
بىر دائىم سەبىي بالىلارنى ئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز، شۇنداق بولغانىكەن، ئالدى بىلەن بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان ئاتا-ئانىلار بۇ ئاق قەغەزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەيئىلەرنى سىزىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە. بىراق قىسمەن ئاتا-ئانىلار بۇ ئاق قەغەزگە نېمىلەرنى سىزىۋاتىدۇ؟ بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ بولغان ئائىلىدە ئۇلارغا قانداق ساۋاق بېرىۋاتىدۇ؟ ئەپسۇس، بىر قىسىم ئائىلىلەردىكى ناچار مۇھىت بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ تىل ئادىتى بالغا چوڭقۇر تەسىر بېرىدۇ. قىسمەن ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئالدىدا گەپ-سۆزدىكى مەدەنىيلىككە ئېتىبار بەرمەيدۇ، قوپال، سەت گەپلەرنى قىلىشنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، ھەتتا بالىلىرىنى سەت، قوپال ئىبارىلەر بىلەن دۈشكەلەيدۇ. بۇنداق تىلدىكى قوپاللىق خۇددى ۋىرۇستەك بالىلارنىڭ سەبىي دىلىنى زەھەرلەيدۇ. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئەگەر دائىم ئىناقسىزلىق كەيپىياتى داۋام ئەتسە، بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ جىسماني ۋە روھىي ساغلاملىقى ئېغىر دەرىجىدە نابۇت بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئائىلىدە بالىلار ئاسانلا تەبىئىي شوخلۇقلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش، ئارام ئېلىش، ئۆگىنىش، ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە قىمسەن ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە خىلمۇ خىل ناچار ئادەتلىرى ئادەتتىكى ئىشتەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ شۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرىنى مۆلچەرلەش قىيىن. بالىلار ئاتا-ئانىلاردىكى ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق، تازىلىققا ئېتىبار بەرمەسلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى ئاستا-ئاستا ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋالىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ ناچار ئادەتلىرى يەنىلا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئائىلىسىنى مەنبە قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نۆۋەتتە بالىلار دۇنياسىدا يامراۋاتقان چېكىملىككە، ئىچىملىككە، قىمارغا ... بېرىلىشتەك يامان ئادەتلەرنىڭ بىرىنچى مەنبەسى ئانىلارنىڭ يوغانچىلىق، يالغانچىلىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىللەتلىرى خۇددى ۋىرۇستەك سەبىيلەرنىڭ پاك قەلبىنى، ئاق قەغەزدەك ئىچكى دۇنياسىنى زەھەرلەپ نابۇت قىلىدىكەن.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : بەدەن تىلى ئارقىلىق بالىلارنى رىغىبەتلەندۈرۈش
- كېيىنكىسى : تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلار 20000 يۈەن ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
