بابۇرنىڭ ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى

ۋاقتى: 2012-03-15 / تۈرى: تارىختىن سۆز / كۆرۈلۈشى: 975 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

     ”بابۇرنامە“ دە ئەلىشىر ناۋايىنى خېلى جىق يەردە  تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ بەگلىرى قاتارىدا تۇنۇشتۇرغاندا بىرقەدەر تەپسىلىي تۇنۇشتۇرغان. شۇ زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ناۋايىغا بولغان باھاسىنى ئۆز پېتى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن تۆۋەندە ”بابۇرنامە“ دىن بىر بۆلەك بەردۇق(318-319-320-بەتلەر).

       ”ئەلىشىر بەگ ناۋايى – بېگى ئەمەس، دوستى ئىدى(سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ دېمەكچى)، كىچىك ۋاقتىدا مەكتەپداش بولۇپ، ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەنىكەن. سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزى(سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ دادىسى)نىڭ ئۇنى نىمە گۇنا بىلەن ھىرىدىن(ھىراتتىن دېمەكچى) سۈرگۈن قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن.سەمەرقەنتكە باردى، ئۇ يەردە تۇرغان بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئەھمەد ھاجىبەگ ئۇنىڭغا مۇرەببى ۋە ھامىي بولدى. ئەلىشىر بەگ نازۇك مېجەزلىكى بىلەن مەشھۇردۇر. كىشىلەر ئۇنىڭ نازۇكلىقىنى دۆلىتىنىڭ غۇرۇرىدىن بولغان دەپ بىلىشەتتى، لېكىن ئۇنداق ئەمەس ئىكەن. بۇ ئۇنىڭ تۇغما سۈپىتى ئىكەن. سەمەرقەندتە تۇرغان ۋاقتىدىمۇ شۇنداق نازۇك مېجەز ئىكەن. ئەلىشىر بەگ تەڭدىشى يوق ئادەم ئىدى. تۈركىي تىلدا شۇنداق شېىرلارنى يېزىپتۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك كۆپ ھەم ياخشى يازغان ئەمەس. ئالتە مەسنەۋى كىتاپ نەزم قىلىپتۇ، بەشى «خەمسە» تەقلىدىدە تۈزۈلۈپتۇ، بىرى «مەنتىقۇتتەير» ۋەزنىدە تۈزۈلۈپ «لىسانۇتتەير» دەپ ئاتىلىپتۇ……….پارىسىي دىۋانمۇ تۈزۈپتۇ، پارىسىي نەزمىدە «فانى» تەخەللۇسىنى قوللىنىپتۇ. بەزى بېيىتلىرى يامان ئەمەس، لېكىن كۆپچىلىكى سۇس ھەم تۆۋەندۇر. مۇزىكىدا ياخشى نەرسىلەرنى يارىتىپتۇ. ياخشى ناخشا ۋە ياخشى پەشرەۋلەرى بار. ئىلىم ۋە ھۈنەر ئەھلى ئۈچۈن ئەلىشىر بەگكە يېتىدىغان مۇرەببى ۋە ھامىينىڭ بولغانلىقى مەلۇم ئەمەستۇر. سازدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستاد قۇل مۇھەممەت، شەيخى ۋە ھۆسەيىن ئۇدىلار  ئەلىشىر بەگنىڭ تەربىيىسى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا شۇقەدەر يۈكسىلىپ شۆھرەت قازاندى……پەرزەنتسىز، ئايالسىز، بۇ ئالەمدىن يالغۇز- يىگانە ئۆتتى. دەسلەپتە مۆھۈردار بولدى، ئارىلىقتا بەگ بولۇپ، ئاسترابادتا بىرقانچە ۋاقىت ھۆكۈمەت  ئۈستىدە بولدى. ئاخىرىدا سىپاھىيلىقىنى تەرك قىلدى. مىرزىدىن ھېچ نەرسە ئالمايتتى. بەلكى ھەر يىلى مىرزىغا نۇرغۇن مىقداردا مەبلەغ ھەدىيە قىلاتتى….“

       يۇقۇرىقىلاردىن باشقا شائىر بىنائنى تۇنۇشتۇرغاندىمۇ ناۋايى ھەققىدە توختالغان(337-338-بەتلەر):

       ”بىنائى – ھىرىلىقتۇر. غەزەللىرىدە رەڭ ھەم ھېسسىيات بار…..بۇرۇن مۇزىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەن ھەم  بۇ جەھەتتىن ئەلىشىر بەگ تەنە قىلار ئىكەندۇق….كېيىن تىرىشىپ مۇزىكىدا ياخشى كۈيلەر يارىتىپتۇ. ئەلىشىر بەگكە كۆپ ھۇجۇم قىلار ئىكەن….مىسالى شۇكى، بىر شاھمات ئولتۇرىشىدا ئەلىشىر بەگ پۇتىنى ئۇزاتقانىكەن، بىنائىنىڭ ساغرىسىغا تېگىپ كېتىپتۇ. ئەلىشىر بەگ چاقچاق قىلىپ: «بۇ نىمە بالا، ھىرىدا پۇتۇڭنى ئۇزاتساڭلا، چوقۇم بىر شائىرنىڭ ئارقىسىغا تېگىدىغان بولدى» دەپتۇ. بىنائى جاۋابەن:«ئەگەر يىغساڭ، يەنە بىر شائىرنىڭ ئارقىسىغا تېگىدۇ» دەپتۇ…. ئەلىشىر بەگ نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلغان ئىدى. بىر كىشى ھەرقانداق بىر ئىشتا بىر بەرسىنى ۋۇجۇدقا چىقارسا، ئۇنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن، ئۇنى «ئەلىشىرى» دەيتتى.“

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. بىپەرۋا
    2012/05/31 11:50:26

    ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇيغۇرلىقىدا شەك يوق، لېكىن ئەلىشىر ناۋايى ياشىغان زامانلاردا رۇس چوشقىلىرى ياۋايى ھالەتتە ياشىۋاتقان بولۇپ، تۈرك خەلقىنى ھازىرقىدەك بىرقانچە مىللەتكە پارچىلىۋېتىشكە قۇربى يەتمەيتتى. ئۆزبەكلا ئەمەس، قازاق، قىرغىز … قاتارلىقلارمۇ ئەلىشىر ناۋايىنى تالىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ھەممىمىزنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساقلا بولدى. بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش قىلىش ئارتۇقچە بىر ئىش. ئۆتمۈشىمىز ئستىدە باش قاتتۇرغاندىن، كەلگۈسىمىز ئۈستىدە باش قاتتۇرغىنىمىز ياخشى.

  2. قەيسەر
    2012/04/07 20:11:46

    ھەي سىلەرگا بىر ئىشنى دەي ئۇزبىكلەر ئەلشىر ناۋائىنى ئوزبىك دەپ ئىلان قىلىپ مىنى ئەندىشىگە سىلىپ قويدى . ناۋادا ئمكانىيەت بولسا بىزمۇ ئەلشىر ناۋائىنى ئويغور دەپ ماقالە ئىلان قىلساق بولاتتى . مەن قانداق ماقالە ئىلان قىلىشنې بىلەلمىدىم بىلگەن بولسام مەنمۇ ماقالە ئىلان قىلغان بوللاتتىم كۈپچىلىكتىن ياردەم سورايمەن .

    • بابۇرشاھ
      2012/04/07 23:14:36

      بۇ ھەقتە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ بىر ماقالىسىنى كۆرگەنلىكىم ئېسىمدە.كېيىن ئاتاغلىق جامائەت ئەربابى مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭمۇ ماقالە يازغانلىقى ئېسىمدە. بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ زۆرۈرۈيىتى يوق، نەسەپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر.ئېسىمدە قېلىشىچە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنىڭ غىياسىدىن بولۇپ كىچىك باخشى دەپ لەقىمى بارلىقى، ئەينى چاغدا باخشى دېگەن لەقەمنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا قوللانغانلىقىنى قەيت قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەپسۇس شۇ ژوزنالنى(شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژوزنىلىنىڭ 90-يىللىرىدىكى مەلۇم سانى) يۈتتۈرۈپ قويدۇم. ئۆزبېكلارنىڭ ناۋايى ھەزرەتلىرىنى بىزنىڭ دېيىشىدىمۇ مەلۇم ئاساس بار. ئۇلار پەقەت شۇ زاماندىكى تۈرك ئۇيغۇر ئاھالىسى كېيىن بىزگە قوشۇلۇپ ئۆزبېك دەپ ئاتالغانلا دېيەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تارىخ كىتاپلىرىدا 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزبېك دەپ ئاتالغان قەۋمنىڭ ماۋرائۇننەھىرگە شىمال تەرەپتىن كىرگەنلىكى ھەم ئىلگىرىكى شەھەرلەرنى موغۇللارغا ئوخشاش ۋەيران قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەسىلەن، «بابۇرنامە» دە ، پەرغانىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:«پەرغانە شەرق تەرىپى كاشىغەر بىلەن،غەربىي جەنۇب تەرىپى سەمەرقەند بىلەن، جەنۇب تەرىپى بەدەخشاننىڭ چېگرىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.شىمال تەرىپىدە گەرچە بۇرۇن ئالمالىخ(ھازىرقى ئىلى تەۋەسىدە)، ئالماتۇ ۋە ياڭى(ئوترار) قاتارلىق شەھەرلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھازىر موغۇل ۋە ئۆزبېكلەر تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان» دەيدۇ، يەنە مۇشۇ كىتاپتا ئەندجاننى تۇنۇشتۇرۇپ كېلىپ، «… ئاھالىسى تۈرك، شەھىرى ۋە بازىرىدا تۈركچە بىلمەيدىغان ئادەم يوق.خەلقنىڭ تىلى يېزىق تىلىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.مىرئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرى ھېرى(ھىرات)دا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ تىل بىلەن يېزىلغان….»دەيدۇ.ئۇندىن باشقا «بابۇرنامە» دە بابۇر باشتىن ئاخىر ئۆزبېكلەرنى كەلگۈندى
      ياتلار قاتارىدا كەمسىتىپ تەسۋىرلەيدۇ، دېمەك، شۇ چاغدىكى ماۋرائۇننەھىرنىڭ ئاھالىسى ھەرگىزمۇ ئۆزبېك دەپ ئاتالغان خەلق ئەمەس، بەلكى قاراخانىلار سۇلالىسىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان تۈركلەردۇر.تەكلىۋىم: سىز ئامال قىلىپ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ يۇقۇرىدا مەن دېگەن ماقالىسىنى تېپىپ ئوقۇپ چىڭسىڭىز يېتەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif