غۇلجا تەسىراتلىرى
ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيەت دەرس مۇھاكىمە يىغىنى 2011–يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى غۇلجا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مائارىپ تەتقاتچىلىرى ،ھەر قايسى رايونلاردىن كەلگەن مەكتەپ رەھبەرلىرى ،دەرس ئۆتكۈچى ماھىرلار ،ۋەكىللەر ھەم غۇلجا شەھرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قاتناشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بويىچە ئايرىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەق مەيدان مۇسابىقىلىق دەرسى باشلىنىپ كەتتى. ئوتتۇرا مەكتەپ قىسمىغا ئاپتونۇم رايونلۇق تەتقىقات ئىشخانىسىدىن مۇنىرە ھەدە ،باشلانغۇچ قىسمىغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەتقىقات ئىدارىسىدىن سۈبھى مۇئەللىم يىتەكچىلىك قىلدى. ھەر گۇرۇپتا 5 تىن تەتقىقاتچى باھالىغۇچى بولۇپ باھالاشتا ئادىل بولۇش ،ئىلھاملاندۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە باھالاش ئېلىپ بېرىلدى. شۇڭا بەزى كۆز قاراشلىرىم ھەم كۆرگەنلىرىمگە توقۇلما ئارىلاشتۇرماي تەسىراتىمنى يېزىشنى توغرا تاپتىم.
جاۋاپسىز سۇئاللار
بىز ئۈرۈمچى رايونىدىن تەتقىقاتچى،رايون ،مەكتەپ ۋەكىلى ھەم دەرس ئۆتكۈچى ماھىر بولۇپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە جەمئىي 9 كىشى قاتناشتۇق . ئارىمىزدىكى دەرس ئۆتكۈچى ماھىرلىرىمىز مۇسابىقىلىق دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن بالىلارغا ماتىرىيال توپلاپ كېلىش تاپشۇرۇقى بېرىش ئۈچۈن دەرس بېرىدىغان يىللىقلارغا كىرىپ كېتىشكەن ئىدى. ئۇلار خېلى ئۇزۇندىن كېيىن چىقتى. چىرايلىرى سۇلغۇن كۆرىنەتتى.تەئەجۈپلىنىپ سورىدۇق:-
-نىمە بولدى،نىمانچە بېشىڭلار چۈشۈپ كەتتى ……باشقا ئىش يوقتۇ؟.
دەرس ئۆتكۈچى ماھىر ئىنتايىن روھى چۈشكۈن ھالدا جاۋاپ بەردى:
-4-يىللىقنىڭ بالىلىرى ئانا تىلىدىن تېخىچە ساۋادى يوقكەن، ئۇلارغا ئېلىپبەنى ئەمدى باشلاپتۇ. بالىلار خەت ئۇقىيالمايدىكەن ،ئۇلار ئەسلى توپلىغان ماتىرىيالىنى ئوقۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.ئەمدى بالىلار ماڭا ماسلىشالماي دەرسىم ياخشى چىقمايدىغان بولدى.
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەممىمىزنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. مېنىڭ ئىچىمدە نۇرغۇن سۇئاللار جاۋاپسىز قېلىۋاتاتتى. بۇرۇن بۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، بىر كۈنلەردە چۆگىلەپ كېلىپ ئۆزىمىزنىڭ نەتىجىسىگە باغلىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىدۇق .يول بويى ھەممىمىز خىيال ئىچىدە كېتىۋاتاتتۇق.ئۆز- ئۆزەمگە 7 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان ئارىلىقنىڭ بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ، قوبۇل قىلىش ئۈنىمى ئەڭ يۇقۇرى بولغان ئالتۇن دەۋرى ئىكەنلىكىنى ، ئانا تىل ئارقىلىق تەپەككۈر دەرۋازىسىنى ئېچىشنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق سۇئاللار كاللامدا توختىماي تۇغۇلماقتا ئىدى.بۇ بىزدىكى مائارىپ مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ ،مائارىپشۇناس ئالىملىرىمىزنىڭ كەملىكىدىنمىدۇ؟ گەرچە بۇ يىلدىن باشلاپ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى 1- يىللىقتىن باشلاپ يولغا قويغان بولسىمۇ، ئارىلىقتىكى شۇ بالىلارغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ سۇئاللار مارجاندەك تىزىلماقتا .توپ-توپ ئۇچۇپ بۇككىدە دەرەخلەرگە قونىۋاتقان قاغىلارنىڭ غاقىلداپ سايراشلىرى دىققىتىمىزنى چېچىپ، ئاچچىق ھېسلارنى پەيدا قىلاتتى.
كىيىنكى يازما: ”مائارىپ قۇيۇپ قويۇش ئەمەس، ئوت يېقىش دېمەكتۇر“
2011/11/26 22:02:16
كەينى قانداق بولدى؟
2011/11/27 23:19:27
دەل دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ پەرىزىدەك بولۇپ چىقتى.
baburshah@126.com
baburshah