2012-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق HSK ۋە MHK غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى بۈگۈن تارقاتقان ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئېلىنىدىغان ئىككى خىل خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (HSK ۋە MHK) غا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشىنىڭ مۇھىم روھى تۆۋەندىكىچە:
- ئىمتىھان ۋاقتى
-
HSK ئالى دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-6-كۈنلىرى؛ HSK دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 5- ئاينىڭ 13 – كۈنى
-
MHK ئېغىزچە ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 4- ئاينىڭ 21 – كۈنى. ئۈچىنچى دەرىجىلىك يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 2012-يىلى 4- ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۆتىنچى دەرىجىلىك يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 2012-يىلى 4- ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن كېيىن.
تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى
-
HSK ئىمتىھانىنىڭ 2012-يىلى 3- ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە (خىزمەت كۈنلىرى)؛
-
MHK ئىمتىھانىنىڭ 2012-يىلى 3- ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە (خىزمەت كۈنلىرى)
تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى
-
HSK نىڭ يۇقىرى دەرىجىسى ۋە MHK نىڭ تۆتىنچى دەرىجىسىگە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھان مەركىزىگە بېرىپ تىزىملىتىسىز. قالغان دەرىجىدىكى ئىمتىھانلارنىڭ ئىچىدە HSK نى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مائارىپ ئىدارىسى ۋە جايلاردىكى خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھانىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارغا بېرىپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ؛ MHK نى جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھانىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارغا بېرىپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. مەيلى قايسى ئىمتىھان بولسۇن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە كۇرسانتلار مەكتەپ ئاتلاپ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە تىزىملىتىشى كېرەك.
-
دىققەت : بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلىدا MHK پەقەت قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ۋە ئىلى ئوبلاستىدا سىناق قىلىنىدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىلىدۇ.
ئىمتىھان ھەققى
-
HSK دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 40 يۈەن، باشقا كىشىلەر ئۈچۈن 50 يۈەن؛ HSK ئالى دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 110 يۈەن، باشقا كىشىلەر ئۈچۈن 120 يۈەن.
-
MHK ئىمتىھاننىڭ ئىمتىھان تىزىملىتىش ھەققى 5 يۈەن، ئىمتىھان ھەققى 65 يۈەن(ھەممىسىگە ئوخشاش).
باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار
-
تىزىملاتقاندا كىملىك ۋە ئۇنىڭ ئىككى پارچە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ھەم يېقىندا چۈشكەن بىر سۇڭلۇق 2 پارچە رەسىم ئېلىپ بارىسىز.
-
MHK نىڭ ئېغىزچە ئىمتىھانى كومپىيوتېر بىلەن ئادەم ئارىسىدا بولىدۇ، شۇڭا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئىمتىھاندىن بۇرۇن مەيدانغا بېرىپ مۇھىت بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىڭ.
-
باشقا ئىشلارنى تىزىملاتقان جايدىن بىلىۋېلىڭ.
ئالدىنقى يازما: «ئوغۇزنامە»
كىيىنكى يازما: بۇ يىل 2-ئايدا شىنجاڭ ئىقتىساسلىلار بازىرى 13 مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ
كىيىنكى يازما: بۇ يىل 2-ئايدا شىنجاڭ ئىقتىساسلىلار بازىرى 13 مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ