تېڭىرقىغان سېغىنىش

ۋاقتى: 2011-11-08 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 613 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

ئۈرۈمچىنىڭ ئىس تۈتەك باسقان كەچ كۈز ياكى زىمىستان قىش پەسلىنى كۆرگەنمۇسىز ؟ئەگەر كۆرگەنلەر بولسا بۇ سۆزنى بۇنداق تەسۋىرلىشىمنىڭ تېگىدىكى ئويۇمنى سەل چۈشەنگەن بولۇشى مۈمكىن .

  مانا مەن شۇ تاپتا كۈندىكىگە ئوخشاش ئىشتىن چۈشۈپ قىم-قىم ئادەملەر توپى ئىچىدە قىستىلىپ ئاپتوۋۇزغا چىقىۋاتىمەن. ماشىنىلاردىن چىققان ئاچچىق گاز پۇرىقى، توسۇلۇپ قېلىپ ئالدىغا ماڭالماي توختاپ كەتكەن سانجاق –سانجاق ئاپتوۋۇزلار، ئاچچىق ئىزغىرىن شامال بىرلىشىپ ئادەمنى شۇنچىلىك بىئارام قىلىدۇكى ئاپتوۋۇزغا چىققاندىن كېيىنكى مەنزىرىنى دىمىسەممۇ چۇقۇم پەرەز قىلىپ بولدىڭىز. قىستاڭچىلىق ،قولىدا تۇتۇۋالغۇدەك بىرە تۆمۈر جازا ئىزدەش تولىمۇ مۈشكۈل. باشقىلارنىڭ بەدىنىگە يېپىشىپ تۇرغاچقا، تېنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھىد، ھەر خىل چۈشكۈرۈشلەر، ئالىيىپ قاراشلار، بۇنداق چاغدا بىرەيلەننىڭ پۇتىغا دەسسىۋېلىپ ئەپۇ سورىسىڭىزمۇ سىزگە قارىغۇدەك كۆزى يوق.بەزى ئىشلارغا بۇرۇن ھەيران قالاتتىم. ھازىر ھەيرانمۇ قالمايمەن، بەزىدە كىشىلەرنىڭ روھى ساغلامكەندە دەپمۇ ئويلاپمۇ  قالىمەن. مەسىلەن:  مەن ھازىرلا بىر دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ خەتنە تويىغا باردىم دەيلى.ئۇ يەردە جىن پەرىلەردەك گىرىم ھۆسنىگە تولغان قىز چوكانلارنى، كورتلار ۋادىسى فىلىمىدىكى پولات ئەلەمداردەك پوزۇر كىيىنگەن مىھمانلارنى كۆرۈپ بۇ شەھەردە مەنلا ئاشۇنداق بىئارامچىلىقتا ياشاۋاتقاندەك ھىسسىياتتا بولۇپ قېلىشىم تەبىئى . توي باشلىنا باشلانماي ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك قايتىشقا ماڭغان مىھمانلارنى بىلمىگەنلەر ياكى سىرىتتىن كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ گىدەيگەن ،چىقىۋاتقان تائاملارغىمۇ كۆز قىرىنى سالماي، ئىسراپ بولۇشىنى ئويلىشىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن بۇ ئېسىل سۈپەت ئاق ياقىلىقلار كەبى ئۈرۈمچىلىكلەرنى كۆرۈپ، بەلكىم بىر نەچچە شىركىتى بار ،بىر نەچچە رېستۇران ئاچقان بايۋەچچىلەر بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالماڭ.ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىسىنىڭ بانكىدىن ئالغان قەرز بەدىلىگە  2-قول ماشىنىسى ھەتتا 100كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆيى بولۇشى مۈمكىن. قولنىڭمۇ ئوڭ دۇم دەپ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك، بەزى ئۈستەللەردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەر سۈپەت خانىم قىزلار  ئسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن، يانلىرىغا خالتىلارنى سېلىۋېلىپ كېلىپ تويدىكى ئۈستەلگە چىققان تائاملارنى ئېلىپ ئۆيلىرىگە ئەكىتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.

  يازمامنىڭ باش تېمىسىغا كەلسەك، مەن مۇشۇنداق ئىس تۈتەكلەر ئىچىدىن ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولغان پۇرجۇنلۇق ئارزۇ ئارمانلىرىمنى ئىزدەپ، قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى يەنى سەبىىي چاغلىرىمدىكى گۈزەل يۇرتۇمنى سېغىنغان ئىدىم. شۇ چاغلاردىكى دوستلىرىم بىلەن ئېرىق بويىغا كېلىپ يالپۇز ئۈزگەن كۈنلەرنى ، كېچە بولۇپ كېتىپمۇ ئۆيگە كىرمەستىن ئوينىغان مۆكۈ مۆكۈلەڭ ئويۇنلىرىمىزنى، ئاپامنىڭ نەنەلەردىن چاقىرغان ئاۋازىنى ، دەرەخ شاخلىرىنى ئات قىلىپ يۇگۈرۇپ ئويناشلىرىمىزنى، قۇشلارنىڭ نەغمە ناۋاسىنى،كاككۇكنىڭ ئاۋازىنى، غورا ئېلىپ قاچساق ئىتنىڭ قوغلاپ كېتىشلىرىنى،ئۇتۇن تەرگەچ ئېيتىشقان چۆچەكلەرنى، كېپىنەك قوغلاپ  قوڭغۇز تۇتۇپ ساناپ، ئېرىققا نان تاشلاپ يۇمشىتىپ يىيىشىپ، لايدىن قونچاق ياسساپ ئوي ياسساپ ئوينىغان شۇ كۈنلەرنى سېغىنغان ئىدىم.

مەن تىگى يوق ئاچچىق ھەم شىرىن  خىياللار ئىچىدە ئۆيگە كىرىپ بولغان ئىدىم. قىزىم ؛- ئاپا ،سىلەرنى ساقلاپ تۇردۇم مەن دۇكاندىن بەش سىزىقلىق دەپتەر ئالاي دېگەن.يولدىشىممۇ ئىشتىن چۈشۈپ كىرگەن ئىدى. مەن يولدىشىمغا ؛

-ھېلىمۇ بىز يوق چاغدا ما بالا يالغۇز دەپتەر ئالغىلى چىقىپ كەتمەپتۇ، سىز ئىشىك ئالدىدىكى دۇكانغا  بىللە چىقىپ ئېلىشىپ بېرەمسىز؟ مەنمۇ؟

 

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif