شىنجاڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى، ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى تەرجىمىسى: ئەر-ئايال ئىككىيلەن مېھمانلارغا قاراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ چوكا ئويناۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلمىدى. تۇيۇقسىز بالا يىقىلىپ چۈشۈپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى، ئانا دەرھال بېرىپ يۆلىگەن چاغدا، چوكىنىڭ يېرىمدىن ئۇزۇنراق قىسىمى بالىنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كەتكەن...
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ ئۇقۇشىچە، بالا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، بالىنىڭ كېكىردەك-يۇتقۇنچاق، قىزىل ئۆڭگەچلىرى يېرىلىپ ئېغىر زەخىملەنگەن، ئۆپكىسى ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغان، ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقان. بالا ھازىرمۇ ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىپ داۋالاش ئۆيىدە بولۇپ، كۆكرەك بوشلۇقىغا چۈشكەن سۇ تازىلىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئادەتتىكى بالنىستقا يۆتكەپ چىقىشقا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ياسىنجاننىڭ ئۆيى قەشقەر پەيزىۋاتتا بولۇپ، ئاتا-ئانىسى دېھقان ئىكەن. ئۇ كۈنى، ئۆيگە مېھمان كەلگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئوغلىنىڭ قولىغا چوكا ئېلىۋېلىپ ئويناۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلمىغان. كۈتمىگەندە، ياسىنجان يىقىلىپ چۈشۈپ، قولىدىكى چوكا ئاغزىغا كىرىپ كەتكەن. ھازىرغىچە ياسىنجاننىڭ داۋالىنىش خىراجىتى 140 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئۆيىدە ئارتۇق ئىقتىساد بولمىغاچقا، دوختۇر-سېسترالار 5000 يۈەندىن كۆپرەك ياردەم قىلغان، دوختۇرخانا بالىنىڭ ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەچ بالىسىغا قارىشىغا قوشۇلغان، جەمئىيەتتىكى ھەر سائە كىشىلىرىمۇ يېقىندىن ياردەم قىلغان.
بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت قولىنى ساڭگىلىتىپ، دەيدىغان گەپ بار. ئەمما، بالىلارغا كېلىۋاتقان بۇنداق كۈتۈلمىگەن بالا-قازالاردا ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ ئەمەس. شۇڭا، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارغا بالىلارغا ياخشى قاراشنى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ تۇغدۇرغۇچى ئامىللاردىن ۋاقتىدا ساقلىنىشنى چاقىرىق قىلىمىز!!! تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى كەڭ تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئىلتىماس قىلىمىز....
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
