® Intel كەلگۈسى مائارىپ تۈرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ۋاقتى: 2012-05-11 / تۈرى: باغۋەنلەر مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 572 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

        

      ®Intel  كەلگۈسى مائارىپ تۈرى ئامېرىكا ئىنتىل شىركىتىنىڭ مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇ تۈر جۇڭگوغا 2000-يىلى 7-ئايدا كىرگەن. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا 2004-يىلى كىرگەن.

      1990-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكىنىڭ مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى، قانداق قىلغاندا  زامانىۋى تېخنىكىنى دەرسخانا پەن ئوقۇتۇشىغا ئۈنۈملۈك يۇغۇرىۋەتكىلى بولىدۇ دېگەن تېمىدا چوڭقۇر ئىزدەنگەن. بۇ جەرياندا دەسلەپتە ئىنتىل شىركىتى باشقا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ دەرسخانا ئوقۇتىشىدا تېخنىكا قوللىنىش مەسىلىسىدە قوللىغان. كېيىن تەتقىقات جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى يېڭىلاش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى سەرخىلاشتۇرۇش، مەسىلە ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ ئوقۇتۇش لايىھىسى تۈزۈش، ئوقۇغۇچىلاردا ئالىي تەپەككۈر ئىقتىدارى ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈشنى ئاساسى ئوقۇتۇش مەقسىدى قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن  يېڭى نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.1998-يىلى  ئىنتىل شىركىتىنىڭ بۇ تەربىيىلەش تۈرىگە 6 ئىشتاتتىكى 1200 ئوقۇتقۇچى قاتناشقان بولسا، 1999-يىلىغا كەلگەندە 9 ئىشتاتتىن 2400 ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەنگەن. 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 4300 ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەنگەن.

      تەربىيىلەش نەتىجىسىنى خۇلاىسلىگەندە: تەربىيىلەشكە قاتناشقان %97 ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ تەربىيىلىنىش جەريانىدا ئىگەللىگەن كۆپلىگەن يېڭى ماھارەتلىرىنىڭ ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەر بىلەن تېخنىكىنى  تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتقان.

      تەربىيىلەشكە قاتناشقان %94 ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئېرىشكەنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتە چوقۇم پايدىسى چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

      شۇنىڭ بىلەن، 2000-يىلى ئىنتىل شىركىتى بۇ تۈرنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىغان. شۇنىڭ بىلەن «  ® Intel  كەلگۈسى مائارىپى» دېگەن بۇ  تۈر مەيدانغا كەلگەن. ® Intel  كەلگۈسى مائارىپ تۈرى زور مىقداردىكى تەتقىقات ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ تۈرنى پىلانلاش ۋە تەتقىق قىلىشقا نۇرغۇن تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەر كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەيدۇ، ھەر يىلى تۈرنىڭ مەزمۇنى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەقسىز تەربىيىلىنىدۇ. 

      2011-يىلىغىچە پۈتۈن دۇنيا بويىچە 40 نەچچە دۆلەتتىن 13 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ تۈر بويىچە تەربىيىلىنىشتىن بەھرىمەن بولغان.

      ئىنتىل مۇنداق قارايدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان ماھارەتنى ئېگەللەش پۇرسىتىگە ئىگە بولىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ئىجادچانلىققا ئىگە يېڭى بىر ئەۋلات بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتىل شىركىتى توختىماستىن تىرىشىپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يەرلىكتىكى كىچىك مەكتەپلەردىن  تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان دائىرىدە، ئۇلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدى. ئۆتكەنكى 10 يىلدىلا(2000-2010) مۇشۇ تۈر ئۈچۈن بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ۋە ماددى بۇيۇم ئاجراتتى.

      جۇڭگوغا بۇ تۈر 2000-يىلى كىرگەن بولۇپ، ھازىر 31 ئۆلكە،شەھەر ۋە ئاپتونۇم رايۇننىڭ ھەممىسىدە بۇ تۈر يولغا قويۇلماقتا، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر جۇڭگودىلا بىر مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بۇ تۈردىن بەھرىمەن بولدى.

      ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا بۇ تۈر 2004-يىلى كىرگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 15 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بۇ تۈر بويىچە تەربىيىلەندى.  بۇ تۈرگە قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسى ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپ نىسبەتەن يۇقۇرى بولىدىغانلىقى ۋە تىل چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭدا خەنزۇ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ئاز ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا ئاساسەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار بۇ تۈر بويىچە تەربىيىلەندى.

      كەمىنە 2004-يىلىلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن مۇشۇ تۈر بويىچە مەملىكەتلىك تايانچ ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش تۈرىگە قاتناشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى بىردىن بىر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى(ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن جەمئىي 10 ئوقۇتقۇچى) بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ۋە ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسلىرىدا چامىمنىڭ يېتىشىچە مىللىي ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ بۇ تۈرنىڭ مەزمۇنى بويىچە دەرس سۆزلەشكە، مۇشۇ تۈرنىڭ روھىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشتىم. لېكىن دائىرىسى تارراق بولدى. بۇ بلوگنى ئاچقاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ تۈرنىڭ روھىدىن خەۋەر تېپىشى ۋە ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن، قولۇمدا بار پايدىلىنىش ماتېرىيالىنى كۆپچىلىكىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشنى لايىق تاپتىم. بىرىنچىدىن، خىزمەت ئالدىراش ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىمدىن؛ ئىككىنچىدىن، نۆۋەتتە قوش تىللىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلىۋاتقانلىقى ھەمدە كۆپ سانلىق تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ھېچ بولمىسا كۆرۈپ پايدىلىنالايدىغۇ دەپ ئويلاپ، خەنزۇچە يېزىق پېتى بەردىم. كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، ئەگەر يولۇققان مەسىلە بولسا ۋە باشقا سورايدىغان مەسىلە بولسا سورىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

      ۋاقىت ئېتىۋارى بىلەن بۇ يازمىدا، ئىنتىل كەلگۈسى مائارىپ تۈرىنىڭ كونكىرت مەزمۇنى يېزىلمىدى. كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ يەنە يېزىشىم مۈمكىن.

 بۇ قېتىم بىرنەچچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى بېرىلدى. توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.

动物与人类的关系.doc

走进密铺世界.doc

你能种个葫芦娃吗?.doc

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif