裸报، 裸实习 ، 裸学 ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچىدە نىمە دەيمىز؟
تۈنۈگۈن بىر ماقالىنى كۆرۈش جەريانىدا 裸学 دېگەن يېڭى ئاتالغۇ ئۇچرىدى، تەرجىمىسى توغرۇلۇق خېلى باش قاتۇرۇشقا توغرا كەلدى. قارىسام ئالدىنقى يازمىمىزدا دېگەن 2011- يىللىق مائارىپ ساھەسىگە چېتىشلىق 39 يېڭى ئاتالغۇنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەنىسى بىر قەدەر يېقىن يۇقۇرىدىكى ئۈچ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەناسى ئۈستىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى: 1. 裸报 بۇ ئاتالغۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تولۇق تەييارلىق قىلماي تۇرۇپ، ئاسپرانتلىق ئىمتىھانغا تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى كۆرسىتىدىكەن. 2. 裸学 ئەمەلدارلارنىڭ ئەمىلىدىن ۋە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ، كۇرسقا قاتنىشىپ ئۆگىنىشىنى كۆرسىتىدىكەن. 3. 裸实习 كەسپىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخى بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئالماي ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خېيىم-خەتەر مەسئۇلىيەت كاپالىتى ئېنىق بولمىغان شارائىتتا پىراكتىكىغا قاتنىشىشنى كۆرسىتىدىكەن.
يۇقۇرىقىلاردىن باشقا يەنە 裸课 裸婚 裸官 裸奔 قاتارلىق ئاتالغۇمۇ بار ئىكەن. بۇ ئاتالغۇلارمۇ يېڭى چىققان بولغاچقا، بەزىلىرىنى ھەتتا خەنزۇلارمۇ بىلمەيدىكەن. يۇقۇرىدىكى ئاتالغۇلاردىكى 裸 نىڭ مەنىسى كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك،“يالىڭاچ ، ئوچۇق، ئاشكارا“ دېگەن مانالىرى بار. ئۇنداقتا يۇقۇرىدىكەرنى ئۇيغۇرچىدىكى يالىڭاچ مەناسى بىلەن ئۇدۇللا ئالساق تازا ماسلاشمايدۇ. ئەمدى بىز مۇشۇ سۆز ئىپادىلىۋاتقان مەنا ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىگە قاراپ تىلىمىزدىكى سۆزلەردىن تاپساق بولىدۇ. قېنى كۆپچىلىك نىمە دەپ ئالساق بولار؟ تەكلىپ بەرسەڭلار.
2012/05/31 00:19:13
ناھىيىتى ئەھمىيەتلىك بىز يازما يېزىپسىز ، 裸 خىتىنىڭ ئىشلىتىشى ناھايىتىمۇ كەڭ بولۇۋاتقان ئىدى …
裸婚时代
2012/05/31 10:54:10
بۈگۈن مۇشۇ ئاتالغۇلار ھەققىدىكى يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. سىز دېگەندەك 裸 خېتىنىڭ ئىشلىتىلىشى كېڭىيىۋېتىپتۇ. لېكىن ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشىمىغان مەنانى ئىپادىلەيدىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرچىدا ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق جايىغا چۈشمەيدۇ. مەسىلەن سىز دېگەن 裸婚 نى ئالساق، بۇ ھېچقانداق تەييارلىقسىز، مەسىلەن ئۆي، مۈلۈك ،توي ئۈزۈكىمۇ يوق، ھەتتا توي مۇراسسىمىمۇ ئۆتكۈزمەي توي خېتى ئېلىپلا جۈپ بولىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ھادىسىە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئىلگىرى يوق ئىدى، شۇڭا بۇنى نىمە دەپ ئېلىش كېرەك؟ بۇنىڭغا بەلكىم دېھقانلىرىمىز ياكى جەمىيەتتىكى كىشىلەر ياخشى نام قويالىشى مۈمكىن، چۈنكى ئۇلار تىلغا باي. بىز بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق يېڭى سۆزلەرنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلماي، شۇ ۋەقە ياكى ھادىسىنى ئۆرپ-ئادىتىمىز ۋە تىلىمىزنىڭ قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ باشقىدىن نام قويساق تامامەن بولىدۇ. يەنە ئىزدىنىپ باقايلى!!!