مەن كىم؟(1)

ۋاقتى: 2012-11-16 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 521 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

ئىلاۋە:

ئالدىنقى «تۆمۈر تاۋاق چۈشى» تېمىدىكى يازمامدا ”مەن“ نىڭ دۆلەت مەمۇرلۇقى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەندىن كېيىنكى روھىي ھالىتى تۈپەيلىدىن ئائىلىسىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇشتەك ۋەقەنى يازغان ئىدىم. بۇندىن كېيىنكى يازمىلىرىمدا بۇ شەخىسنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ تىپىكلەشتۈرۈپ جەمئىيىتىمىزدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان، تۆمۈر تاۋاقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن تېخى پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن ھەم قۇتۇلغان بولسىمۇ تەپەككۇرى يەنىلا ئوزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا گاڭگىراش، تېڭىرقاش سەۋەبىدىن تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى، ئەگرى توقايلىقلىرىدا ئۆز ئورنىنى تاپالمايۋاتقان، ئۆز قىممىتىنى يارىتالمايۋاتقان، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تۇنۇپ يەتمىگەن، چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئۆز ئورنىنى توغرا قويالماسلىق سەۋەبىدىن چوڭ ئىشلار تۇگۈل كىچىك ئىشلارنىمۇ ياخشى قىلالمايدىغان بىر قىسىم ياشلىرىمىزنى ئىجابىي تەرەپكە يىتەكلەش مەقسىتىدە بۇ ياشنىڭ ئۆزىنى توغرا ئورۇنغا قويۇپ جەمئىيەتتىن بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىپ ئىشنى ئاددى ئىشلارنى ياخشى قىلىشتىن باشلاپ، روناق تېپىپ ئىگىلىك تىكلەپ ئۆز بىلىمىنى قىممەت يارىتىشقا، بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشقا يۈزلەندۈرۈش جەريانى يېزىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك راست ئادەم، راست ۋەقەلىكلەر بولسا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشىنى قىممەتلىك پىكىر تەلەپلىرىنى قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن دۆلەت مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان بەرمەيدىغان بولغاندىن كېيىن، ئۆز خىراجىتى بىلەن مېھمانخانا سېلىپ رېستۇران، 3-دەرىجىلىك مېھمانخانا ئاچقان تاغامنىڭ مېھمانخانىسىدا ئىشلەش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. مەن مېھمان كۈتۈش زالىدىكى مېھمانلارغا مېھمان سارايدا يېتىش ۋە ياتاقتىن چىقىش تالونى كېسىش ئورنىدا ئىشقا چۈشتۈم. مېنىڭ ئورنۇمدا ئىشلەيدىغان يىگىت مېھمانلارنىڭ يۈك تاقىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قويۇلدى. بۇ يەردىكى مۇلازىملارنىڭ كۆزى يۇشۇرۇن مەندە ئىدى. ئۆزەمچە بۇ ئىشلارنى چوڭ بىلمىگىنىم بىلەن …

بىكىتكەن مائاشىممۇ بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا تۆۋەنمۇ ئەمەس ئىدى.

ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنى:

تالون كەسكەنسېرى نېرۋام جىددىيلىشىپ قولۇم ئاستا ئىدى. ئىشىم بەكلا ئاستا ئىدى. ئۆرە تۇرغاچقا پۇتلىرىم سىقىراپ ئاغرىيتتى. يا تېلېفون كەلسە ئالالمايتتىم. ئۇچۇرلىرىمنى قايتۇرالمايتتىم. قاچان ئىشتىن چۈشىمىز دەپ ئەتراپىمدىكىلەردىن سورايتتىم. ئۇلار بىر–بىرىگە قارىشىپ قوياتتى.

ئىشقا چۈشكەن ئۈچىنچى كۈنى :

بۇ يەر ماڭا زادىلا ئەپلەشمەيۋاتاتتى. بىر كۈن بىر كۈن ئورنۇمدا ئۆرە تۇرۇپ مېھمانلارغا «خۇش كەپسىز، قانداق مۇلازىمەت كېرەك؟ بۇ خىلدىكى باھالىق ياتاقلار سىزگە مۇۋاپىق كېلىشى مۈمكىن…» دېيىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۈشكۈل ئىش ئىدى. ھېرىپ چارچاپ كەتكىنىمنى ئاز دەپ بىرە ساۋاقدېشىم ياكى تونۇش بىلىشلەرنىڭ تالون كېسىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ قېلىشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيتتىم. خۇدۈكسىرەش دېلىغۇللۇق كەيپىياتى مېنى قىينايتتى. ئۇنداق مۇلازىمەت سۆزلىرىنى قىلىش مېنىڭ خارەكتېرىمگە ماس كەلمەيتتى.

مانا مۇشۇنداق قىيىن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزگىلى بىر ھەپتە بولۇپمۇ قاپتۇ… ئۈچ يىلدىن بىرى خالىسام كىتاب كۆرۈپ، خالىسام تورغا چىقىپ، خوش ياقسا بازا چۆگىلەپ، خوش ياقمىسا ھوجرا ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى تاقاپلا ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن ئىدىم. مانا ئەمدى ئۇ كۇنلىرىم ئالدىراشلىققا ئالماشقان بولغاچقا ئىچىم تىتىلدايتتى. بەزىدە كەلگەن مېھمانلارغا قەستەن قارىمىغاچقا ئۇلار ئامال يوق يېنىمدىكى باشقا مۇلازىملار ئارقىلىق رەسمىيىتىنى بىجىرەتتى.

تاغام شاپ بۇرۇتىنى مىدىرلىتىپ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئىنتايىن جىددى تەلەپپۇزدا: -قايسىڭلار كۇندىلىك تالوننىڭ جەملەنگەن خولاسىسىنى چىقارمىدىڭلار؟ شۇ ئارىدا ئىش باشقۇرغۇچىمۇ پەيدا بولدى. يېنىمدىكى ئىككى مۇلازىم جەملەپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىشتى. ھەممىسى تەڭلا ماڭا قاراشقان ئىدى. تاغام ئىش باشقۇرغۇچىدىن:

- سىز ئېيتمىغانمۇ؟ دەپ سورىدى.

-ئېيتقانتىم ھاجىكا….

كاللامدا لىپ قىلىپ يېڭى ئىشقا چۈشكەن كۈنى ئوغۇرلۇقچە قىز دوستۇمغا ئۇچۇر يوللاۋاتقاندا ماڭا بىر نېمىلەرنى دىگىنى ئېسىمگە كەلدى.

تاغام مېنى سىرتقا چاقىرىپ :

-سەن بۈگۈندىن باشلاپ 3-قەۋەتتىكى ياتاق مۇلازىمىتىگە يۆتكەلدىڭ، ياتاقنى قانداق تازىلاشنى مېھمانلارغا قانداق مۇلازىمەت قىلىشنى ئىش باشقۇرغۇچى ساڭا ئۆگىتىپ قويسۇن! :-دېدى.

كۆزۈمدىن نارازىلىق ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى. ئىچىمدە: «ھىم بولدى يېتەر، بىر ئالىي مەكتەپنى پۇتتۈرۈپ بۇ يەردە ئىشلىگەندىكىن ئۆزۈمگىمۇ ئاز.» دەپ ئويلىدىم-دە، كۈتۈش زالىغا كىرىپ نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇردۇم-دە، سىرتقا قاراپ ماڭدىم. ئىشداشلىرىم ھەم تاغام ئسمىمنى چاقىرغان بولسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مېھمانخانىدا ئىشلەپ بېرىشمۇ تاغامنىڭ ئامىتى ئىدى. ئەمدىلىكتە مېھمانلارنىڭ ياتىقىغا تازىلىق ئىشچىسىنىڭ ئىشىغا قويغىنىنى قارا……

شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ تاغامنى ئۆيدىكىلەرگە تازا داتلاپ بېرىشكىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. ئۆ-ئۆزەمگە:-خەپ توختاپ تۇرسۇن مەن دېگەن كىم؟…. تاغام ھەم باشقىلارغا ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى بىر تونۇتۇپ قويمايدىغان بولسام………

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif