ئىدراك بىلەن ھېسسىياتنىڭ توقۇنۇشى

ۋاقتى: 2012-04-25 / تۈرى: خاتىرىلەر / كۆرۈلۈشى: 712 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

  ھېسسىيات 

    “ ئىدراك تەبىئىي ھەۋەسلەرگە ھەرقانداق جەھەتتە يول قويۇشنى كەسكىن رەت قىلىدۇ.“
    ”مەجبۇرىيەت-نوقۇل ھالدا ئەخلاقىي مىزانلارغا ھۆرمەت قىلماسلىققا بولمايدۇ دەيدىغان نۇقتىنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.
    ئىنساندا ئىدراك بولۇپلا قالماستىن، يەنە تەبىئىي ھەۋەس ۋە تەلەپمۇ بولىدۇ. ئۇ تەلەپ ۋە ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى قاندۇرىلىدىغان بولسا ئۇ ئادەم بەختلىك دەپ ئاتىلىدۇ. ئاشۇ تەبىئىي ھەۋەسلەر، كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈنۈش جەھەتتە ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك بىلىنىدىغان تەلەپلىرى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك دەپ جاكارلايدۇ. ۋەھالەنكى، ئىدراك بولسا ئۇلارنىڭ رولىغا ھەرقانداق جەھەتتە يول قويۇشنى كەسكىن رەت قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى مەنسىتمەيدۇ، شۇنداق قىلىپ نەتىجىدە مۇقەررەر ھالدا زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھەۋەس بۇنداق قاتتىق مەجبۇرىيەت مىزانىغا قارشى چىقىدۇ، ئۇنداق قانۇنىيەتلەرنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلىنىدۇ، ئەڭ كېمىدە ئۇنىڭ نوقۇللۇقلىقىغا ۋە جىددىيلىكىگە گۇمانىي قاراشتا بولىدۇ.
    بۇ ئالەمدە ھەقىقىي دوست بولمىغان بولسا كېرەك، لېكىن كىشىلەر ھامان شەخسىيەتسىز دوستلۇقنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى مەجبۇرىيەت ۋە ساپ دوستلۇق بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ، ئۇ تۇغما، بارلىق تەجرىبىلەردىن ئىلگىرى بولغانلىقى بىلەن ئىرادە ھەركىتىنى بەلگىلەيدىغان ئىدراكىي قاراشقا مەنسۇپ بولىدۇ.
    ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش بىر خىل مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ھەر بىر ئادەمدە مۇشۇنداق ھەۋەس بولغانلىقتىن ھەمدە ئادەتتىكى ئەھۋالدا شۇنىڭغا پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلگەنلىكتىن، كىشىلەر ھاياتىنى ساقلاشقا ئېھتىيات بىلەن ئاسراش پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ. بۇنداق قىلىشمۇ ھاياتنى ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار رېئايە قىلىدىغان مىزاننىڭمۇ ھېچقانداق ئەخلاقىي ئەھمىيىتى بولمايدۇ.“
    يۇقۇرىدىكىسى گېرمانىيىلىك پەيلاسوف كانتنىڭ نۇقتىئىينەزىرى بولۇپ، بۇنى ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز بۇ يىل قىشتا خوتەنگە بارغاندا ئاڭلىغان بىر ھېكايە ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئەسلىدە ئۇ ھېكايىنى «دادىسى بەرگەن 7000 سوم» دېگەن تېمىدا بىر نەرسە يازاي دېگەن ئىدىم، تازا ئىلھام كەلمىگەچكە تاشلىنىپ قالغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئاڭلىغىنىمنى يۇقۇرىدىكى پىكىر بىلەن باغلاپ بىر نىمە دەپ باققۇم كەلدى.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاشتېشى سودىسىنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خوتەن ناھىيىسىدىن بىر دېھقان يىگىتتە قاشتېشى سودىسىغا ھەۋەس تۇغۇلىدۇ، دادىسىنىڭ بىز دېھقان كىشى يەنىلا دېھقانچىلىقىمىزنى قىلغىنىمىز تۈزۈك دەپ قىلغان نەسىھەتلىرىگە ئۇنىماي ، خەق تاپقان پۇلنى بىز نىمىشقا تاپالمايمىز دېگەن ھەۋەس ۋە بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىش ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە قاش تېشى سودىسى قىلىشتا چىڭ تۇرىۋالىدۇ. دادىسى ئامالسىز ئۆيىدىكى بارى-يوق 7000 سومنى دەسمىي قىلىپ بېرىپ، ئادىل سودا قىلىپ ھالال پۇل تېپىشنى جېكىلەپ يولغا سالىدۇ. دەسلىۋىدە دادىسىنىڭ گېپى بويىچە سودىنى كىچىكىدىن باشلاپ، ئاز تاپسىمۇ شۈكۈر قىلىپ بىر يىلگە قالماي خېلى پۇللۇق بولۇپ قالىدۇ. قولىغا ئازراق پۇل كىرگەندىن كېيىن ھەر خىل ھەۋەس تۇغۇلۇشقا باشلايدۇ-دە، سودىنى چوڭايتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ۋە ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە بارىدۇ. نەچچە قېتىملىق سودىدا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بىراقلا نۇرغۇن پۇلنىڭ ئېگىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇ بۇنچىۋالا پۇلنى چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭدا تاپتىن چىققان ھەۋەس پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك كېلىۋاتقاندەك، كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ ئالقىنىدىكى نەرسىدەك بىلىنىشكە باشلايدۇ: بارغانلا شەھەردىن ئۆي ئېلىپ، خوتۇننىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالىدۇ؛ ئولتۇرىشى مىليون سوملۇق ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىغا ئايلىنىدۇ؛ پۇلنى بۇزۇپ چېچىپ خالىغانچە خەجلەيدۇ، ھەتتا ھەددىدىن ئېشىپ شۇ دەرىجىگە بارىدۇكى، خوتەندە تۇرۇپ كۆڭلى ئۈرۈمچىدىكى بىرەر تېز تاماقخانىنىڭ غىزاسىغا تارتىپ قالسا، ئاتايىن ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىر ۋاق تاماقنى يەپ بولۇپ يەنە ئايرۇپىلان بىلەن خوتەنگە قايتىپ كېتىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بەزىدە تاماشا ئۈچۈن ئۆزى دوستلىرى بىلەن ئايرۇپىلاندا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ياللىۋالغان شوپۇرىغا ماشىنىسىنى ھەيدىتىپ ئۈرۈمچىگە ئەكەلدۈرۈپ، بىرەر-ئىككى كۈننى ئەيش-ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەنە ماشىنىسىنى شوپۇرغا ھەيدىتىپ، ئۆزى ئايرۇپىلان بىلەن قايتىدۇ. ئائىلىسىنىڭ ھېچنىمىسى بىلەن كارى بولمايدىغان ھالغا يېتىدۇ. كېيىن قىمارغا ئۆگىنىپ قالىدۇ-دە تەدرىجى ۋەيران بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. ئاخىرى ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش ۋە قىمارنىڭ بەدىلىگە، ئۆزى تاپقان نەچچە مىليون پۇلنى سورۇپ تۈگىتىۋېتىدۇ. ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئەڭ ئاخىرى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا يەنى دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىدىغان چاغدا، ئۆزىنىڭ شۇنچە ۋاقىت يىغقان مال مۈلكىنى تېرىپ تۆشەپ جەملىسە، قولىدا دەل 7000 سوم قالىدۇ.
    بەلكىم بۇنداق ھېكايە يەنە بولىشى مۈمكىن، بىزنى قىزىقتۇرىدىغىنى كىشى خاتالىقىنى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يولغا ماڭىدىغانلىقى!
    يۇقۇرىدىكى كانتنىڭ دېگىنى بويىچە بولغاندا، ھەۋەس بىلەن ئىدراك ئوتتۇىرىسىدا مەڭگۈ زىددىيەت بولىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ زىددىيەتنى قانداق بېسىقتۇرۇش كېرەك دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ھەۋەس ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، يۇقۇرىدىكى تاشچىنىڭ پاجىئەسى كېلىپ چىقىدۇ، ناۋادا ئىدراك بەك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە بەلكىم روھىيەتكە تەسىر يېتىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ئىزدەيمىز؟ بىزگە نۆۋەتتە ئىدراك بەكرەك زۆرۈرمۇ ياكى ھەۋەسمۇ؟

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif