ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كورىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ھامىلدارنىڭ سۈيدۈكىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش-قويماسلىق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار بوشانغان 74ئايالنىڭ سۈيدۈك ئەۋرىشكىسىنى توپلاش ئارقىلىق 35ھامىلدارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن بوشانغانلىقىنى، ئۇنى قىزلارنىڭ سۈيدىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھامىلدارنىڭ سۈيدۈكىدىكى تورۇنگىن تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ%45 كە يەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ قۇرۇت ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، قىزلارنىڭ سۈيدۈك تەركىبىدە تورۇنگىن تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ئاران %0 21ئىكەنلىكىنى؛ ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سالامەتلىكىگە پايدىلىق باكتېرىيە ياكى زەمبۇرۇغنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى، بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئاياللارنىڭ سۈيدۈكىدە ئۆزگىچە ئىككى خىل باكتېرىيە بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئىككى خىل باكتېرىيىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلىدارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش قويماسلىقنى ئالدىن بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !