياشتىن كىچىك بالىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان ئىشلار
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
