تۆمۈر تاۋاق چۈشى

ۋاقتى: 2012-11-16 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 656 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

ئىلاۋە

    ئاپتور ئالدىنقى يىلى ئىلقۇت بلوگىدا ”تۆمۈر تاۋاق چۈشى “،مەن كىم “ تېمىدا ئىككى پارچە مىكرو ھىكايە يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنىىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى .بۇ قېتىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن “مەن كىم “تېمسىدىكى بۇ ھىكايىنىڭ داۋامىنى داۋاملىق ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش بىلەن بىرگە“ مەن“دىن ئىبارەت بۇ شەخسنىڭ ئۆزىنى تېپىش جەريانىنى كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە ئىزدىنىشى ،يىتەكلىشىى، تەتقىق قىلىپ ھاياتلىق مۇساپىسىنى يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە  بۇ ئەسەرنى داۋاملىق ئېلان قىلماقچى بولدۇق. شۇ سەۋەپلىك ئىلقۇت بلوگىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئالدىنقى يازمىلار مەزكۇر بلوگىمىزغا يوتكەپ كىلىندى .داۋامى داۋاملىق يېزىلغۇسى.

.

تۆمۈر قاچا… تۆمۈر قاچا.

ئۇف… ئەسلى چۈشۈمكەندە ….

تىپىرلاپ ئويغۇنۇپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدىم. چۈشۈمدە ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنا دېگۈدەكمەن. لىفىتتىن بىراقلا تۆمۈر قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالغۇدەكمەن. ….

ئاپامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

-بۇ بالا يەنە جۆيلىگىلى تۇردى دېسە….

-دادىسى….-بۇ قېتىم چوقۇم پۇل خەجلەيلى. قانچە پۇل كەتسە مەيلى … بولمىسا تايىنلىق تۆمۈر قاچىنى پۇلغا سېتىۋالايلى….ئاڭلاۋاتاملا…….

مېنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقىغا ئىمتىھان بېرىۋاتقىنىمغا 3 يىل بولغان ئىدى. ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا پەقەت بىر نەچچە نۇمۇرۇملا كەملەپ قېلىۋاتاتتى. شۇ تاپتىكى خىيالىم يېقىندىن بۇيانقى روھىي ھالىتىمگە تۇتاشتى. ئاچچىق ھەم تاتلىق خىياللار ئىچىدە تەشۋىشلىنىدىغان، ئىچىم تىتىلداپ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئارزۇ ئارمانلىرىمنى خىرەلەشتۈرمەكتە ئىدى. پەقەت روھىي ئېلاستىكىلىقىم تۈپەيلى گاھىدا شىرىن خىيال كۈچىدىن ئۇزۇق تاپاتتىم…

تېلېفون، تورلاردىن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلەر كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇ ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە «كىتاپ خالتىسى» دەپ نامى بار بىز ئانچە كۆزگە ئىلمايدىغان، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى مەدىكاردەك قارا ئىش قىلىپ، پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغالىرى توغرىسىدا … خەۋەرلەر ئاجايىپ ئىدى.

-ھازىر ئانداق پۇل تېپىپتۇ… مانداق پۇل تېپىپتۇ… مانداق يەردا ئىشلەپتۇ… پالانى ساۋاقدېشىمىز كارخانىدا مال زاكاز قىلغۇچىكەنتۇق ھازىر ئەستايىدىللىقىدىن باشلىقىغا ياراپ قېلىپ كاتىپلىققا ئۆستۈرۈلۈپتۇ… پۇستانى ساۋاقدېشىمىز شىركەت ئالدىدا ئېلان قەغىزى تارقىتىشتىن پىلان لايىھەلەش بۆلىمىگە يۆتكىلىپتۇ دېگەندەك يېڭى خەۋەرلەرنى پات-پاتلا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدۇق…

    

  بۇ ئۆيدە كۈنلىرىم ئىمتىھان خەۋىرىنى كۈتۈش، يەنە كېلەر قېتىملىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كىتاپ كۆرۈش، ئۆيدىكىلەر بىلەن پسىخىك جېڭى قىلىش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى. گاھىدا خىيالغا غەرق بولسام، گاھىدا بىنانىڭ ئەڭ ئۈستى قەۋىتىگە چىقىپ، بارلىق ئاۋازىم بىلەن «تۆمۈر تاۋاق!»….«تۆمۈر تاۋاق!»….دەپ توۋلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم..

مانا چۈشلىرىمدىمۇ «تۆمۈر تاۋاق!»… ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئولتۇرسا قوپسا دەيدىغىنىمۇ شۇ سۆز…

مېنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرىقى 1080 كۈنۈم، 25920 سائەت ۋاقتىم، 1555200 مىنۇتۇم، 93312000 سكونت…. دەقىقە ۋاقتىم پۈتۈنلەي تۆمۈر تاۋاقنىڭ زەنجىر كىشەنلىرىگە چىرمىشىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ «تۆمۈر تاۋاق» مەن ئۈچۈن ئەمدى مەۋھۇم نەرسە سۈپىتىدا خىرەلەشمەكتە ئىدى.

ئاھ… خۇدا … ئۈچ يىلدىن بېرى يوقاتقان نەرسەم نېمىدۇ؟….. ئۆز-ئۆزۈمگە نېمە ئۈچۈن دېگەن سۇئاللارنى ياغدۇرۇشقا باشلىدىم.

مانا «تۆمۈر تاۋاق!»…. «تۆمۈر تاۋاق!»…. بۇ ئاۋازىم بىلەن ئەمدىلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقان ئۆيدىكىلار ھوجرامغا يۈگۈرۈپ كىرىشتى… ئۇلار نېمە دېيىشىنى نېمە قىلارىنى بىلمەي داڭ قېتىپ قېلىشقان ئىدى. چۈنكى مەن شىرە ئۈستىدىكى ئىستاكاننى يەرگە ئېتىپ سۇندۇرغان ئىدىم. ئاپامنىڭ يىغلاپ قۇچاقلىشى بىلەن ئارىدىكى جىمجىتلىق بۇزۇلدى….

-جېنىم بالام….! -بولدى… بولدى… ئەمدى «تۆمۈر تاۋاق» ئىمتىھانىغا زورلىمايمىز….كۆڭلۈڭ خالىغان يەردە ئىشلە جېنىم بالام … بولدى… چېقىلسۇن ئىستاكان بىلەن تەڭ «تۆمۈر تاۋاق.

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif