يېڭى يىلدا تۇغۇلغان ھېسلار

ۋاقتى: 2011-12-31 / تۈرى: خاتىرىلەر / كۆرۈلۈشى: 748 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

بابۇرشاھدىن يېڭى يىللىق سالام!

ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن ھەممىمىزنىڭ يېڭى يىلىمىزغا مۇبارەك بولغاي!

    مەيلى قانچىلىك بولسۇن ئېنىقكى، ھەممىز بۇ بىر يىلدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. تىجارىتىمىز روناق تېپىپ كۆپ پۇل تاپقان بولۇشىمىز مۈمكىن، دەرىجىمىز ئۆسكەن بولۇشى مۈمكىن، ئۇنۋان ئالغان بولۇشىمىز مۈمكىن، يەردىن مول ھوسۇل ئالغان بولۇشىمىز مۈمكىن.بەلكىم بۇنىڭ ئەكسىچە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولۇشىمىز مۈمكىن. نىمىلا بولسۇن، يىل ئاخىرى ھەممىمىز يىللىق خىزمىتىمىزدىن جاۋاپ بېرىدىغانلارغا جاۋاپ بېرىپ بولدۇق. ئەمما ھېسابنى كۆپرەك ئىشنىڭ نەتىجىسى بىلەن بېرىشكە ئادەتلىنىپ كەتتۇق. ئاشۇ نەتىجە قانداق روياپقا چىقتى؟ شۇ جەرياندىكى ئوي-پىكىر ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز ۋىجدانىمىز ئالدىدا ، ئادىمىيلىكىمىز ئالدىدا ئەڭ مۇھىمى ئىمانىمىز ئالدىدا جاۋاب بېرەلەمدۇ يوق؟ كىشىنىڭ ئالدىدا تىلىمىز قىسىلماي، يۈزىمىز قىزارماي ھالال ياشىدۇقمۇ؟ ھەئە ، دېيەلىسەك بۇ بىر يىل بىز  ئۈچۈن قۇتلۇق يىل، بەرىكەتلىك يىل بولىدۇ. ناۋادا  بىر بۇردا نان ئۈچۈن، پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن ئادىمىيلىكىمىزنى پايخان قىلىپ ۋىجدانىمىزنى ساتقان بولساق ئېرىشكىنىمىز نېمىگە ھېساب؟بۇنى بەندە بىلىپ بولماس.

    بەلكىم نەتىجە ،مەنپەئەت كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ئۆز ئېتىقادىمىز ۋە غايىمىز ئۈچۈن ئاتالمىش ئاسان يولدا ماڭماي، ئەگرى توقاي جاپا-مۇشاقەتلەرنى يېڭىپ ھالال تەر ئارقىلىق نەتىجە ياراتقان بولىشىمىز مۈمكىن، بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەتىجىدۇر.نەتىجە ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما جەريان تېخىمۇ مۇھىم.

    ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم مۇشۇلاردا  ئۈلگە بولالىساق، ئۆز ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى تەربىيىلىيەلىسەك، ئۇ ھالدا كىشىلەر ”موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما“ دېمەستىن، “ موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنىمۇ قىل“ دەيدىغان بولىدۇ.

    ئوقۇتقۇچى دېگەن نىمە؟ مائارىپ دېگەن نىمە؟ ھەقىقى ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ زادى قانداق بولۇشى كېرەك؟ بۇ ئۆز خەلقىنىڭ غېىمنى يەيدىغان ھەر بىر  كىشى ئۈچۈن ئويلانمىسا بولمايدىغان مەسىلە! ئوبدان ئويلانساق بۇ بىر چوڭ تېما شۇنداقلا ھەم كىچىك تېما. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، ئەسلى مەنىسىدىن ئېيتقاندا مائارىپ ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئىش ئەمەس ئىدى، مەيلى قايسى ماكان ياكى زاماندا بولسۇن، بىزنىڭچە مائارىپنىڭ مەقسىدى ”ئادەمنى ئادەمدەك ياشاش ئىقتىدارى“غا ئېگە قىلىشتىن ئىبارەت.

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. fghrty1
    2012/01/05 13:55:30

    يازمىلىرىڭىزغا بارىكاللا ! مائارىپنىڭ مەخسىدى بىراۋنى مەلۇم بىر مەنپەئەت ئۈچۈن قۇربان قىلىش بولماستىن بەلكى شۇ تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىش ،ئۇنىڭ ئىنساندەك ياشىشىغا ئاساس سېلىش بولىشى كېرەك .ئاندىن ئۇ مائارىپ بولدۇ ،بولمىسا …..

    • بابۇرشاھ
      2012/01/07 10:44:36

      بلوگىمىزغا دىققەت قىلغىنىڭىزغا رەھمەت! يەنە داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif