ئاسىيا كىندىكى تورى 8-ماي خەۋىرى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەرجىمىسى:
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ۋاقتىدا داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بالىلار تۇغۇلغان ھامان داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان.

ئىلگىرىكى سىياسەتتە، بالىلار تۇغۇلۇپلا «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى» غا قاتناشسا بولىدىغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ كېيىنكى ئايدا ئاندىن سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلىنەلەيتتى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلار تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن مەنپەئەتلىنەلەيدىكەن. ئىلگىرىكى سىياسەتكە ئوخشىمايدىغان يېرى، سۇغۇرتىغا رەسمىي قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى ئاغرىپ داۋالانغان بالىلارمۇ 1 يىل ئىچىدىكى داۋالاش چىقىمىنى ئاتچوت قىلدۇرالايدىكەن.
مەسىلەن: ئېرپان بۇ يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلۇپ، 4-ئايدا ئاغرىپ بالنىستتا يېتىپ داۋالاندى، 8-ئايدا سۇغۇرتىغا رەسمىي ھەق تاپشۇرپ قاتناشقان بولسا، 4-ئايدىكى داۋالىنىش چىقىمىنى نورمال ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ دېگەن گەپ.
ئەمما، ئالدىنقى شەرت شۇكى، چوقۇم ھەق تاپشۇرۇپ «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى» غا قاتناشقان بولۇشى كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان بالىلار ھەق تاپشۇرۇپ «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى» غا قاتناشقاندىن كېيىن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىگە ئوخشاش داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ئەگەر ئاغرىپ بالنىستتا يېتىپ داۋالانسا، ئوخشىمىغان نىسبەتلەر بويىچە ئاتچوت قىلدۇرالايدىكەن. مەسىلەن، يېزا-بازارلىق شىپاخانا، بىرىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانا، ئىككىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانا، ئۈچىنچى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا نىسبىتى %90، %85، %70، %55 ئىكەن.
ئەلداۋا تەۋسىيەسى: بالىلار تۇغۇلغان ھامان ۋاقتىدا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش كېرەك. ھازىر ئوقۇش يېشىدىن ئاۋۋالقى بالىلارنىڭ يىللىق ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى 120 يۈەن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاھالىلىرىنىڭ، مېيىپ بالىلارنىڭ ھەر يىلى 60 يۈەن. ئەگەر بالىلار تۇغۇلۇپ 1 يىل ئىچىدە سۇغۇرتىغا رەسمىي ھەق تاپشۇرۇپ قاتناشتۇرغىچە ئارىلىقتا ئاغرىپ بالنىستتا يېتىپ داۋالانغان بولسا، سۇغۇرتىغا قاتنىشىپلا، دوختۇرخانىدا داۋالانغانلىق ئالاقىدار ئىسپات-ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئاتچوت قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، كېسەللىنىش نىسبىتى يۇقىرى، داۋالىنىش چىقىمىمۇ ئاز ئەمەس. ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق ياخشى كاپالەت سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، ياخشى مەنپەئەتلىنىش ئىنتايىن زۆرۈر! بۇ ئۇچۇرنى كۆرگۈچىلەرنىڭ كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!!!...
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
