يەنە 裸报،裸学 ئاتالغۇسى ھەققىدە

ۋاقتى: 2012-05-31 / تۈرى: ئاتالغۇ مۇنبىرى / كۆرۈلۈشى: 644 قېتىم / 7 دانە باھا يوللانغان باھا

   

    ئۆتكەندە مۇشۇ ئاتالغۇنى قانداق ئېلىش ھەققىدە كۆپچىلىكتىن مەسلىھەت سورىغان ئىدۇق. بۇ توغرىلىق بىرەر تەكلىپ بولمىدى، ئاخشام تۇرۇپلا بۇ ئىككى ئاتالغۇ ھەققىدە يېڭى پىكىر كېلىپ قالدى، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتۇق.

    مەلۇم بولغىنىدەك، ئەسلى مەنادىن ئېيتقاندا 裸 نىڭ مەنىسى ”يالىڭاچ“ دېگەنلىك بولىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرچىدا بۇنداق ئالساق مۇۋاپىق بولمايدۇ. كېيىن خەنزۇچىدىكى شۇ مەنانى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ھەققىدە ئويلانسام، باشقىچىرەك پىكىر كەلدى.  تەييارلىقنى پۇختا قىلماي بىرەر ئىش قىلماقچى بولساق، ئادەتتە ”تاھارەت“ بوش دەيمىز. شۇڭا  裸报 نى ”تاھارەتسىز“ تىزىملىتىش ياكى ”تاھارەت بوش“ تىزىملىتىش دېسەك ئەسلى مەنانىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن ھەمدە تىلىمىزنىڭ ئادىتىگىمۇ ئۇيغۇن كەلگۈدەك. مۇۋاپىقمۇ يوق كۆپچىلىك پىكىر بەرسە بولىدۇ. 裸学 گە كەلسەك بۇ ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە بولۇپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئەمىلىنى ئېلىۋېتىپ، ئىشتىن تۇلۇق ئايرىلىپ كۇرسقا (ئۆگىنىشكە) قاتنىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرچىدا بىز ئەمەلنى  ”قالپاق“ سۆزى بىلەنمۇ ئىپادىلەيمىز، مەسىلەن، ئەمىلى ئۆسسە قالپىقى چوڭايدى، يېڭىدىن ئەمەلدار بولسا چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ قالپاققا ئېرىشىپتۇقتە دەيمىز. شۇڭا 裸学 نى ”قالپاقسىز“ ئۆگىنىشكە بېرىش ياكى ”قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ“ كۇرسقا قاتنىشىش دەپ ئالساق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، 裸实习،裸婚،裸官 ئاتالغۇلىرى ھەققىدە مۇۋاپىق پىكىر كەلمىدى. تورداشلار يەنىمۇ ئويلىنىپ باقساق چوقۇم مۇۋاپىق سۆز تېپىلىدۇ.

7نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. بىپەرۋا
    2012/06/05 11:54:44

    تاشاخۇن، دېگىنىڭىز توغرا، ئۆتمۈشتە ‹‹تىلىمىزنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور›› ئىدى، بۇ قارىشىڭىزنى ناۋايى ھەزرىتىمىز ‹‹ئىككى تىل مۇنازىرەسى››دە ئىنچىكىلىك بىلەن دەلىللىگەن ھەم قانچە ئوقۇساق شۇنچە ھوزۇرلاندۇرىدىغان نادىر شېئىرلارنى يېزىپ، تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلغان. تىل تەپەككۇرنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىش شەكلى، ئوبدان دىققەت قىلىپ بېقىڭ، مەيلى تېلېۋىزۇرلاردا بولسۇن، مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىغا چۈشۈرۈپ، راۋان كېلىشتۈرۈپ سۆزلەيدىغان كىشىنى ئۇچراتقىلى بولمايۋاتىدۇ. بۇ، دەل بىزنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىمىزنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىختىرا قىلىنىۋاتقان كەشپىياتلارنىڭ كۆپلىكىدىن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىسىم قويۇپ ئۈلگۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ.
    لېكىن، تىل-يېزىق كومىتېتىدا ئالىملار بەك كۆپ بولغاندىكىن، يۇقىرىقىدەك ئاتالغۇلارغا شۇلار نام بەرسۇن، بىزنىڭ گېپىمىز گەپ بولمايدۇ ئالىملار ئالدىدا.

    • بابۇرشاھ
      2012/06/06 10:55:07

      دېگىنىڭىزنىڭ مەلۇم ئاساسى بار، شۇنداق سىز دېگەندەك تىلىمىز جىددى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن بەزى گەپلەرنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتسەكمۇ بولماس. مەسىلەن، سىز مۇنداق دەپسىز:«مەيلى تېلېۋىزۇرلاردا بولسۇن، مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىغا چۈشۈرۈپ، راۋان كېلىشتۈرۈپ سۆزلەيدىغان كىشىنى ئۇچراتقىلى بولمايۋاتىدۇ».
      ئۇچراتقىلى بولمايۋاتىدۇ دېسەك، سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك تىلىمىزدا ئېغىر دەرىجىدە بولغىنىش بار، لېكىن ياخشى تەرجىمانلىرىمىز ھەم دېكتور رېياسەتچىلىرىمىزمۇ بار. بۇنى ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ تۈزەتسەك بولىدۇ. مېنىڭ تەكلىۋىم، مەسىلىگە كونكىرت پىكىر بەرسەك، ئۇنداق ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئىنكار قىلىۋەتمىسەك. مەسىلەن، ھەر كۈنى تېلېۋىزور نۇمۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇ جەرياندا ھەر خىل مەسىلىلەر ئۇچرايدۇ، شۇ ئاڭلىغان ياكى كۆرگەنلىرىمىزنى كونكىرت يېزىپ، بولمىغان يېرىنى كۆرسىتىپ، قانداق قىلسا بولىدىغانلىقىنمۇ قوشۇپ تەكلىپ بەرسەك، مېنىڭچە چوقۇم پايدىلىق ئىش قىلغان بولىمىز. ئەمدى تىل يېزىق كومىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلىرىمىزغا كەلسەك، مەن سۈرۈشتۈردۈم، ئۇلارنىڭ تىك يۆلىنىش بويىچە مەركەزدە مەخسۇس ئاتالغۇ بېكىتىدىغان بىر ئورگىنى بار ئىكەن، شۇلار بېكىتكەننى بېكىتىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئاتالغۇلار ھەققىدە ئويلانمايدىكەن. ھالبۇكى، كۈندە دېگۈدەك يېڭى سۆز-ئاتالغۇلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلىمىز ھەققىدە كۈچ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىمىز بار دەپ ئويلايمەن.

  2. تاشاخۇن
    2012/06/04 15:48:33

    مېنىڭ قارىشىمچە بلوگگېرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى خېلى مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن. بىز سۆز ئاتالغۇ ياسىغان ئىكەنمىز، چوقۇم ئەستايىدىل بولىشىمىز كېرەك. تىلىمىزنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، كۆچمە مەنا دەل ئەنە شۇنداق يۇشۇرۇن كۈچنىڭ بىرى. ئەگەر مۇۋاپىق بولسا ياخشى بوپتۇ دېسەك بولىدۇ، مۇۋاپىق بولمىسا تەكلىپ بەرسەك بولىدۇ. لېكىن «بىپەرۋا» ئەپەندىنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش ئاتالغۇ ئىشىدا بىپەرۋالىق قىلساق بولمايدۇ :lol: ، چاقچاق! «ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ئۇقۇمغا ئايلاندۇرىمەن دېيىش ئارتۇقچە ئىش» دېسەك مەسئۇلىيەتسىزلىق قىلغان بولىمىز. شۇنداقمۇ بىپەرۋا ئەپەندى؟

  3. بىپەرۋا
    2012/06/04 14:16:05

    مېنىڭچە، 裸报 نى تەرييارلىقسىز تىزىملىتىش؛ 裸婚 نى قۇرۇق قول توي قىلىش؛ 裸实习 نى قۇرۇق قول پىراكتىكا قىلىش؛ 裸学 نى مەنسەپسىز ھالدا ئۆگىنىشكە قاتنىشىش؛ 裸官 نى تەنھا ئەمەلدار دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بۇلارمىكىن. بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، مەلۇم بىر ئاتالغۇغا كەسىپ ئىگىلىرىگە تونۇشلۇق بولسىلا كۇپايە، ئۇنى ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ئۇقۇمغا ئايلاندۇرىمەن دېيىش ئارتۇقچە ئىش.

  4. پەخرىم
    2012/06/03 14:01:04

    بۇنى يەنىلا ئىزدىنىپ بېقىڭلا

  5. m
    2012/06/01 12:26:06

    تاھارەتسىز تىزىملىتىش دىسە تىزىملىتىشقىمۇ تەرەت ئېلىش كىتەمدىغاندۇ دەپ قالىدىكەن،قاملاشمىغانلام بىر گەپ بولدى …مەنچە ئۇنداق تەرجىمە قىلىشنىڭ ئورنى يوق ، ئۈگۈنۈشكە كەتتى دىسەكلام كۇپايە ، سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلمەن دەپ تۇرۋالمىساقمۇ بولار…

    • بابۇرشاھ
      2012/06/01 16:34:39

      بۇ ئۈگىنىشكە كەتتى دېگەن گەپ ئەمەس، ئەسلى سۆزنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىگە ئوبدان قاراڭ.«تاھارەتسىز»دېگەن بۇ يەردە كۆچمە مەنانى ئىپادىلەيدۇ، تەرەت ئېلىش دېگەننى چۈشەندۈرمەيدۇ، شۇڭا تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويۇلغان.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif