گۈل دۇكىنىدىكى ھېكايە

ۋاقتى: 2012-09-09 / تۈرى: باغۋەنلەر مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 1,411 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

  

    بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولغاچقا ئوقۇتقۇچىمغا گۈل سوۋغا قىلىش ئۈچۈن گۈل دۇكىنىغا كەلدىم .تۈرلۈك لالە گۈللەرنىڭ خۇش بۇي ھىدى ئادەمنى مەسخۇش قىلاتتى .گۈل ساتقۇچى قىزنىڭ چىھرىدىنمۇ مۇشۇ چىرايلىق گۈللەردەك خۇش چىراي تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.يۇمۇلاق شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلاردىن بىرىگە تېلىفون كەلدى.

    -مەن گۈلنى ئېلىپ بولدۇم ،مۇئەللىمنىڭ قوراسى ئالدىدىكى دەرۋازا ئالدىدا كۆرىشەيلى ،قالغان ساۋاقداشلارمۇ يولدىكەن….بولىدۇ ئەمسە ……

   بۇ تېلىفوندىكى دىئالوگلارغا ئادەتتىكى ۋاقىتلار بولسا ئانچە دىققەت قىلمىغان بولاتتۇق، بۈگۈن دۇكاندىكى ھەممەيلەن سۆيۈنۈپ ئاڭلاپ كەتكەن ئىدۇق. شۇ پەيتتە شىرەدە ئولتۇرغانلاردىن بىرى گەپ باشلىدى.

   -ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى بارھە،،،ئوقۇتقۇچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق شەرەپكە نائىل بولۇشى ناتايىندە…. -سۆزلىگۈچىنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ بارلىقىغا ھەممىمىزلا قىزىقىپ قالساق كېرەك، تەڭلا سورىدۇق:

   ئەجەپ بۇنداق دەپ قالدىڭىز ؟ –

 شۇنداق ..مەن شۇ ئوقۇتقۇچى نىقاۋىغا ئورۇنىۇۋالغان بىرى تۈپەيلىدىن تەن جازاسىغا ئۇچراپ مەكتەپنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ ئوقۇيالمىغان. كۆزۈمگە ئالۋاستىنىڭ ئۆزىدەكلا كۆرىنىدىغۇ ئۇ نىمىلەر ،،،گۈل سوغا قىلىش تۈگۈل كۆرسەكمۇ قاچىمىز يار ياقىلاپ ..مىنى قاتارغا قېتىپ مۇشۇنچىلىك ئادەم قىلىپ تەربىيەلىگەن ئانامغا گۈل ئالغىلى كىردىم شۇڭا…ئاۋۇ گۇلنى ئالاي….

   يانا بىرەيلەنمۇ ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى قوللاپ قۇۋەتلەپلا كەتتى.

   ناھايىتى توغرا ….مەنمۇ ئوقۇتقۇچۇمنى كورسەم كۆرمەسكە سالىمەن، مېنىڭمۇ غۇرۇرۇمغا تەككەن بولغاچقا بىر ئۆمۈر ئېسىمدىن چىقىرالمىدىم ،بۇ گۇلنى ئاكام ئوقۇتقۇچى بولغاچقىلا سوۋغا قىلغۇم كېلىپ قالدى شۇ …

   يانا بىرەيلەنمۇ ئاۋاز قوشۇپ : – دىمىسىمۇ ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلار بارغانسېرى ئوقۇتقۇچىغا ئوخشىمايلا قالدى،يا ئوقۇتقۇچىلىق ئىسكەتىنىڭ تايىنى يوق ،يا بالىلارغا تەربىيەسى يۇقمىغان ، ئىككى زۇۋاندا سۆزلەپ ئۆتكەن دەرسىنى سورىسا ئۆزىمۇ بىلىشمەمدىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن، ئاشۇنداق يېڭى تىلى چىققان بالىدەك سۆزلەپ يۈرۈشسە ئۇلار تەربىيەلىگەن بالىلار چالا زۇۋانى بىلەن كەلگۈسىدە ئۇلارغا گۈلمۇ سوغا قىلىشارمۇ؟

   ئارىمىزدىن بىرى ئۆزى ئوقۇتقۇچى بولسا كېرەك تىرىككىپلا كەتتى …

   -ھۇي،- نىمە جىق گەپ بۇ …يائاللا ….بىر دەستە گۈل بېرىشنىڭ ئىشىغۇ بۇ ….خۇددى جاھاننى بېرىدىغاندەك …..

   مېنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا نۇتۇق سۆزلىگىم كېلىۋاتاتتى …ھېلىمۇ قەلب مۇنبىرىمدە سۆزلەۋاتاتتىم .شۇ بىر دەستە گۇلنىڭ تېگىگە قەلب ئىشىكىنى ئاچالىغان ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنېرىلا چۆكەلەيدۇ .ئادەم بولۇش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتەلىگەن، سەبىىي قەلبكە چۆكۈپ ئادەم بولۇش ئۆلچەملىرىنى قان تومۇر ۋە ھۈجەيرىلىرىگىچە تاشقا مۆھۈر باسقاندەك يېزىپ چىقالىغان، ھەقىقى مەنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار مەڭگۈلۈك ھۆرمەتكە ئىگە بولالايدۇ .ئۇنداق ھۆرمەت ئالدىدا بۇ بىر دەستە گۈلمۇ خىجىل بولىدۇ –ئەلۋەتتە.

   گۈلچى قىز خىيالىمنى بۆلدى. مەن بىر دەستە گۈلنى مەھكەم تۇتۇپ كىتىۋاتىمەن .مىنىڭ ئەشۇ پەرىشتە سۈپەت ئۇستازىمنىڭ قېشىغا كېتىۋاتىمەن ،مېنى مۇشۇنداق شان شەرەپكە نائىل قىلغان،  ئۆزەمنى ئىزدەپ تاپقۇزغان ، ئارزۇ غايىلىرىمنىڭ پىلتىسىنى ياققۇچى، خاسىيىتى چەكسىز ھۆرمەت شاھى ئۇستازىمنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلىغىلى كېتىۋاتىمەن!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif