ئۇيغۇر تارىخىدىن ساۋات(3)–ئېتنىك مەنبەسى ۋە ياشىغان جايلىرى

ۋاقتى: 2012-04-03 / تۈرى: تارىختىن سۆز / كۆرۈلۈشى: 990 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك مەنبەسى ۋە ياشىغان جايلىرى

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك مەنبەسىنى بىر تەرەپتىن گوبىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ۋە تەڭرىتاغ ، ئالتاي، يەتتە سۇ بويلىرىدا ياشىغان يايلاق مىللەتلىرىگە ، يەنە بىر تەرەپتىن  تۇرپان ئويمانلىقى، تارىم ۋادىسى ۋە پامىر ئەتراپلىرىدا ياشىغان قەدىمقى دېھقان مىللەتلەرگىچە سۈرۈشتۈرۈش مۈمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تارىختا خاتىرىلەنگەنلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1) دى قەبىلىلىرى(تۈركىي قەبىلە)     2)ھۇنلار   3)دىڭلىڭلەر   4) ئوغۇزلار   5) ئۇيغۇرلار   6)تۆلەسلەر(قاڭقىللار)    7)ساكلار    8)ئارىيانلار    9)توخرىلار(ياۋچىلار)      10)ئۇيسۇنلار ۋە باشقىلار. بۇ يازمىدىن باشلاپ بۇ قەبىلە ۋە خەلقنى بىر قانچىگە بۆلۈپ تۇنۇشتۇرىمىز.

  1. دى قەبىلىلىرى:

    دى قەبىلىسى(تۈركىي قەبىلە) قەدىمقى زاماندا خۇاشيا قەبىلىسى بىلەن بىللە تارىخ سەھنىسىگە چىققان زور قەبىلە بولۇپ، شيا(مىلادىدىن بۇرۇنقى 2140-1711-يىللار)،  شاڭ(مىلادىدىن بۇرۇنقى 1711-1066-يىللار) ۋە غەربىي جوۋ سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 1066-770-يىللار)  دەۋرىدە ناھايىتى كۈچىيىپ زىمىن دائىرىسىنىمۇ كېڭەيتكەن ئىدى. خەنزۇچە ماتېرىيالدا خاتىرىلىنىشىچە، دى قەبىلىسى ئاساسەن گوبى چۆللۈكىنىڭ ئەتراپىدا، بولۇپمۇ ھازىرقى شىمالىي شەنشى، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېبىېي ئۆلكىلىرىدىكى تەيخاڭشەن، داچىڭشەن قاتارلىق تاغلارنى ئاساس قىلىپ ياشايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىران تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىلىشىچە، جۇڭگو تارىخىدا ”دى“ دەپ ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ تۈرك دەپ ئاتالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ھازىرقى موڭغۇل يايلاقلىرى، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدا ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنى ”تۇران“ دەپ ئاتالغانلىقى، بۇ نام تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ رېۋايەتلىرىدىكى ئەجدادى بولغان تۈر دېگەن ئادەمنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

    دېمەك، دى يەنى تۈركىي قەبىلىلىرى بۇ چاغدا 100 دىن ئارتۇق ئۇرۇقتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، شيا،شاڭ ۋە غەربىي جوۋ سۇلالىسى ھۆكۈم سۈرگەن بىر مىڭ تۆت يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە شەرقتە ھازىرقى شىمالىي جۇڭگو رايۇنىدىن غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىغىچە بولغان پايانسىز زېمىندا ياشىغان، جۇڭگو ۋە ئىران تارىخى ماتېرىياللىرىدا پەقەت ئۆزىگە يېقىن زېمىندىكى تۈركىي قەبىلىلەرنى بايان قىلغان، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار بىر تۇتاش قەبىلىلەردىن ئىبارەت.

    قەدىمقى جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدىكى دى قەبىلىسى ئۈچ چوڭ تارماققا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ”چى دى“(赤狄- قىزىل تۈرك)، ”بەي دى“(白狄- ئاق تۈرك) ۋە (众狄- توپ تۈرك) ياكى ”چىڭ دى“(青狄- كۆك تۈرك)  دەپ ئاتالغان. تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بۇ خىل ناملىرى ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن شامان دىنىدا كۆك، قىزىل، ئاق، قارا رەڭلەر شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال دېگەن تۆت تەرەپ ئۇقۇمىنى ئىپادىلەيتتى، شۇڭلاشقا قىزىل تۈركلەر ھازىرقى موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە تەيخاڭشەن تاغلىرىنىڭ ئەتراپىدا، ئاق تۈركلەر موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ غەربىي ۋە ھازىرقى شىمالىي شەنشى ئىگىزلىكىدە، توپ تۈركلەر بولسا يۇقۇرىقى ئۇرۇقلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ياشايتتى. ئىران تارىخى ماتېرىياللىرىدا بايان قىلىنغان تۇران رايۇنىدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. پەقەت ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ئاتا- بوۋىسى بولغان ئەفراسىياپ ناملىق بىر تارىخى شەخسنىڭ ئىران پادىشاھلىرى بىلەن قىلغان جەڭلىرى ۋە ئاخىرىدا ئىراننى قولغا كەلتۈرۈپ، پادىشاھلىق تەختىگە چىققانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.

    بۇ چاغدىكى تۈركلەر(دى قەبىلىلىرى) جىن بەگلىكىدىن ئايرىلىپ چىققان جاۋ، خەن، ۋېي بەگلىكلىرى بىلەن قويۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى قىلىپ تۇرغان.

    بۇ چاغدا ئۇلار باشلانغۇچ جامە تۈزۈمىدىن سىنىپىي جەمىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇلاردا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ناھايىتى راۋاجلانغانىدى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ھەر خىل تۆمۈر، كۈمۈش ۋە ئالتۇن قورال جابدۇقلارنى ئىشلىتەتتى.قىش كۈنلىرى تام ئۆيلەردە، ياز كۈنلىرى چېدىر ۋە كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇراتتى.ئۇلارنىڭ خۇاشىيا قەبىلىسىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، كىيىم كېچەك ۋە باشقا تەرەپلەردە خۇاشىيا قەبىلىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، موزى تەرىپىدىن يېزىلغان «گوڭمىڭ خاتىرىلىرى» دېگەن كىتاۋىدا جىن بەگلىكىنىڭ بېگى جىن ۋېنگۇاڭ(مىلادىدىن بۇرۇنقى 636-627-يىللار) دى قەبىلىسىنىڭ تېرە كىيىملىرىنى كەيگەنلىكى، ئۇلارنىڭ خەنجەرلىرىنى بېلىگە ئېسىپ دۆلەت باشقۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە چۇنچىيۇ دەۋرىدە تارالغان بىر رېۋايەتتە ، غەربىي جوۋ سۇلالىسىنى قۇرغان خۇاشىيا قەبىلىسى جوۋ ئۇرۇقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى دەنفۇ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 12-ئەسىر ئەتراپىدا ياشىغان) تۇنجى قېتىم دى قەبىلىسىنىڭ ئېتىغا ئېگە بولغانلىقى، خۇاشىيا قەبىلىسى ئات بېقىش ۋە ئاتقا مىنىشنى ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ئۆگەنگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ھازىرقى زاماننىڭ بەزى ئالىملىرى دى قەبىلىسىنىڭ ئات مىنىش تېخنىكىسى شىيا، شاڭ دەۋرىدە ئوتتۇرا جۇڭگو رايۇنىغا تارالغان دەيدۇ. يەنە ئۇرۇشتا ھارۋا ئىشلىتىش ئالدى بىلەن دى قەبىلىسىدە پەيدا بولغانلىقى، ئاتلىق قوشۇن تۈزۈشمۇ دەل مۇشۇ قەبىلىدە ئەڭ بالدۇر كېلىپ چىققانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تارىخىدىن ساۋات نامىدىكى يۈرۈشلۈك يازمىنىڭ مەنبەسى:  «تۈركىي تىللار دىۋانى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)،«قۇتادغۇ بىلىك»(مىللەتلەر نەشرىياتى)،«ئوغۇزنامە»(مىللەتلەر نەشرىياتى)،«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»(مىللەتلەر نەشرىياتى)، «ئۈچ پادىشالىق تەزكىرىسى—جىننامە، سۇڭننامە»(شىنجاڭ جەلق نەشرىياتى)، «بابۇرنامە»(مىللەتلەر نەشرىياتى)،«تارىخى رەشىدى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)،«تارىخى ھەمىدى»(مىللەتلەر نەشرىياتى)،«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)،«غۇرۇرنامە»(مىللەتلەر نەشرىياتى)،«<تۈركىي تىللار دىۋانى>دىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىماىي مەدەنىيىتىگە نەزەر»(مىللەتلەر نەشرىياتى)،«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە»(مىللەتلەر نەشرىياتى)،«شەجەرەئىي تۈرك»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)،«9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)،«قەشقەرىيە»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)،[ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)،«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق كىتاپلار.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif