
تونۇش: بۇ، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، تۇيۇقسىز ئەس- ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۈتۈن بەدەن تارتىشىش، ئېغىزىدىن كۆپۈك ئېقىش، چىشلىرى كىرىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.
پەرۋىش: بالىنىڭ كېسىلى تۇتۇپ تېخى ھوشىغا كەلمىگەن ھالەتتە، بالىنىڭ پۇت قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرمەسلىك، مۇمكىن قەدەر قوپاللىق قىلماي بېسىپ تۇرۇش، ئاغزىدىن چىققان كۆپۈكنى سۈرتۈپ تۇرۇش ئارقىلىق تىلىنى چاينىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بارماقتەك چوڭلۇقتىكى ياغاچقا ياغلىقنى يۆگەپ ئاغزىغا چىشلىتىپ قويۇش لازىم. چېكىسىنى ۋە بۇرۇن قانىتىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، بالىنىڭ تېزرەك ھوشىغا كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئېغىزنى چايقىۋېتىپ بىر قوشۇق ئانار شەربىتى، بىر قوشۇق بېھى شەربىتى قوشۇلغان قىزىق چاي ئىچۈرۈپ قويسا، بالىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، ئەسەبلىرىدىكى كېسەللىك تەسىرىنىڭ تېز يوقىلىشىغا پايدىسى بار.
يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك- ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، زىيادە چارچاش، روھىي جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن زىيادە شۇغۇللىنىپ چارچاپ كېتىش، زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىش، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش، قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش، ئېگىز تاملارغا چىقىش، دەريا ۋە كۆل بويلىرىغا بېرىش، ئوت ئەتراپىغا بېرىش، قورقۇتۇش، تىلىنى چىشلەپ زەخىملەندۈرۈپ قويۇشلاردىن ساقلىنىش لازىم. نورمال ھەرىكەت قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش، يېمەك -ئىچمەك تەركىبى ۋە تەرتىپىگە دىققەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش، نەپەس يوللىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
پەرھىز: تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە مايلىق ياكى زىيادە سوغۇق، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۆچكە، كالا ۋە ئات گۆشلىرىدىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان بالىلار
- كېيىنكىسى : يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى كىندىك ياللۇغى
بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلار ساغلاملىق سالونى خەۋىرى: سىز بوي ئېگىزلىكىنى چۈشۈنەمسىز؟ بوي ئېگىزلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. بويئېگىزلىكى ئۆسۈشتىكى ئ
بالىلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن قانداق يۇقۇملىنىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلاردا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى: 1.ئائىلىدە يۇقۇملىنىش. با
بۇ 10 خىل يېمەكلىك بالىڭىزغا كالتسىي تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ ئەلداۋادىن ئانىلار يېتەكچىسى: بالىڭىزدا كالتسىي كاممۇ؟ ئۇخلىمىقى تەسكە چۈشىۋاتامدۇ؟ دائىم ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى ئاغرىتىۋاتامدۇ؟ تاماققا ئى
تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل ب
ئۇماقلاردىكى سۈت چىشنىڭ رولىنى بىلىۋېلىڭ ئەلداۋادىن ھەر بىر ئاتا-ئانىلار سەمىگە: سۈت چىشى بالىلارنىڭ چايناش ئەزاسىنى تۈزگۈچى مۇھىم ئەزا بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال شەكىلل
