غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتىۋېلىش كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلار ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا بالىغا ياخشى قارىيالماي، بالا غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتىۋالىدۇ، ھەتتا بەزىدە يۇتىۋېلىش ئەھۋالى بىر كۈندە تەكرار نەچچە قېتىم كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە چاچ قىسقۇچ، زەنجىر، تەڭگە، تۈگمە، باتارېيە قاتارلىق نەرسىلەرنى يۇتىۋالىدۇ. بەزىدە بوۋاق يۇتىۋالغان نەرسە كاناي يولىغا كىرىپ قېلىپ، تۇنجۇقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. بالىنىڭ غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتىۋالغانلىقىنى بايقىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. چۈنكى، مەشغۇلات خاتا بولۇپ قالسا، بالا ئېغىر زەخىملىنىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

1. قۇستۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
بالا غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتىۋالغاندا بەزى ئاتا - ئانىلار قۇستۇرۇش دورىسى ئىشلىتىپ، يۇتىۋالغان نەرسىنى قۇستۇرۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن قۇستۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا، يۇتىۋالغان نەرسە كانايغا كىرىپ قېلىپ، تۇنجۇقۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2. ئىچ سۈرۈش دورىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
بەزى ئاتا - ئانىلار بالا يۇتىۋالغان نەرسىلەرنى قۇسۇپ چىقىرالمىسا، چوڭ تەرەت ئارقىلىق چىقىرىشنى ئويلاپ، ئىچ سۈرۈش دورىسىنى ئىچكۈزىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلمۇ بىخەتەر ئەمەس. چۈنكى، يۇتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ تۈرى ھەر خىل بولىدۇ، مەسىلەن، مىخ، چىش قېپى قاتارلىق ئۇچلۇق، ئىلمەك نەرسىلەر ئۈچەي دورا سەۋەبىدىن تېز سۈرئەتتە لۆمۈلدىگەندە ئۈچەي دىۋارىنى ئىلىۋالىدۇ، ھەتتا تېشىۋېتىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. مەجبۇرىي يۇتقۇزۇشقا بولمايدۇ.
بالا بېلىق قىلتىرىقى، ئۇستىخان پارچىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى يۇتىۋېلىپ كېكىردەككە كەپلىشىپ قالغاندا، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىغا مەجبۇرىي يۇتقۇزماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بېلىق قىلتىرىقى كەپلىشىپ قالغاندا تاماق بىلەن مەجبۇرىي يۇتقۇزسا، كېكىردەك تېشىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. ئەگەر، كېكىردەك ئەتراپىدىكى سوققاق تومۇرغا سانجىلىپ كەتسە، تېخىمۇ خەتەرلىك. مەجبۇرىي يۇتقۇزسا، كېيىنكى ئوپېراتسىيەنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ.
ئادەتتە، بالا سىلىق، كىچىك نەرسىلەرنى يۇتىۋالسا، ئاتا - ئانىلار بالىغا تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، كۈدە، كەرەپشە قاتارلىق ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكنى يېگۈزسە بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەر غەيرىي نەرسىلەرنى تەرەت ئارقىلىق چىقىرىشنى تېزلىتىدۇ.
ئەگەر، يۇتىۋالغان نەرسە بەك چوڭ ئەمەس، ئەمما ئېغىر بولسا(مەسىلەن، ئالتۇن ئۈزۈك قاتارلىقلار)، ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ئېغىرلىق سەۋەبىدىن ئاشقازاننىڭ ئەڭ ئاستىغا چۆكىۋالىدۇ، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى ئارقىلىق ئۈچەيگە بارالمايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاشقازان شىللىق پەردىسى زەخىملىنىدۇ، قاناش، ھەتتا تېشىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئەگەر بالا غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتىۋالسا، ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرمەي، بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش ۋە ئېقىشقا سەل قارىماڭ
- كېيىنكىسى : بالىنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ ئاغرىش رېماتىزمنىڭ سەۋەبىمۇ؟
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
