ئىككى ئاتنىڭ تەقدىرى
ئىككى ئات ئايرىم – ئايرىم ئىككى ھارۋىنى سۆرەپ، يىراق سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئالدىدىكى ئات تەكشى، سىيلىق مېڭىپتۇ. كەينىدىكى ئات بولسا ماڭغانسېرى ھالسىزلىنىپ، توختاپ-توختاپ ئارام ئېلىپ مېڭىپتۇ.
ئىككى ئاتنىڭ تەڭ مېڭىشى ئۈچۈن خوجايىن كەينىدىكى ھارۋىنىڭ يۈكىدىن بىر قىسمىنى ئالدىدىكى ھارۋىغا يۆتكەپ، كەينىدىكى ھارۋىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپتۇ. كەينىدىكى ئات راھەت ھېس قىلىپ، تېزلا ئالدىدىكى ئاتقا يېتىشىۋېلىپ تەڭ مېڭىپتۇ.
كەينىدىكى ئات ئالدىدىكى ئاتقا دەپتۇ:
__ قارا ئۆزەڭگە، جاپا تارتىپ ھېرىپ كېتىپسەن. سەن قانچە ئىشلىگەنسېرى خەق سېنى شۇنچە قىينايدۇ. ۋەزىپەڭ ۋە مەسئۇلىيىتىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ.
ئالدىدىكى ئات دەپتۇ:
__ بىراق ئاخىرقى نەتىجىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!
ئۇلار قۇشخانىغا كېلىپ توختاپتۇ.
__ ئالدىدىكى ئېتىم ناھايىتى ياراملىق، ئىككى ئاتقا تېگىشكۈسىز! ئىككى ئات باققاندىن كۆرە، ئىككى ئاتنىڭ يەم- بوغۇزى بىلەن بىر ئاتنى باققىنىم ياخشىكەن. يەنە بىر ئاتنى دەرھال سويۇۋېتىڭ، ھېچبولمىسا تېرىسىنى بولسىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ!__ دەپتۇ خوجايىن ۋە راستىنلا دېگىنىدەك قىپتۇ.
يەكۈن:
ئاكتىپ ئىشلەيدىغان ئادەمنىڭ پاسسىپ ئادەمدىن ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، ئۇلار ھەققى بىلەن ھېسابلاشماي تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا رازى بولىدۇ.
ئۆزىڭىزگە بۆلۈنگەن خىزمەتنى ئادا قىلالمىسىڭىز، سىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى ئەجەللىك زەربە ۋە ئازاپ بولىدۇ.
«پەلسەپىۋى مەسەللەر» دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
كىيىنكى يازما: خارۋارد دەرسخانىسى(Video) –قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئەخلاق تەرىپى
2011/12/05 17:08:11
بۈگۈنكى كۈندە تىرىشمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى ئارقىدا قالغان ئاتنىڭ كۈنىگە قالىدۇ.مۇشۇنداق مەسەل بولسا كۆپلەپ تەمىنلەپ بەرسەڭلار، رەخمەت!
2011/12/05 14:39:26
كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق بولشىنى ئۈممىت قىلىمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!